مۇسۇلمانلار

ئوقۇش جەريانىدا قانداق قىلىمىز؟

جاۋاب:

دىنى ئېتىقادنىڭ ئورنى قەلب بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ھېچقاندانداق شارائىت ئاستىدا چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قېرىنداشلىرىمىز نامازنى مۇمكىن بولسا ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇشلىرى كېرەك. ئەگەر بۇ مۇمكىن بولمىسا پېشىن بىلەن ئەسىرنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇسا بولىدۇ. بامدات بىلەن نامازشام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنى مەكتەپ سىرتلىرىدا ئادا قىلىش ئىمكانىيىتى بار. ئەگەر پېشىن بىلەن ئەسىر نامىزى ئۈچۈن تاھارەت ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، تەيەممۇم بىلەن ئوقۇسا بولىدۇ.

قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرى ياشاۋاتقان مۇھىتتا كۈچىنىڭ يېتىشىچە دىنىمىزنىڭ ئەمىرلىرىنى ئادا قىلىشقا ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىشقا تىرىشىشى لازىم.

دىنىمىزدا، مۇسۇلمان ئاياللارغا خاس كىيىم دەيدىغان بىر كىيىم شەكلى يوق. دىنىمىز ئايال كىشىنى ئىككى قولى ۋە يۈزىدىن باشقا پۈتۈن ئەزالىرىنى يېپىشقا بۇيرۇيدۇ. ئەۋرەتنى ياپىدىغان كىيىم نىپىزلىكىدىن ياكى تارلىقىدىن بەدەننى مەلۇم قىلماسلىقى كېرەك. قېرىنداشلىرىمىز كىيىم كىيىشتە مەلۇم بىر پاسوننى تۇتقا قىلىۋاسماستىن، ئەۋرەتنى ياپىدىغان كىيىملەرنى كىيىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە مەكتەپلىرىنىمۇ پۈتتۈرەلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئىسلام بىر خىل رەڭ ياكى بىر خىل پاسوندا كىيىم كىيىشنى بۇيرىمايدۇ. مۇھىم بولغىنى ئەۋرەتنىڭ يۆگىلىشىدۇر.

ئۇغۇللارنىڭ قىزلار بىلەن بىر پارتىدا ئولتۇرۇشى، بىرلىكتە دەرس تەكرارلىشى ۋە ئۆز ئارا پاراڭلىشىشى قاتارلىق ئىشلارغا كەلسەك، قىز- ئوغۇللارنىڭ بىر پارتىدا ئولتۇرۇشى، بىرلىكتە دەرس تەكرارلىشى … مەجبۇرىي بولمىسا، بۇلارنى قىلماسلىق كېرەك. ئەگەر مەجبۇرىي بولسا، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ئىسلام ئەخلاقىغا مۇخالىپ بولمىغان ئاساستا داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ئۆزئارا كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇش بولسا، بۇنىڭغا ھېچكىم ھېچكىمنى زورلىيالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشلىرى لازىم. چۈنكى بۇ، ئاللاھ توسقان غەيرىي ئەخلاقىي ئىشلارنىڭ يۈز بىرىشىگە يول ئاچىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر