مۇسۇلمانلار

ئانامنىڭ رازىلىقىنى ئىزلەپ ئايالىمنى قويۇۋېتىشىم كېرەكمۇ؟

سوئال:
مەن ئايالىمنى بەك ياخشى كۆرىمەن، ھەم بەك قەدىرلەيمەن. ئەمما مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەر مېنىڭ ئايالىم بىلەن بىرگە قوشۇلمايدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا مەن ئانامنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ ئايالىمنى قويۇۋېتەمدىم؟ يا ئاللاھ ئەڭ يامان كۆرۈدىغان ئىشتىن قېچىپ، ئانامنىڭ سۆزىنى رەت قىلامدىم؟
جاۋاب:
ئەگەر ئايالىڭىزنى ئانىڭىزنىڭ خالىماسلىقى ئايالىڭىزنىڭ شەرىئەتكە خىلاپ بىرەر ئىشى سەۋەبىدىن بولسا ۋە ئايالىڭىزغا بۇ توغرىدا قايتا – قايتا نەسىھەت قىلغان بولساڭلارمۇ ئۇ تەۋبە قىلغىلى ئۇنىمىسا، شۇنداقلا ئۇنىڭ تۈزىلىشىدىن ئۈمىدىڭلار ئۈزۈلگەن بولسا، بۇ تەقدىردە ئانىڭىزنىڭ رازىلىقىنى كېرەك.
ئەگەر ئانىڭىزنىڭ ئايالىڭىزنى خالىماسلىقى نورمال ئەھۋالدىكى قېينانا – كېلىن ئارىسىدىكى ماجىرالار تۈپەيلىدىن بولسا، ئانىڭىزغا ئىتائەت قىلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچقانداق ئىنسانغا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. ئاللاھغا ئاسىي بولۇپ تۇرۇپ ھېچقانداق مەخلۇققا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ»- مۇسلىم، ئىمارەت؛ ئەبۇ داۋۇد، جىھاد؛ نەسەئىي، بەيئەت؛ ئىبنى ماجە، جىھاد. مۇسنەدى ئەھمەد 1/129؛ 1/131.
بۇ ئەھۋالدا سىز ھەر ئىككىسىگە ئايرىم – ئايرىم ھالدا نەسىھەت قىلىپ، بىر-بىرىنى چۈشىنىشىكە دەۋەت قىلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆيىڭىز بەختلىك بىر ئائىلىگە ئايلانغۇسى. بىرىنى دەپ يەنە بىرىگە زۇلۇم قىلىپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر