باش بەت > ئۆسۈم > پەتىۋالار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب:

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم مۆھتەرەم قېرىندىشىم! سىز يالغان گەپ ئاڭلاپسىز. بۇنىڭ يالغانلىقىنى تۆۋەندە ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىمەن:

قېرىندىشىم! بىر كىشىنىڭ مۇسۇلمان ھېسابلىنىشى ئۈچۈن، ئاللاھ تەئالانىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىغا رىئايە قىلىشى شەرت.

ئەگەر ئىنسان بۇ دۇنيادىكى قىسقا مۇددەتلىك ھاياتىدا ئۇ شەرتكە رىئايە قىلىپ ياشىسا، ئاللاھ تەئالانىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاخىرەتتىكى ئەبەدىي ھاياتى جەننەتتە باشلىنىدۇ ۋە جەننەتتە داۋاملىشىدۇ. ئەگەر ئۇ شەرتگە رىئايە قىلماي ياشىسا، ئاللاھ تەئالانىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاخىرەتتىكى ھاياتى دوزاختا باشلىنىدۇ ۋە دوزاختا داۋاملىشىدۇ. بىز ئالدى بىلەن بۇنى بىلىۋېلىشىمىز لازىم.

بۇرادەر! بىز بۇ دۇنياغا ئىمتىھان قىلىنىش ئۈچۈن كەلگەن. ئىمتىھاننىڭ شەرتلىرى بىز خالىغاندەك بولمايدۇ. بەزىدە دىنىمىز چەكلىگەن بەزى ئىشلارنى قىلىشقا توغرا كېلىپ قالىدۇ، مانا مۇشۇنداق ۋاقىتتا «مېنىڭ دىنىم بۇ ئىشتىن چەكلىگەن، مېنىڭ مۇسۇلمانلىقىم بۇ ئىشقا يول قويمايدۇ» دېگەن ئېتىقاد بىلەن ئۇ ئىشتىن ساقلىنالىساق، مۇسۇلمان دېگەن سۈپىتىمىزنى ساقلاپ قالغان بولىمىز، شۇنداقلا ئىمتىھاندىن ئۆتكەن بولىمىز. ئەكسى تەقدىردە بىزنىڭ باشقىلاردىن پەرقىمىز بولماي قالىدۇ.

دېمەك، مۇسۇلمانلىق بىزنىڭ ئىسمىمىز بولماستىن بەلكىدە ئېتىقادىمىزنى ۋە سۆز-ھەرىكىتىمىزنى ئىسلامىيەتكە ئۇيغۇن قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن سۈپىتىمىزدۇر. بۇ سۈپەت ئىختىيارىي ھالدا بىرەر خاتالىققا قەدەم سېلىش بىلەن بىزدىن ئاجراپ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر دائىم دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.

خوش! ئەمدى سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك، بەقەرە سۈرىسىنىڭ 275 ـ ئايىتىن 281 ـ ئايىتىگىچە بولغان ئايەتلىرى ۋە تۆۋەندىكى ھەدىسلەر بانكىدىن ئۆسۈملۇك قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋېلىشقا يول قويمايدۇ. بۇنىڭغا بويسۇنۇش كېرەك. بۇ، مۇسۇلمانلىقنىڭ تەقەززاسى!

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يەتتە خىل ھالاكەتلىك گۇناھتىن ساقلىنىڭلار»، دېگەندە: «ئى رەسۇلۇللاھ، ئۇلار قايسى گۇناھلار؟»، دەپ سورىغان كىشىلەرگە: «ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرمەك، سېھرىگەرلىك قىلماق، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەك، جازانىخورلۇق قىلماق، يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋالماق، غازاتتىن قاچماق، ئىپپەتلىك، پاك مۇسۇلمان ئاياللارغا بوھتان چاپلىماق»، دېگەن. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «رەسۇلۇللاھ جازانە ئالغۇچى ۋە جازانە بەرگۈچىگە ۋە ئىككى تەرەپنىڭ گۇۋاھچىسى ھەم خاتىرىلىگۈچىگە لەنەت قىلدى». (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسلىتىپ قويۇشنى ئۇيغۇن كۆردۈم:

1 ـ ئىسلام دىنى چارىسىز قالغانلارغا چارە تېپىپ بىرىدىغان دىن ئەمەس. ئۇ، ئىنساننىڭ ھاياتىنى باشقۇرىدىغان بىر ھايات نىزامىدىن ئىبارەت. بۇ نىزامغا قارىتا ياشىغانلار مۇسۇلمان يەنى ئىسلام دىنىنىڭ ھۆكۈملىرىگە بويسۇنغۇچى، بۇ نىزامغا قارىتا ياشىمىغانلار بولسا غەيرى مۇسۇلمان يەنى ئىسلام دىنىنىڭ ھۆكۈملىرىگە بويسۇنمىغۇچى ھېسابلىنىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپكە تولۇق ئەركىنلىك بېرىلگەن. لىكىن ئىككىنچى يولنى تاللىغانلار ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھېساب بىرىشنى ئويلاپ قويۇشى لازىم.

2 ـ ئۆسۈملۈك قەرز ئالغۇچىنىڭ، ئۆسۈملۈك قەرزگە سېتىۋالىدىغان نەرسىسىنىڭ مۇھىملىقى جازانىخورلۇقنى ھالاللىققا ئايلاندۇرمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان ئادەم، ھارامغا يېقىن بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىپ سەۋر قىلىشىڭىز كىرەك. مۇشۇنداق قىلسا ئاللاھ تەئالا ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يېرىدىن نېئمەت ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«كىمىكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بىرىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بىرىدۇ» (تالاق سۈرىسى 2-3-ئايەتلىرى).

«كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاپ ئاتا قىلىدۇ» (تالاق سۈرىسى 5-ئايەت).


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ