مۇسۇلمانلار

تەھەججۇد نامىزى توغرۇلۇق بىرقانچە سوئال

جاۋاب:

1 – كېچىدە قوپۇپ تەھەججۈد نامىزى ئوقۇشقا قۇرئان كەرىمنىڭ بىر قانچە ئايىتىدە تەشۋىق قىلىنىدۇ. سەجدە سۈرىسىنىڭ (32 – سۈرىنىڭ) 16- ئايىتى بۇ ئايەتلەردىن بىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ تەھەججۈد نامىزىنى ھېچ تەرك قىلماي ئوقۇغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. يەنى تەھەججۇد نامىزى ئوقۇغانلار ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمدە مەدھىيىلىگەن ياخشى بەندىلەردۇر.

2 – تەھەججۇد نامىزىنىڭ ۋاقتىغا كەلسەك: تەھەججۇد نامىزىنىڭ ۋاقتى خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن باشلىنىپ، تاڭ يورۇغىچە داۋام قىلىدۇ. لېكىن تەھەججۇد نامىزى كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتتىن تاڭ يورۇغىچىلىك بولغان ئارىلىقىتا ئوقۇلسا، ئەڭ ياخشى ۋاقىتتا ئوقۇلغان بولىدۇ.

3 – تەھەججۇد ئوقۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك باشقا مەسىلە يوق. لېكىن ئىبادەت قىلدىم دەپ باشقىلارغا ئازار بېرىشكە بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تولا تاراق – تۇرۇق قىلىپ ياكى ئۈنلۈك قىرائەت قىلىپ ئەتراپىڭىزدىكىلەرنى بىئارام قىلماسلىقىڭىز، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىستىراھىتىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكىڭىز كېرەك.

4 – سىزنىڭ تەھەججۇد ئوقۇپ كەلگەن ۋاقتىڭىزمۇ ئەڭ ئەۋزەل ۋاقىت قاتارىغا كىرىدۇ. تەھەججۇد نامىزىنىڭ بەلگىلەنگەن بىر رەكئەت سانى يوق. كۈچىڭىزنىڭ يېتىشىچە ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. ئەۋزىلى ۋىتىر بىلەن قوشۇپ 11 رەكئەتتۇر. ئېزى 3 رەكئەت ۋىتىردۇر. ئاللاھ تەقۋادارلىقىڭىزنى داۋاملاشتۇرسۇن.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر