مۇسۇلمانلار

پىياز، سامساق ۋە كۈدە قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب:

پىياز، سامساق ۋە كۈدە قاتارلىق كۆكتاتلار ئاللاھ تەئالا ھالال قىلغان نەرسىلەردىن بولۇپ، ئۇلارنى پۇشۇرۇپ يېسە ھېچقانداق مەسىلە يوق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ نەرسىلەرنى يېمەكچى بولغانلار پۇشۇرۇپ يېسۇن دەپ بۇيرۇغان.- (بۇخارىي، ئەزان 160؛ مۇسلىم، كىتابۇل مەساجىد ۋە مەۋادىئىسسالاھ 17؛ ئىبنى ماجە، ئىقامەتىسسالاھ ۋەسسۈننەتى فىيھا 58).

لېكىن بۇ نەرسىلەرنى خام يېيىش ياخشى ئىىش ئەمەستۇر. چۈنكى ئۇ نەرسىلەرنى خام يېگەن كىشىلەرنىڭ ئاغزى پۇراپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ يېنىدىكى كىشلەر بۇنىڭدىن ئەزىيەت چېكىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ نەرسىلەرنى خام يېگەن كىشى مەسجىدلىرىمىزدە بىزگە ئەزىيەت بەرمىسۇن، مەسجىدكە كەلمىسۇن، ئۆيىدە ئولتۇرسۇن» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن بىزنى ئاگاھلاندۇرغان (بۇخارى، ئەتئىمە 49، سالات 160، ئىئتىسام 24؛ مۇسلىم، مەساجىد 73؛ ئەبۇ داۋۇد، ئەتئىمە 41؛ تىرمىزى، ئەتئىمە 13؛ نەسەئى، مەساجىد 16).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر