مۇسۇلمانلار

نامازغا قىزىقتۇرۇش ئۇسۇلى قايسى؟

جاۋاب:

ئۇنداق كىشىگە، ئىنساننىڭ روھ ۋە تەندىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، ھەر ئىككى تەرەپنى ئوخشاش ھالدا ئوزۇقلاندۇرۇپ تۇرۇشنىڭ لازىملىقىنى، مەسىلەن: كۈندە ئۈچ ۋاقىت تاماق يېيىش ئارقىلىق تېنىمىزنى ئۇزۇقلاندۇرغىنىمىزدەك، كۈندە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇش ئارقىلىق روھىمىزنىمۇ ئۇزۇقلاندۇرمىساق بولمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا، نامازنىڭ دىنىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم پەرزلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، نامازنىڭ مۇسۇلمان دېگەن شەرەپلىك ئىسىم بىلەن ئاتىلىشنىڭ بىردىنبىر شەرتى ئىكەنلىكىنى، ئۇنى تەرك ئەتكەن كىشىنىڭ ئۇ ئىسىم بىلەن ئاتىلىشىنىڭ ئۇيغۇن بولمايدىغانلىقىنى… قانائەتلىنەرلىك بىر شەكىلدە چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك.

بۇ، ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن پەرزدۇر. بۇ پەرزنى داۋاملىق ئادا قىلىشقا تىرىشىش لازىم. شۇنداقتىمۇ بىر كىشى ناماز ئوقۇمىسا، ئۇنىڭغا ئاللاھدىن ھىدايەت تىلىشىمىز ۋە نامازلىرىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئوقۇشقا داۋام قىلىشىمىز كېرەك ( يەنى بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە نەسىھەت قىلساقمۇ ئۇ كىشى يەنىلا ناماز ئوقۇمىسا، مائىدە سۈرىسىنىڭ 105 – ئايىتىنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئىش قىلىشىمىز كېرەك).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر