مۇسۇلمانلار

ئەقىقە بېرىش سۈننەتمۇ، ۋاجىپمۇ؟

جاۋاب:

بالا تۇغۇلۇپ، يەتتىنچى كۈنى بىر قوي ئۆلتۈرۈپ (بالا ئوغۇل بولسا ئىككىنى ئۆلتۈرۈش ئەۋزەلدۇر) گۆشىنى ئائىلە – تاۋابىئات ۋە يېقىن – يورۇقلار يىغىلىپ بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ يېيىش ۋە پېقىر – مىسكىنلەرگە تارقىتىش سۈننەتتۇر.

بۇنىڭغا «ئەقىقە»، «ئەقىقىسىنى بېرىش» دېيىلىدۇ. بالىنىڭ ئىسمىمۇ مۇشۇ ۋاقىتتا قويۇلىدۇ يەنى ئىسمىنىڭ نېمىلىكى مۇشۇ ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «بالا تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى ئەقىقىسى بۇغۇزلىنىدۇ، ئىسمى قويۇلىدۇ ۋە بېشى چۈشۈرۈلىدۇ» دېگەنلىكى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ ئەقىقىسىنى قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. – (بۇ رىۋايەتلەر ئەبۇ داۋۇد، نەسەئىي ۋە باشقا ھەدىس كىتابلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك يەرلىرىدە زىكىر قىلىنىدۇ).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر