مۇسۇلمانلار

ئەر كىشى يوق ئۆيدە ھېيت بولمامدۇ؟.

جاۋاب:

ياق، ھېچقانداق ئاساسى يوق. چۈنكى قۇربان ھېيىت بايرىمى ئەر-ئايال، چوڭ- كىچىك پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى بايرىمىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا يىلدا ئىككى قېتىم بايرام قىلىشنى يولغا قويۇپ بەرگەن. ھېيت نامىزى ئوقۇش بولسا، ئايرىم بىر ئىش بولۇپ، بۇنى ئوقۇمىغان ئاياللار، كىچىك بالىلار… ئوخشاش ھالدا ھېيت قىلىدۇ. يەنى ھېيت نامىزىنى بەزى مۇسۇلمانلار ئوقۇيدۇ. ھېيتنى بارلىق مۇسۇلمانلار قىلىدۇ.

«ئەر كىشى يوق ئۆيدە ھېيت بولمايدۇ» دېگەن سۆزگە كەلسەك، بۇمۇ بىر خۇراپىي سۆزدۇر. ئەر كىشى يوق ئۆينىڭ ئىگىلىرى ھېيت كۈنلىرىدە ياشىمامدۇ؟ ئۇ كۈنلەردە ئۇلارنىڭ قورسىقى ئاچمامدۇ؟ ئۇلار ئۇ كۈنلەردە كۈلمەمدۇ؟ كىيىم كىيمەمدۇ؟ يېقىن – يورۇق، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلىمامدۇ؟ يوقلاپ كەلگەنلەرنى كۈتمەمدۇ؟ قىسقىسى ئەر كىشى يوق ئۆينىڭ ئىچىدە ياشاۋاتقانلار ھېيت كۈنلىرى باشقا بىر مەخلۇققا ئايلىنىپ قالامدۇ؟

ئەلجاۋاب: ياق! ياق! ياق! ئۇنداقتا ئۇ گەپنى دېگەنلەرنى ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈتۈش كېرەك. چۈنكى ئەقىل- ھوشى جايىدا بىر كىشى ئۇنداق گەپنى قىلمايدۇ ۋە قىلالمايدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر