مۇسۇلمانلار

ئامانەتنى يۇتتۇرۇپ قويسا قانداق قىلىدۇ؟

جاۋاب:

«بىر مۇسۇلمان بىر مۇسۇلمانغا بىر نەرسىسنى ساقلاپ بېرىشكە ئامانەت قويغان بولسا، ئامانەتنى ساقلاپ بەرگۇچى ئۇ نەرسىنى يۇتتۇرۇپ قويدۇم دېسە» ۋە ئامانەت ئالغۇچىنىڭ قەستەنلىكى بولماستىن ئۇ نەرسە ھەقىقەتەن يوقاپ كەتكەن بولسا، ئۇ كىشى بۇ نەرسىنى تۆلىمەيدۇ.

ئىسلام ھوقۇقىدا بۇنىڭغا «ۋەدىئە» دېيىلىدۇ. بۇ باشقا توختاملارغا ئوخشىمايدىغان بىر توختام بولۇپ، باشقا توختاملارغا ئوخشاش مەسئۇليەت قوبۇل قىلمايدۇ.

تەكلىپ ۋە قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى شەرت ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدىغان بۇ توختامدا، ئامانەت قويۇلغان كىشى تەبئىي ھالدا ئىشەنچلىك كشى ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا ئۇ ياخشى نىيەتلىك بولۇپ، ئامانەت قويۇلغان نەرسىنى مۇھاپىزەت قىلىشتا قولىدىن كېلىشىچە تەدبىر قوللانغان بولسسىمۇ يەنىلا ئامانەت زىيانغا ئۇچراپ كەتكەن بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇ جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ.

ئەكسىچە بولغاندا، ئامانەت قوبۇل قىلغان كىشى يوقاپ كەتكەن ياكى زىيانغا ئۇچراپ كەتكەن ئامانەتنى تۆلەيدۇ. چۈنكى ئامانەت قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئۆزى ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىسى، ئامانەت ئالغان نەرسىنى ئۆزىنىڭ مېلىنى قوغدىغاندەك قوغداپ ساقلاشتۇر.

ئەگەر ئامانەت قوبۇل قىلغان كىشى مالنى ساقلاپ بىرىش ئۈچۈن ھەق ئالغان بولسا، ئۇ چاغدا توختامنىڭ شەكلى ئۆزگىرىدىغان بولغاچقا يوقاپ كەتكەن ياكى زايا بولغان نەرسىلەرنى تۆلەشتىكى مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر