مۇسۇلمانلار

ئاتا-ئانا ھەقلىرىگە رىئايە قىلايلى!

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«رەببىڭ مۇنداق ھۆكۈم قىلدى: ئاللاھدىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماڭلار ۋە ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ياكى ھەر ئىككىلىسى سېنىڭ يېنىڭدا قېرىپ قالسا، ئۇلارغا: «ئۇفف!» دېگەن سۆزنىمۇ قىلما. ئۇلارغا ئازار بەرمە، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىل. (ئۇفف! دېگەن سۆز، بەزگەنلىكنى ۋە زېرىككەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ).
ئۇلارغا مېھرىبانلىق ۋە كەمتەرلىك بىلەن قول-قانات بولغىن ۋە ئۇلار ئۈچۈن مۇنداق دۇئا قىلغىن: «رەببىم! ئاتا-ئانام مېنى كىچىكلىكىمدە قانداق تەربىلىگەن بولسا، سەن ئۇلارغا شۇنداق مەرھەمەت قىلغىن!»،
رەببىڭلار ئىچىڭلاردىكىنى ئۇبدان بىلىدۇ. ئەگەر ياخشى كىشىلەر بولساڭلار، شۇنى بىلىڭلاركى ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر» (ئىسرا 17/23-25).
بۇ ئايەتلەر، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز ئەۋلاتلىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىز بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىدىن ئاتا-ئانىلارنىڭ تۆۋەندىكى ھەقلىرىنى ئاسانلا چۈشىنەلەيمىز:
1- ئاتا-ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش، يەنى ئۇلارنى ئۆزىدىن ۋە خوتۇن-بالىلىرىدىن يۇقىرى كۆرۈپ، ئۇلارغا بۇنىڭغا قارىتا مۇئامىلە قىلىش. ئىسرا سۈرىسىنىڭ 23- ئايىتىنىڭ (يۇقىرىدىكى بىرىنچى ئايەتنىڭ) مەتنىنىڭ بېشىدىكى قەزا كەلىمىسىنىڭ مەنىسى ۋە «ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار» دېگەن جۈملىنىڭ باشتىكى «ئاللاھدىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماڭلار» دېگەن جۈملىدىن پەرقلىق ھالدا بولۇشلۇق شەكىلدە كېلىشى، بۇ ئىشنىڭ سەل قاراشقا قەتئىي بولمايدىغان بىر ئىلاھى پەرمان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
2- ئۇلارنى كىچىككىنە بىر سۆز ياكى ئاددىي بىر ھەرىكەت بىلەن بولسىمۇ رەنجىتمەسلىك.
3- ئۇلارنى ئازارلىماسلىق، يەنى ئۇلارغا ۋاقىراش ياكى قوپال گەپ-سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماسلىق.
4- ئۇلارنىڭ ئالدىدا كەمتەر بولۇش.
5- ئۇلارغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىش.
6- ئۇلارغا رەھمەت ۋە تەشەككۇر ئېيتىش، يەنى ئۇلاردىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى سۆز-ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن ھەر دائىم ئىپادىلەپ تۇرۇشىمىز. (لوقمان سۈرىسىنىڭ 14- ئايىتىنىڭ بىر قىسمىمۇ بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ).
7- ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش.
ئەسكەرتىش: ئاتا-ئانا ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن ئۇلار بۇيرۇغان ئىشنىڭ دىنىمىزنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا خىلاپ كەلمەسلىكى لازىم. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«ئىتائەت پەقەتلا توغرا ئىشتا بولىدۇ؛ ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچ ئىتائەت يوق»- (مۇسلىم، ئىمارەت؛ ئەبۇ داۋۇد، جىھاد؛ نەسەئىي، بەيئەت؛ ئىبنى ماجە، جىھاد)،
«ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچقانداق ئىنسانغا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئاللاھغا ئاسىي بولۇپ تۇرۇپ ھېچقانداق مەخلۇققا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ»- (مۇسنەد ئەھمەد 1/129؛ 1/131).
8- باشقىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تىللىماسلىق سۆكمەسلىك ۋە ھاقارەت قىلماسلىق. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تىللىشى ئەڭ چوڭ گۇناھلاردىندۇر» دېگەن ئىدى، يېنىدىكى ساھابىلىرى: «يا رەسۇلەللاھ! بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىمۇ تىللامدۇ؟» دېيىشتى؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە، بىر كىشى باشقا بىر كىشىنىڭ دادىسىنى تىللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇنىڭ دادىسىنى تىللايدۇ، بىر كىشى باشقا بىر كىشىنىڭ ئانىسىنى تىللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇنىڭ ئانىسىنى تىللايدۇ» دەپ ئۇلارغا چۈشەنچە بەرگەن.- (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
9- ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشتا ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى شەرت قىلىنمايدۇ، پەقەت ئۇلار بۇيرۇغان ئىشنىڭ دىنىمىزدا گۇناھ ھېسابلانماسلىقى لازىم. (لوقمان سۈرىسىنىڭ 15- ئايىتىنىڭ مەزمۇنىمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ).
10- ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىش، يەنى ئۇلار مەيلى ھايات بولسۇن مەيلى ھايات بولمىسۇن ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھ تەئالاغا دۇئا قىلىش.
11- ئۇلارنىڭ قەرزى بولسا تۆلەپ قويۇش.
12- ئۇلارنىڭ دوست-يارەنلىرىگە ياخشىلىق قىلىپ تۇرۇش.
بۇلار، يۇقارقى ئايەتتىن چىقىدىغان بەزى مەزمۇنلاردۇر. بۇلار، ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەقلىرىدۇر. بۇ ھەقلەرگە رىئايە قىلىشىمىز لازىمدۇر.
مۆھتەرەم قېرىنداشلار! ئويلاپ باقىدىغان بولساق ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزگە قىلغان ياخشىلىقلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. ئۇلارنىڭ بىزنى ئادەم قاتارىغا قوشۇش يولىدا تارتقان جاپالىرى ئىنتايىن جىقتۇر. كىچىكلىكىمىزنى بىر ياد ئېتىپ باقايلى قېنى:
ئانىمىز بىزنى 9 ئاي ئەتراپىدا قورسىقىدا كۆتۈرگەن، بۇ ئەسنادا چەككەن جاپا-مۇشەققىتىنى بىر ئاللاھ بىلىدۇ، بىر ئۆزى. بىز ئانىمىزنىڭ قورسىقىدا يۇغىنىغانسېرى ئانىمىزنىڭ خاپىلىقى شۇنچە يۇغىنىغان، كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاشقان، دەرد ئۈستىگە دەرد تارتقان.
بىزنى تۇغقان چېغىدا ئۆلۈمنى كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن، لېكىن بىزنى يېنىدا كۆرۈپلا پۈتكۈل دەرد-ئەلەملىرىنى ئۇنتۇپ بارلىق ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى بىزگە باغلىغان ۋە ھاياتنىڭ خۇشاللىقىنى بىزدە ھېس قىلغان.
ئاندىن كېچە-كۈندۈز بىزنىڭ خىزمىتىمىز بىلەن مەشغۇل بولغان؛ بىزگە سۈتىنى رىزىق، قۇچىقىنى ئۆي، قولىنى ۋە سىرتىنى ئۇلاغ قىلىپ بەرگەن. بىزنى تويسۇن دەپ ئۆزى ئاچ قالغان، بىزنى ئۇخلىسۇن دەپ ئۆزى ئۇيقۇسىز قالغان، بىزنى راھەت ئالسۇن دەپ ئۆزى قىينالغان، بىزگە ھەر دائىم مېھرىبانلىق كۆرسەتكەن، يۈرىكى بىز ئۈچۈن سوققان، ئەقلى بىز ئۈچۈن چۈشەنگەن، قىسقىسى بارلىقى بىزگە ئاتالغان.
بىز ئانىمىز نېرى كەتسە چاقىرىمىز، چىرايى ئۆزگىرىپ قالسا غەمكىن بولىمىز، بىر كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىساق ئانىمىزدىن ياردەم تىلەيمىز، پۈتكۈل ياخشىلىقنىڭ ئانىمىزدا ئىكەنلىكىنى ئويلايمىز، ئانىمىزنىڭ قۇچىقىدا ياكى يېنىدا بولساقلا بىزگە بىر يامانلىق يەتمەيدۇ دەپ چۈشىنىمىز. قىسقىسى كىچىك ۋاقتىمىزدا ئانىمىز بىزنىڭ ھەر نەرسىمىز ۋە ھەممە نەرسىز.
دادىمىزغا كەلسەك، دادىمىز بىزنى دەپ قورقۇنچاق بولۇپ قالىدۇ، بىزنى دەپ بېخىل بولۇپ قالىدۇ، بىزنى دەپ جاپالىق ئىشلەيدۇ، بىزنى دەپ ئۇزۇن سەپەرلەرگە چىقىدۇ، بىزنى دەپ بارمىغان چۆل، ئاياغ باسمىغان شەھەر قالمىغىلى تاس قالىدۇ، بالامنى ئۇبدان باقىمەن دەپ ئۆزىنى تەھلىكىلەرگە ئاتىدۇ، مىڭبىر قىيىنچىلىق بىلەن تاپقان پۇلىنى بىزگە چىقىم قىلىدۇ، بىزنى تەربىيىلەيدۇ، بىزگە كېرەكلىك بولغان ھەر ئىشنى قىلىپ بېرىدۇ، يېنىغا كىرسەك سۆيۈنۈپ كېتىدۇ، خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋالىدۇ، قۇچاقلاپ يۈز-كۆزلىرىمىزگە سۆيىدۇ، باغرىغا باسىدۇ، يېنىدىن چىقساق يۈرىكى بىز بىلەن بىللە چىقىدۇ.
ئەنە شۇلار بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىز! ئەنە شۇ بىزنىڭ كىچىك ۋاقتىمىزدىكى ھالىتىمىز! ئەنە شۇ باسقۇچلاردىن ئۆتكەن بىر ئىنساننىڭ، يۇغىناپ ئادەم قاتارىغا قوشۇلۇپ بولۇپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلماسلىقى نېمىدېگەن ئىمانسىزلىق، بەلكىدە نېمىدېگەن ۋىجدانسىزلىق- ھە!
قېرىنداشلار! بۇ تېمىنى تۆۋەندىكى بىر ئايەت ۋە ئىككى ھەدىس بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئۇيغۇن كۆردۈم:
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئىنساننى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق، ئانىسى ئۇنى قورسىقىدا ئۈستى-ئۈستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى. ئى ئىنسان! ماڭا ۋە ئاتا-ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن»- (لوقمان سۈرىسى 14- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«بالا ئاتىنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرالمايدۇ، پەقەت بالىنىڭ ئاتىسى قۇل بولۇپ، بالا ئۇنى سېتىۋېلىپ ئازاد قىلسا، ئاندىن ئاتىسىنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرغان بولىدۇ»- (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
«ئاتىسى بىلەن ئانىسى ياكى ئۇلاردىن بىرى قېرىغىچە ياشاپ، ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ جەننەتكە كىرەلمىگەن كىشى خاروزار بولسۇن! خاروزار بولسۇن! خاروزار بولسۇن!»- (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر