مۇسۇلمانلار

دۇكان ئاچسام بولامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام دىنىمىز تىجارەتكە يول قويىدۇ. سىز قىلماقچى بولغان ئىشمۇ تىجارەت دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئۇنداقتا ئۇ ئىشنى قىلسىڭىز بولىدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە تىجارەت قىلماقچى بولغان بىر كىشى شۇ يەرنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن بۇ ئىشنى قىلالايدۇ. بۇ تەبىئى ئەھۋال! ئەكسى تەقدىردە تىجارەت قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئۇنىڭ شۇ يەردە ياشىشىمۇ خەۋپ ئاستىدا قالىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن سىز بۇ ئىشنى قىلماقچى بولغان يەردە مۇمكىن بولغان ئاساستا قىلسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭغا دىنىمىز ھېچنېمە دېمەيدۇ. چۈنكى دىن ئالەمشۇمۇل بىر يول بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يولدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مېڭىش مۇمكىن. مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن مەلۇم بىر رايوندا ياشاش كېرەك بولمىغاندەك ياشاۋاتقان رايونىمىزدا قولىمىزدىن كەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشمۇ كېرەك ئەمەس. قۇرئان كەرىمنىڭ 40 ـ سۈرىسىنىڭ 28 ـ ئايىتى ۋە داۋامىدىكى ئايەتلەرنى ئوقۇسىڭىز، بۇ ھەقتە چۈشەنچىگە ئىگە بولىسىز. تارىختا ئۆتكەن ھېچبىر پەيغەمبەر ئۆزى ياشىغان دەۋردىكى ئىنسانلارنى قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمىغان. ئۆزلىرىمۇ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئۇرۇنمىغان. شۇڭا پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىگە قارىغان ۋاختىمىزدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا «تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان پەيغەمبەر» ياكى «قېچىپ يۈرگەن پەيغەمبەر» دەپ بىر پەيغەمبەر ئۇچراتمايمىز.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر