مۇسۇلمانلار

تىجارەتتە پايدىنىڭ چېكى بارمۇ؟

سوئال:
ھازىر رايونىمىزدا سودا ساھەسى كۈنسېرى جانلىنىۋاتىدو. مەن سودىدا كۆپ پايدا ئىلىش خاتا دەپ ئاڭلىغان. بىراق بەزىلەر: «بۇنىڭغا ئىككى خىلقارايمىز؛ يەنى: ئاشلىق ياكى يېمەكلىككە ئوخشاش مەھسۇلات خاراكتېرىدىكى تىجارەتتە كۆپ پايدا ئېلىش چەكلەنگەن. ئەمما ئۆي – مۈلۈك ياكى قېزىلما بايلىق (قاشتېشى دېگەنگە ئوخشاش) تىجارەتلەردە قانچە كۆپ پايدا ئالسا دوروس» دەپ ھېسابلايدىكەن. سىزنىڭچە بۇ توغرىمۇ؟
جاۋاب:
قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىدە، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان ھەدىسلەردە تىجارەت قىلىشقا تەشۋىق قىلىنىدۇ. تىجارەت دېمەك، بىر نەرسىنى پايدا ئېلىش مەقسىتى بىلەن ئېلىپ – سېتىش دېمەكتۇر.
تىجارەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ياكى مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە ئالىدىغان پايدىغا بىر چەك قويۇلماسلىقى تىجارەتچىنىڭ زۇلۇم قىلىش، ئالداش (بازار باھاسىدىن يۇقىرى بىر باھادا سېتىش)، زىيان سېلىش، مالنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرۇش، مونوپولچىلىق قىلىش، شەرىئەت ئېلىپ سېتىشنى چەكلىگەن نەرسىلەرنى ئېلىپ سېتىش… قاتارلىق ئىشلاردىن ساقلانغان ھالدا شەكىللەنگەن بازار باھاسى بىلەن ئېلىپ – ساتسا بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا قانچىلىك پايدا ئالسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
پايدىنىڭ يۈزدە يۈز بولۇشىنىڭ ياكى ئۇنىڭدىن ئاز – كۆپ بولۇشىنىڭ ھېچقانداق زىيىنى يوق. چۈنكى بەزى ئاز پايدىغا ياكى زىيىنىغا ئالغۇچىغا زۇلۇم قىلىنىشى مۇمكىن. بەزى بولسا، كۆپ پايدا ئېلىپمۇ ئالغۇچىغا زۇلۇم قىلىنماسلىقى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن تىجارەتتە باھانىڭ ھېچكىمنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالماستىن ئەركىن بازاردا شەكىللىنىشى ۋە بۇ باھا ئۈستىدە ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئارقىلىق سودىنىڭ تاماملىنىشى كېرەك.
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا تىجارەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت – ھەدىسلەردىن تۆۋەندىكى مەزمۇنلار چىقىدۇ:
1- ئىنسانلار ئېلىم – سېتىم ئىشلىرىدا ۋە مال – مۈلۈكلىرىنىڭ تەسەررۇپ ئىشلىرىدا ئەركىن قويۇۋېتىلگەن.
2- تىجارەتچىلەر ئىلىم – سېتىم رىئايە قىلمىسا بولمايدىغان بىر پايدا نىسبىتى يوقتۇر.
3- زۇلۇم قىلىش، ئالداش (بازار باھاسىدىن يۇقىرى بىر باھادا سېتىش)، زىيان سېلىش، مالنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرۇش، مونوپولچىلىق قىلىش، شەرىئەت ئېلىپ سېتىشنى چەكلىگەن نەرسىلەرنى ئېلىپ سېتىش قاتارلىق ئىشلاردىن خالىي بولۇشى كېرەك. بولمىسا ئۇ مۇئامىلە توغرا بولمىغان بولىدۇ.
4- ھېچقانداق كىشىنىڭ ۋە ھېچقانداق بىر بازار باھاسىغا لازىم، يەنى بىر مالنىڭ بازار باھاسى، شۇ بازاردا شۇ مالنى ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچىنىڭ ئۆزئارا بىلەن بېكىتىلىشى كېرەك.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر