مۇسۇلمانلار

بۇرۇنقىلار قىبلىنى قانداق بېكىتكەن؟

جاۋاب:

قۇرئان كەرىمدە نامازدا يۈزىمىزنى مەسجىدىلھەرەم تەرەپكە قىلىشىمىز بۇيرۇلغان. بۇنىڭغا ئاساسەن كەئبىنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى بېكىتىۋېلىپ، ئاندىن نامازدا شۇ تەرەپكە قارىساق بولىدۇ. بۇنى بىلەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا قىبلە تەرەپنى باشقىلاردىن سوراپ، ياكى ئاي، كۈن ۋە يولتۇزلارغا قاراپ بېكىتىشكە تىرىشىمىز. بۇمۇ مۇمكىن بولمىسا، ئۆزىمىز قىبلە تەرەپنى تەخمىن قىلىپ، كۆڭلىمىزدە قىبلە تەرەپ ئىكەنلىكى كۈچلۈك بولغان تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇيمىز.

ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ زامانىغا كەلسەك، ئۇ زامانلاردىمۇ غەرىپ – شەرىق، شىمال – جەنۇپ دەيدىغان ئوقۇملار بار ئىدى. مەككىنىڭ، دىيارىمىزنىڭ غەرىپ تەرىپىگە توغرا كېلىدىغانلىقىمۇ بىلىنەتتى. 10- ئەسىردە ياشىغان ۋە قەشقەرنىڭ سىرتىغا چىقماي ئوقۇپ يېتىشكەن ئاتاغلىق ئالىم مەھمۇد قەشقەرىينىڭ دۇنيا خەرىتىسى سىزىشىمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، قىبلىنى بىلىش ئۈچۈن ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈش شەرت ئەمەس.

سىزدىن سوراپ باقاي: بۈگۈن ۋە بۈگۈنگە قەدەر قايسى رايوننىڭ قىبلىسى ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈش بىلەن بېكىتىلدى؟ سىز ھازىرقى زاماندا ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇپ، يەر شارىغا قاراپ، «بىزنىڭ ئۆي ئاااۋۇكەن، كەبە ئېېېۋۇكەن، نامازدا ما تەرەپكە قارىسام بولىدىكەن» دەپ ئۆيىنىڭ قىبلىسىنى بېكىتىپ يەرگە چۈشكەن بىرىنى تونۇمسىز؟ بىلەمسىز؟ ياكى ئاڭلاپ باقتىڭىزمۇ؟

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر