مۇسۇلمانلار

شەنبە كۇنى بىلىق تۇتسا، كەچتە كىر يۇسا، سەيشەنبە كۇنى سەپەرگە چىقسا بولامدۇ؟

جاۋاب:

قېرىندىشىم! شەنبە كۈنى بېلىق تۇتۇش ئۆز ۋاقتىدا يەھۇدىيلارغا چەكلەنگەن بولۇپ، بىز مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئۇنداق بىر چەكلىمە يوق. بىزگە سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى ئېھرامدىكى ۋاقتىمىزدىن باشقا ۋاقىتلىرىمىزدا ھالال بولۇپ بۇ ھەقتە ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەرنىڭ ۋە يولۇچىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن سىلەرگە دېڭىز ھايۋانلىرى، دېڭىزدىن چىقىدىغان يېمەكلىكلەر ھالال قىلىندى، مادامىكى سىلەر ئېھرامدا ياكى ھەرەمدە ئىكەنسىلەر، قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىنى ئوۋلاش سىلەرگە ھارام قىلىندى، سىلەر (قىيامەت كۈنى) دەرگاھىغا توپلىنىدىغان ئاللاھدىن قورقۇڭلار» – (مائىدە سۈرىسى، 96- ئايەت).

شەنبە كۈنى ياكى باشقا كۈنلەرنىڭ كەچ تەرەپلىرىدە كىر يۇيۇش، سەيشەنبە كۈنى سەپەرگە چىقىش قاتارلىقلاردا ھېچقانداق چەكلىمە يوق. بۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا تارقىلىپ كەتكەن خۇراپىي چۈشەنچىلەردىن بولۇپ، بۇنىڭ ئىسلام دىنىدا ھېچقانداق ئاساسى يوقتۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر