باش بەت > پەتىۋالار > قەبىر زىيارىتى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
سوئال:
 پەيشەنبە كۈنىدىن جۈمە كۈنى ئەسىر ۋاقتىغىچە قەبرە يوقلىسا قەبرىدىكى كىشىنىڭ روھى يوقلاپ كەلگۈچىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، دېگەن گەپنىڭ دىنىمىزدا بىرەر ئاساسى بارمۇ؟ قەبرىستانلىقتىن ئايرىلغاندا قەبرىستاندا ياتقان كىشىنى ئاللاھقا ئامانەت دېمىسە، ئۇنىڭ روھى راستتىنلا ئەگىشۋالامدۇ؟
جاۋاب:
قەبرە زىيارەت قىلىش ئۈچۈن مۇئەييەن بىر ۋاقىت بەلگىلەنمىگەن. «مۇنداق ۋاقىتتا قەبرە زىيارەت قىلىش ياخشى» دەپمۇ بىر تەلىمات يوق. بۇنىڭغا ئاساسەن قەبرە زىيارەت قىلماقچى بولغان بىر مۇسۇلمانغا قايسى ۋاقىت ئۇيغۇن بولسا، شۇ ۋاقىتتا (ئۆزىگە يېقىن بولغان) بىرەر قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلىپ، پەيغەمبىرىمىز ئۆگەتكەن بويىچە «ئى قەبرىدىكىلەر! سىلەرگە سالام، سىلەر بىزدىن ئىلگىرى بۇ يەرگە كەلدىڭلار، بىزمۇ ئاللاھ بۇيرۇسا پات يېقىندا سىلەرگە قوشۇلىمىز، ئاللاھ بىزگە ۋە سىلەرگە ئامان ـ ئېسەنلىك ئاتا قىلسۇن. ئى ئاللاھ! بۇلارغا رەھىم قىلغىن» دەپ قەبرىدىكلەرگە سالام ۋە دۇئا قىلىپ قايتسا بولىدۇ.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ قەبرە زىيارىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلىرى بۇلارنى كۆرسىتىدۇ. قەبرىستانلىققا بېرىپ يۇقىرىقىلاردىن باشقا بىر ئىش قىلىش يا بىدئەتتۇر، يا شېرىكتۇر. مەسىلەن:
قەبرە زىيارەت قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس كۈن تەيىنلەش، قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئوقۇش، قەبرىنى نوچى ياساش ـ ياساتقۇزۇش، خادا تىكلەپ تۇغ ـ ئەلەم ئېسىش، سالاسۇن قويۇش تاختىلارغا ئايەتلەرنى ياكى قانداقلا بىر نەرسىلەرنى يېزىپ، قەبرىلەرنىڭ بېشىغا قويۇلغان خادىلارغا ئېسىپ قويۇش ياكى مىخلاپ قويۇشقاتارلىق ئىشلار بىدئەت ئىشلاردۇر.
قەبرىلەردىن ياكى روھلاردىن بىر نەرسە تىلەش، قەبرىلەرنى ئايلىنىش (تاۋاپ قىلىش)، قەبرىدىكىلەرنى ياكى ئۇلارنىڭ روھلىرىنى خوش بولسۇن، دەپ قانداقلا بىر ئىش قىلىش، سەپەر جابدۇقى قىلىپ بارمىسا بارغىلى بولمايدىغان قەبرىستانلىق (پادىشاھىم، پاشايىم، ئىماملىرىم، مازار-غوجام) لارغا بېرىش، ئۇلارنى تاۋاپ قىلىش، ئۇلاردىن بىر نەرسە تىلەش، ئۇلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش، نەزرە قىلىش، شاخ يېرىش، يىڭنە سانجىش، پىچاق چوقۇش، ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ روھى خوش بولسۇن، دەپ بوي سېلىش، ياغ پۇرۇتۇشقاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر.
قەبرىستانلىققا بارمىسىمۇ دۇئا قىلغان ياكى ئولتۇرغان ـ قوپقان چاغلىرىدا «پىرىم، يا پىرىم، يا پىرىم مەدەت»، «پىر دەستىگىر» «غەۋسىلئەزەم ئەلمەدەت» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىدىغان، يەنىلا ئۆزىنى «مۇسۇلمانى كامىل» ھېسابلايدىغان كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەس جەمئىيەتتە. ئۇلارنىڭ ھېلىقىدەك سۆزلەرنى قىلىشى شېرىكتۇر.
شۇڭا بىلىدىغانلار تېخىمۇ تىرىشىپ ئىزدىنىپ، يۇقىرىقىلارنىڭ شېرىك ئىكەنلىكىنى ئەقلىي ۋە نەقلىي دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاپ، ئۇلارغا ئىلمىي بىر شەكىلدە ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشەندۈرۈشلىرى كېرەك! ئەقىدىسىدە شېرىك بولغانلارغا تەۋھىد ۋە شېرىكنى (ئىنتېرنېت ، ئاغزاكى تەبلىغ ۋە كىتاب ـ كىتابچەلەر ئارقىلىق) چۈشەندۈرۈشلىرى كېرەك.

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ