باش بەت > پەتىۋالار > خۇراپات  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام سىز ئويلىغاندەك بۇ سۆزنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. چۈنكى ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئىبادەت قىلمايدۇ ۋە ئىبادەت قىلىشقىمۇ تەكلىپ قىلىنمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ:

”سەن ئۆزۈڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن“ (ھىجر سۈرىسى، 99 ـ ئايەت) لېكىن سىز شۇنى بىلىۋېلىڭكى، قەبرىستان ئۆلۈكلەرگە ئاتاپ ئايەت ئوقۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئىبرەت ئىلىش ئۈچۈن ۋە قەبرىدىكىلەرگە سالام قىلىش ئۈچۈن زىيارەت قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قەبرىستانلىققا چىققان ۋاقتىمىزدا بىرىنچىدىن ئۆزىمىزنىڭ ھامىنى بىر كۈنى ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىمىزنى، ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن توغرا ئەقىدە ۋە ياخشى ئەمەلدىن باشقا ھېچنەرسىنىڭ ئەسقاتمايدىغانلىقىنى ئويلىشىمىز لازىم. ئىككىنچىدىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ”ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەي قەبرىدە يېتىۋاتقان ئەر ـ ئايال مۇئمىن ـ مۇسۇلمانلار! ئاللاھ بىزنى ۋە سىلەرنى ئەپۇ قىلسۇن، سىلەر بۇ جايغا بىزدىن بۇرۇن كەلدىڭلار، بىزمۇ ئاللاھ خالىغان بىر پەيتتە سىلەرگە يېتىشىمىز“ دەپ سالام قىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا نامازلىرىمىزنىڭ ئارقىسىدىن ۋە ھەر پۇرسەتتە ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرىتى ئۈچۈن ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىمىز.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ