باش بەت > ئۇنىۋېرسال > پەتىۋالار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

بۇ، ئاي مىلادىيە كالېندارى بويىچە 3 ـ ئاي؛ ھىجىرىيە كالېندارى بويىچىمۇ 3 ـ ئاي يەنى رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيى.

بۇ ئايدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغانلىقى ۋە ۋاپات قىلىنغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. لېكىن دىنىمىز بۇ ئايدا باشقا ئايلاردىكىدىن پەرقلىق بىر ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇمايدۇ، ھەتتا تەشۋىقمۇ قىلمايدۇ. ئەكسىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توغۇلغان كۈنىنى «مەلۇد» كېچىسى نامى ئاستىدا قۇتلاش، ئۇ كۈندە باشقا كۈنلەردىكىدىن پەرقلىق ئىشلارنى قىلىش خرىستىئانلارغا ئوخشىغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن توسقان. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنداق بىدئەت ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشلىرى لازىم.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش مەجبۇرىيىتىمىز بولغانىكەن، پۈتۈن ئىشلىرىمىزدا ئۇنى ئۈلگە قىلساق، ئۇنى ئەڭ ياخشى رەۋىشتە ياد ئەتكەن بولىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا بىز مۇسۇلمانلار ھەر رەكئەت نامىزىمىزدا تەشەھھۇددىن كېيىن پەيغەمبىرىمىزگە دۇرۇت ئېيتىش بىلەنمۇ ئۇنى خاتىرلەيمىز….


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ