مۇسۇلمانلار

كاپىرلار ياسىغان خېمىرتۇرۇچ ۋە سوپۇنلارنى ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟

جاۋاب:

ئىسلام دىنى يېمەكئىچمەكلەرنىڭ ھالال ۋە پاكىز بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ھەممىمىزگە مەلۇم. بۇنىڭغا ئاساسەن بىر نەرسىنىڭ، ھالال نەرسىلەردىن پاكىزلىققا رىئايە قىلىنغان ھالدا ئىشلەنگەنلىكى ئېنىق بىلىنسە ئۇنى ئستېمال قىلىشقا بولىدۇ، بۇمۇ ھەممىمىزگە مەلۇم؛ لېكىن كىمنىڭ، نېمىدىن ۋە قانداق شارائىتتا تەييارلىغانلىقى ئېنىق بىلىنمىگەن يېمەك ـ ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلمىغان ياخشىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«ھالالمۇ ئېنىقتۇر، ھاراممۇ ئېنىقتۇر. ھالال بىلەن ھارامنىڭ ئوتتۇرىسىدا شۈبھىلىك ئىشلار باردۇر. بۇ شۈبھىلىك ئىشلارنى كۆپ كىشىلەر ئۇقالمايدۇ. شۈبھلىك ئىشلاردىن يىراق تۇرغان ئادەم دىنىنى ۋە ئابرۇيىنى پاك تۇتۇشقا تىرىشقان بولىدۇ. شۈبھىلىك ئىشلارنى قىلغان ئادەم ھارامغا دۇچار بولۇپ قالىدۇ. ئۇ، چېگرانىڭ چۆرىسىدە پادا باققۇچى پادىچىغا ئوخشايدۇ، پادا چېگرادىن ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. ھەر پادىشاھنىڭ بىر چېگراسى بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ زېمىندىكى چېگراسى بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ ھارام قىلىپ بېكىتكەن ئىشلاردۇر. قۇلاق سېلىڭلار، ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بار، ئۇ گۆش تۈزەلسە پۈتۈن بەدەن تۈزۈلىدۇ، ئۇ گۆش بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ، ئۇ گۆش بولسا يۈرەكتىن ئىبارەتتۇر» – (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

كاپىرلار ياسىغان سوپۇنلار ھالالمۇ، ھاراممۇ؟ دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، سوپۇن يەيدىغان نەرسە ئەمەس، ئۇ كىرلەرنى تازىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن يۇيۇلغان نەرسىلەر پاكىزلىنىدۇ. سوپۇننى نىجىس دېگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ بىلەن كىيىمكېچەكلىرىنى يۇغان كىشى ئاخىرىدا يۇيۇلغان كىيىملىرىنى سۇ بىلەن چايقاپ، ئۇلاردىن سۇپۇننىڭ تەسىرىنى چىقىرىۋېتىدۇ. كۈنىمىزدىكى زامانىۋى كىر يۇيۇش ماشىنىلىرىمۇ ئىچىدىكى كىيىملەرنى سوپۇن بىلەن پاكىز يۇيۇپ بولۇپ ئاخىرىدا سۇ بىلەن چايقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىيىملەردە سوپۇنلاردىن ھېچبىر تەسىر قالمايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، سوپۇننى كىم ياسىسا ياسىسۇن ئۇنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر