مۇسۇلمانلار

دوزاخ ئەھلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى چۇشىدە كۆرەلەمدۇ؟

جاۋاب:

كۆرۈشى مۇمكىن. لېكىن بۇ، ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئەبۇ جەھىل ۋە ئەبۇلەھەب قاتارلىق مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئوڭىدا يەنى ئويغاق ھالىتىدە كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن. بۇ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمىدى. مۇھىم بولغىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشاشتۇر.

ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ چىراي – شەكلىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى كۆرمىگەن بىر كىشى چۈشىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەپ كۆرگەن كىشىنىڭ ھەقىقىي مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلىدۇ؟ شەيتان مەن مۇھەممەد دەپ كەلسىچۇ؟ شۇڭا ئىسلام دىنىدا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى چۈشىدە كۆرۈش ئەمەس، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئوڭىدا ئەگىشىش ئاساس قىلىنىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر