مۇسۇلمانلار

سەپەردە ۋاقتىم بولسا نامازنى تولۇق ئوقۇمدىم؟

جاۋاب:

ئاللاھ قايسى ئىشنى، قاچان، قەيەردە، قانداق شەكىلدە قىلىشنى كۆرسەتكەن بولسا، بۇ كۆرسەتمىگە ئەينەن بويسۇنۇش مۇسۇلماننىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىدۇر. ئاللاھ تەئالا سەپەردە نامازنى قەسىر ئوقۇشقا يول قويغان. بۇنى شۇنداق ئوقۇش لازىم. «مېنىڭ ۋاقتىم يېتەرلىك بولغاندىكىن تولۇق ئوقۇياي» دەپ تولۇق ئوقۇش، ئىنساننى گۇناھكار قىلىدۇ. چۈنكى ساۋاپ، ئەمەلنى ئۆزى چاغلاپ كۆپ قىلىشتا ئەمەس، ئەستايىدىللىق بىلەن بۇيرۇققا بويسۇنۇشتىدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇخارى ۋە مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىسىدا :«سەپەردە نامازنى قەسىر ئوقۇش، ئاللاھ سىلەرگە قىلغان بىر سەدىقىدۇر. بۇ سەدىقىنى قوبۇل قىلىڭلار!» دەپ ئەمر قىلغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر