مۇسۇلمانلار

بىسمىللاھ توغرىسىدا يەنە بىر سوئال

سوئال:
سۈرە ئەنئامنىڭ 121- ئايىتىدىن، ھالال مالنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلمىسىمۇ ئاللاھدىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلمىغانلا بولسا، ئۇ مالنىڭ گۆشىنى يېگىلى بولىدۇ، دېگەن پەتىۋا قانداق چىقىدۇ؟
جاۋاب:
تۆۋەندىكىدەك چىقىدۇ:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَلاَ تَأْكُلُواْ مِمَّا لَمْ يُذْكَرِ اسْمُ اللّهِ عَلَيْهِ وَإِنَّهُ لَفِسْقٌ وَإِنَّ الشَّيَاطِينَ لَيُوحُونَ إِلَى أَوْلِيَآئِهِمْ لِيُجَادِلُوكُمْ وَإِنْ أَطَعْتُمُوهُمْ إِنَّكُمْ لَمُشْرِكُونَ»- سورة الأنعام 6/ 121.
 ئايەتنىڭ كەلىمە تەرجىمىسى:
«ئۈستىگە ئاللاھنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنمىغان نەرسىدىن يېمەڭلار، ئۇ نەرسە فىسىق بولغان ئەھۋال ئاستىدا. شەيتانلار ئۆزلىرىنىڭ دوستلىرىغا ۋەھىي قىلىدۇ، ئۇ دوستلىرىنىڭ سىلەر بىلەن دەتالاش قىلىشىشلىرى ئۈچۈن. ئەگەر ئۇلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، سىلەر چوقۇم مۇشرىكلارسىلەر».
ئايەتنىڭ مەنا تەرجىمىسى:
«بىسمىللاھ دېيىلمەي بوغۇزلانغان ھايۋاندىن، ئۇ ھايۋان فىسىق بولغان ئەھۋالدا يېمەڭلار. شەيتانلار ئۆز دوستلىرىغا سىلەر بىلەن دەتالاش قىلىشىشلىرى ئۈچۈن ۋەسۋەسە قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، چوقۇم مۇشرىك بولۇپ كېتىسىلەر»- ئەنئام 6/121.
بۇ ئايەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى مۇنداق:
1- ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانمىغان ھايۋاننىڭ گۆشىنىڭ ھارام بولۇشى ئۈچۈن ئۇ ھايۋاننىڭ «فىسىق» بولۇشى لازىم. چۈنكى ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتتە: «ۋەلا تەئكۇلۇ مىمما لەم يۇزكەرىسمۇللاھى ئەلەيھى (ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلمىغان نەرسىدىن يېمەڭلار)» دەپلا توختىماستىن، داۋامىدا «ۋە ئىننەھۇ لەفسقۇن» دەيدۇ. بۇ «ۋە ئىننەھۇ لەفسقۇن)» دېگەن جۈملە، ھال جۈملىسى بولغانلىقى ئۈچۈن مەنىسى «ئۇ نەرسە فىسق بولغان ئەھۋال ئاستىدا»دېگەن شەكىلدە بولىدۇ.
بۇ، «بۇغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلمان نەرسە»گە «يېمەڭلار» دېگەن چەكلىمە قويۇلۇش ئۈچۈن، ئۇ نەرسىنىىڭ «فىسىق»بولۇشىنىڭ لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئاللاھ تەئالا بۇ «فىسىق» نى شۇ سۈرىسىنىڭ يەنى ئەنئام سۈرىسىنىڭ 145ئايىتىدە «ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان گۇناھ مال» دەپ بايان قىلىدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ يەنى ئەنئام سۈرىسىنىڭ 121ئايىتىنىڭ «ۋەلا تەئكۇلۇ مىمما لەم يۇزكەرىسمۇللاھى ئەلەيھى ۋە ئىننەھۇ لەفسقۇن» دېگەن قىسمىنىڭ تەرجىمىسى:
«بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلمىغان نەرسىدىن، ئۇ نەرسە فىسق (يەنى ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان گۇناھ مال) بولغان ئەھۋال ئاستىدا يېمەڭلار» دېگەن شەكىلدە بولىدۇ.
2- ئايەتنىڭ «شەيتانلار ئۆز دوستلىرىنى سىلەر بىلەن دەتالاش قىلىشقا ۋەسۋەسە قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، چوقۇم مۇشرىك بولۇپ كېتىسىلەر» دېگەن قىسمى بەك مۇھىمدۇر. چۈنكى ئايەتنىڭ بۇ قىسمىدا شەيتانلار ئۆز دوستلىرىغا، بىر قىسىم ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئەمەس، بۇتلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئېيتىپ بوغۇزلاشنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇسۇلمانلار بىلەن دەتالاش قىلىشىشلىرى ئۈچۈن ۋەسۋەسە قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ ۋە ئاخىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ، ئەگەر ئۇ شەيتان دوستلىرىغا ئىتائەت قىلغان تەقدىردە مۇشرىك بولۇپ كېتىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
بۇمۇ بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلمىغان ھايۋانلارنىڭ بۇتلارنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى مۇشرىك بولۇش، ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن ياكى شېرىكنى تەستىقلاش بىلەن بولىدۇ. بۇتلارنىڭ ئىسمىنى ئېيىتىپ مال بوغۇزلاش ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر. بۇ مالنىڭ گۆشىدىن يېيىش بولسا، ئۇ شېرىكنى تەستىقلىغانلىقتۇر، نەتىجىدە ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر.
ھالبۇكى ھايۋان بوغۇزلىغاندا «بىسمىللاھ» دېمەسلىك ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرگەنلىك ئەمەس، «بىسمىللاھ» دېيىلمەي بوغۇزلانغان ھايۋاننىڭ گۆشىدىن يېيىشمۇ ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرگەنلىك ئەمەس.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر