مۇسۇلمانلار

غۇسۇلدىن كېيىن تاھارەت ئېلىش كېرەكمۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

جاۋاب:

غۇسۇل بىلەن ناماز ئوقۇۋەرسە بولىدۇ. ئايرىم تاھارەت ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئى مۇئمىنلار! نامازغا تۇرغىنىڭلاردا (كىچىك تاھارەتسىز بولساڭلار) يۈزۈڭلارنى ۋە جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ قولۇڭلارنى يۇيۇڭلار. بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار ۋە ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ پۇتۇڭلارنى يۇيۇڭلار. ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار، ئۇبدان پاكلىنىڭلار…» (مائىدە سۈرىسى 6 – ئايەتنىڭ باش قىسمى).

«ئۇلار سەندىن ھەيز توغرۇلۇق سوئال سورايدۇ. ئيتقىنكى: ئۇ بىر ئەزىيەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللىرىڭلاردىن ھەيز كۆرۈۋاتقان مەزگىلىدە نېرى تۇرۇڭلار ۋە ئۇلارغا پاك بولغۇچە يېقىنلاشماڭلار. ئۇلارغا ئۇبدان پاك بولغاندا ئاللاھ ئەمر قىلغان يەردىن كېلىڭلار. ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، پاكلانغۇچىلارنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ» (بەقەرە  سۈرىسى، 222- ئايەت).

بىرىنچى ئايەتتە، ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشى تاھارىتى بولمىسا تاھارەت ئېلىشقا، جۇنۇپ بولسا ئۇبدان پاكلىنىشقا بۇيرۇلىدۇ. نىسا سۈرىسىنىڭ 43 – ئايىتىدىكى: «جۇنۇپ بولساڭلار غۇسۇل قىلمىغىچە نامازغا يېقىنلارشماڭلار» دېگەن ئىپادە بۇ ئايەتتىكى «ئۇبدان پاكلىنىش» نىڭ غۇسۇل قىلىش ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.

ئىككىنچى ئايەتتە، ھەيز ياكى نىفاس (ئايەتتىكى مەھىيز كەلىمىسى نىفاسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كۆرۈۋاتقان ئايالنىڭ پاك ئەمەسلىكىگە ۋە پاك بولغان چېغىدا غۇسۇل قىلىشىنىڭ لازىم ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ئايەتتىكى: «ئۇبدان پاك بولۇش» مۇ غۇسۇل قىلىش دېگەن بولىدۇ.

يەنى بۇ ئىككى ئايەت جۇنۇپنىڭ، ھەيزدىن پاك بولغۇچى ئايالنىڭ ۋە نىفاستىن پاك بولغۇچى ئايالنىڭ غۇسۇل قىلىشىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

بىرىنچى ئايەتتە ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشىنىڭ، تاھارىتى بولمىسا، تاھارەت ئېلىشقا، جۇنۇپ بولسا غۇسۇل قىلىشقا بۇيرۇلىشى، ناماز ئوقۇماقچى بولغان جۇنۇپ كىشىنىڭ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تاھارەت ئېلىشقا ئەمەس، غۇسۇل قىلىشقا بۇرۇلغانلىقىغا ۋە بۇ غۇسۇل بىلەن ناماز ئوقۇغىلى بولىدىغانلىقىغا ناھايىتى ئېنىق دالالەت قىلىدۇ.

تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا ناماز ئوقۇماقچى بولغان ئادەم يا تاھارەتلىك بولىدۇ، بۇ تەقدىردە ئۇ بار بولغان تاھارىتى بىلەن نامىزىنى ئوقۇۋېرىدۇ؛ ياكى تاھارەتسىز بولىدۇ، بۇ تەقدىردە ئۇنىڭ تاھارەتسىزلىكى تۆۋەندىكى ئىككى تۈرلۈك تاھارەتسىزلىكتىن بىرى بولىدۇ:

1 – يا كىچىك تاھارەتسىزلىك، بۇ تەقدىردە ئۇ كىچىك تاھارەت ئالىدۇ. بۇ كىچىك تاھارەت، بىرىنچى ئايەتتە كۆرسىتىلگىنىدەك يۈزىنى يۇيۇش، قوللىرىنى جەينەكلىرى بىلەن قوشۇپ يۇيۇش، بېشىغا مەسىھ قىلىش ۋە پۇتلىرىنى ئوشۇقلىرى بىلەن قوشۇپ يۇيۇش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ.

2 – يا چوڭ تاھارەتسىزلىك، بۇ تەقدىردە ئۇ چوڭ تاھارەت ئالىدۇ. بۇ چوڭ تاھارەت، پاكلىنىش نىيىتى بىلەن ئېغىز – بۇرنىنى ئۇبدان چايقاش ۋە پۈتۈن بەدەننى ئالا قويماي يۇيۇش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ.

كىچىك تاھارەت بىلەن ناماز ئوقۇغىلى بولغاندەك، چوڭ تاھارەت بىلەنمۇ ناماز ئوقۇغىلى بولىدۇ. يۇقىرىدىكى بىرىنچى ئايەت بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك بەزى ھەدىسلەر تۆۋەندىكىچە:

1 – ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غۇسۇلدىن كېيىن تاھارەت ئالمايتتى» (نەسەئى، ئىبنى ماجە، ئەھمەد، بەيھەقى ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان).

2 – ئۇممۇ سەلەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىر ئايال يا رەسۇلەللاھ! مەن چېچىمنى بەك قاتتىق ئۆرىمەن؛ ئۇنى غۇسۇل ئۈچۈن چۇۋۇيمەنمۇ؟ دەپ سورىغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «چېچىڭنىڭ تۈۋىگە ئۈچ قېتىم سۇ تۆككىن، ئاندىن بەدىنىڭنى يۇغىن. شۇنداق قىلساڭ پاكلىنىسەن» (مۇسلىم، تىرمىزى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).

3 – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام فاتىمە بىنتى ھۇبەيشكە: «ھەيزىڭ توختىغاندا غۇسۇل قىل ۋە ناماز ئوقۇ» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

بۇ ھەدىسلەرمۇ غۇسۇلنىڭ پاكلىنىش نىيىتى بىلەن ئېغىز – بۇرۇننى ئۇبدان چايقاش ۋە پۈتۈن بەدەننى ئالا قويماي يۇيۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

لېكىن غۇسۇلنىڭ بىرقانچە سۈننىتى بار. غۇسۇل قىلغاندا بۇ سۈننەتلەرمۇ ئادا قىلىنسا، ياخشى بولىدۇ؛ ئەگەر ئادا قىلىنمىسا غۇسۇلغا ھېچقانداق دەخلى يەتمەيدۇ. چۈنكى بۇ سۈننەتلەر غۇسۇلنىڭ بولمىسا بولمايدىغان شەرتلىرى ئەمەس. يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

ئۇ سۈننەتلەر: ئالدى بىلەن «بىسمىللاھ…» دېيىش، ئاندىن ئىككى قولنى ئۈچ قېتىم يۇيۇش، ئاندىن بەدىنىدە نىجاسەت بولسا يۇيۇش، ئاندىن نامازغا ئالغاندەك بىر كىچىك تاھارەت ئېلىش، ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇش، سۇنى بېشىدىن باشلاپ قۇيۇش، يۇيۇشنى ئوڭ تەرەپتىن باشلاش، قولى يەتكەن يەرلەرنى ئۇۋىلاپ يۇيۇش قاتارلىقلاردۇر. (بۇ توغرىدىكى ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

بۇ سۈننەتلەرگە رىئايە قىلغان ھالدا غۇسۇل قىلغان كىشى ئەۋزەلنى قىلغان بولىدۇ. يۇقىرىدىكى شەكىلدە غۇسۇل قىلغان كىشى پەرزلەرنى ئادا قىلىپ غۇسۇل قىلغان بولىدۇ. نەتىجىدە ھەر ئىككىسى غۇسۇل قىلغان بولىدۇ، شۇنداقلا جۇنۇپلۇقتىن ياكى ھەيزدىن ۋە ياكى نىفاستىن پاكلانغان بولىدۇ. ھەر ئىككى تۈرلۈك غۇسۇل بىلەن ناماز ئوقۇغىلى بولىدۇ.

ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر