مۇسۇلمانلار

پەرزەنت تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بېرەيلى!

پەرزەنت تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بېرەيلى
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
مۆھتەرەم قېرىنداشلار! ئائىلە بالىلارنىڭ ئىپتىدائىي مەكتىپىدۇر. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى، دەسلەپكى تەربىيىچىسى ۋە ئاۋۋالقى يېتەكچىسىدۇر.
ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىللىق مېھرى بىلەن كۆيۈنۈپ، ئۇلارنى ئىنچىكە، ئەستايىدىل تەربىيلەپ، زېرىكمەي-تېرىكمەي ئۆگىتىپ، بار-يوقىنى ئۇلارغا ئاتىغاندىلا ئۇلارنى سۈپەتلىك، ياراملىق ئەۋلاد قىلىپ تەربىيلەپ چىقالايدۇ.
بالا ئائىلىنىڭ بەختى، دۇنيا ھاياتىنىڭ زىننىتى، ئاللاھ تەئالانىڭ رەھمىتى ۋە ئامانىتىدۇر. قىسقىسى بالا، ئاللاھ تەئالانىڭ ئەڭ چوڭ ئىنئامىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  «مال-دۇنيالار ۋە بالىلار دۇنيا ھاياتىنىڭ زىننىتىدۇر»[1].
شۇڭا ئاللاھقا شۇكۈر ئېيتىپ، ئۇنىڭ نېئمىتى بولغان پەرزەنتنى قەدىرلەپ، ئاسراپ، ياخشى تەربىيلەش بىزنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى بۇرچمىزدۇر. بۇ بۇرچىمىزدىن قىيامەت كۈنى چۇقۇم ھېساب بېرىمىز. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«ھەممىڭلار پادىچى ۋە ھەممىڭلار ئۆز پادىلىرىڭلار توغرۇلۇق سوراق قىلىنىسىلەر. باشلىقمۇ پادىچىدۇر، ئۇ ئۆز پادىسى توغرۇلۇق سورىلىدۇ. ئەر كىشىمۇ پادىچىدۇر، ئۇ ئۆز پادىسى توغرۇلۇق سورىلىدۇ. ئايال كىشىمۇ پادىچىدۇر، ئۇ ئۆز پادىسى توغرۇلۇق سورىلىدۇ. خىزمەتچىمۇ پادىچىدۇر، ئۇ ئۆز پادىسى توغرۇلۇق سورىلىدۇ. دېمەك سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى بولۇپ، ئۆز پادىلىرىڭلار توغرۇلۇق سوراق قىلىنىسىلەر»[2].
جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قۇشالايدىغان كىشىلەر دەسلەپتە ئائىلىلەردىن تەربىيىلىنىپ يېتىشىپ چىقىدۇ. شۇڭا بالىلارنى ياراملىق قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھېسابنى ئاسان بېرىش ئۈچۈن ئائىلىدە بالىلارنى تەربىيلەشكە ئالاھىدە كۈچ چىقىرىش، زېھىن ئىشلىتىش ۋە مەبلەغ سېلىش كېرەك.
ئاللاھ تائالا: «ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى دوزاختىن ساقلاڭلار»[3] دەپ ئاتا-ئانىلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئايەتنىڭ بايانى ماھىيىتىدە مۇنداق بىر ھەدىسى بار: «ئاللاھقا ئەڭ ياخشى كۆرنىدىغانلار، بالا-چاقىلىرىغا ئەڭ ياخشىلىق قىلغۇچىلاردۇر»[4].
بالا-چاقىلىرىغا ئەڭ ياخشىلىق قىلىش، ئۇلارنى ماددىي جەھەتتىن بېقىش ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تەربىيىلەش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇنى قىلمىغانلار ئاللاھ تەئالاغا ياخشى كۆرۈنمەيدۇ، چۈنكى بۇلار يۇقارقى ئايەتنىڭ ھۆكمىگە ئەمەل قىلمىغان بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلارنىڭ، بالىلىرىنىڭ قولىغا «يە» دەپ كەمپۈت ۋەشاكىلات تۇتقۇزشنىڭ ئورنىغا «ياز» دەپ دەپتەر-قەلەم تۇتقۇزۇشى، «ئوينا» دەپ ئويۇنچۇق بېرىشىنىڭ ئورنىغا «ئوقۇ» دەپ كىتاب بېرىشى مۇھىمدۇر. ئۇلارنىڭ، بالىلىرىغا «بۆشۈك توي»، «تۇغۇلغان كۈن»، «خەتنە توي»… قىلىپ بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارغا كومپيۇتېر، كىتاب-كىچەك، دەپتەر-قەلەم… ئېلىپ بېرىشلىرى كېرەك. ئۇلار شۇنداق قىلغاندىلا ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى، ئاللاھ تەئالا ئەمر قىلغان پەرزنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يولغا قويغان سۈننەتنى ئادا قىلىشقا تىرىشقان بولىدۇ.
ئاتا-ئانىلار، بالىلىرى ئۈچ ياشقا كىرگەندىن باشلاپ تۆۋەندىكى ئىشلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشلىرى كېرەك:
1- بالىلىرىنىڭ ئەقىدىسىگە كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك. يەنى بالا مەكتەپ بوسۇغىسىدىن كىرىپ بولغۇچە، مەن ئاللاھنىڭ بەندىسى، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى، ئىسلام دىنىنىڭ بىر ئەزاسى، دۇنيادا مۇسۇلمان بولۇپ ياشىشىم كېرەك، بولمىسا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھېساب بېرەلمەيمەن دېگەن چۈشەنچە ئۇنىڭ كاللىسىغا يەرلىشىپ بولغان بولۇشى لازىم.
مانا مۇشۇنداق بولغاندا بالا كېيىنكى ھاياتىدا ھەرقانداق بوران-چاپقۇنغا دۇچ كەلسىمۇ ئۆزىنى يوقتىپ قويمايدۇ ھەمدە ئاتا-ئانىسىغا ئۇلار ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىنمۇ پايدا يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئىنسان ئۆلسە، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلى توختايدۇ. پەقەت ئۇنىڭ ئۈچ تۈرلۈك ئەمىلىنىڭ ساۋابى توختىماي نامۇئەمالىغا يېزىلىپ تۇرىدۇ: بىرىنچىسى، ئىنسانلارغا بولىدىغان مەنپەئەتى ئۈزۈلمەيدىغان سەدىقە. ئىككىنچىسى، پايدىلىق ئىلىم. ئۈچىنچىسى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئارقىسىدىن ئۇلارنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى بالا»[5].
2- بالىلىرىنىڭ ئەمەل-ئىبادىتىگە كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك. يەنى بالا كىچىك چاغدىلا ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن كۈندىلىك ئەمەل-ئىبادەتكە كۆندۈرۈلىشى لازىم.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «ئائىلەڭنى نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشتا چىداملىق بولغىن»[6].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «بالىلىرىڭلار يەتتە ياشقا كىرگەندە، ناماز ئوقۇشنى ئۆگىتىڭلار، ئون ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇمىسا ئۇرۇڭلار»[7].
يۇقارقى ئايەت ۋە ھەدىستىن ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ، بالىلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپ ناماز ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرۈشى ۋە ئۇلارغا نامازنىڭ ئەھمىيىتىنى، ئەھكاملىرىنى ئۆگىتىشى كېرەكلىكى، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرنى توغرا يولغا باشلاشتا ئالدى بىلەن ئۆزلىرى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ ئۇلارغا ئۈلگە بولۇشى كېرەكلىكى، ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆزى ناماز ئوقۇماي تۇرۇپ بالىلىرىدىن ناماز ئوقۇشنى تەلەپ قىلىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدىغانلىقى چىقىدۇ
3- بالىلىرىنىڭ ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. يەنى بالا كىچىك چېغىدىلا چوڭلارغا ھۆرمەت قىلىش، كىچىكلەرگە شەپقەت قىلىش، ئاجىزلارغا ياردەم بېرىش، سالام قىلىش،  ئۆزىنىڭ ۋە مۇھىتىنىڭ پاكىزلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش… قاتارلىق گۈزەل ئەخلاقلار ئۇنىڭ كاللىسىغا يەرلىشىشى كېرەك. 
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن:
«سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر. ياخشىلىققا بۇيرۇيسىلەر، يامانلىقتىن توسىسىلەر، ئاللاھغا ئىشىنىسىلەر»[8].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئاتا-ئانا ئۆز بالىسىغا ياخشى ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگىتىشتىنمۇ ئۇبدانراق ئوزۇق بېرەلمەيدۇ»[9].
دېمەك بالىلارنى ئەدەپ-ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيىلەش، ئۇلارغا ياخشى ئىش ۋە ياخشى خۇلق ئۆگىتىش، ئۇلارنى خاتا ئىشتىن ۋە گۇناھتىن توسۇش دىنىمىزنىڭ ئەمرىدۇر، ئاتا-ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىدۇر.
رەسۇلۇللاھنىڭ تەربىيىسىدە بولغان ئۇمەر ئىبن ئەبى سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەربىيىسىدە تۇرۇۋاتقان بالا ئىدىم. تاماق يەۋاتقان چاغدا قولۇم لېگەندە چېپىپ يۈرەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: «ئى بالا! ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، دېگىن، ئوڭ قولۇڭ بىلەن يېگىن، ئۆزۈڭنىڭ ئالدىدىن يېگىن»، دېگەن. شۇنىڭدىن بۇيان تاماق يېيىش ئۇسۇلۇم ھامان رەسۇلۇللاھ دېگەندەك بولۇپ كەلدى[10].
بۇ ھەدىستىنمۇ پەرزەنتلەرنى ئىسلام ئەدەپ-ئەخلاقلىرى بىلەن تەربىيىلەش، ئۇلارنىڭ خاتالىق، سەۋەنلىكلىرىنى ۋاقتىدا كۆرسىتىپ تۈزىتىشكە يېتەكلەشنىڭ لازىملىقى چىقىدۇ.
خۇلاسە
قېرىنداشلار! ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈستىدە ھەقلىرى بولغاندەك، پەرزەتلەرنىڭمۇ ئاتا-ئانىلىرى ئۈستىدە ھەقلىرى بار. پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىشى قانچىلىك مۇھىم بولسا، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىشىمۇ شۇنچىلىك مۇھىمدۇر.
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى كىچىك چاغدىن باشلاپ ئۇلارنىڭ ئەقىدىسىنىڭ توغرا، ئەمەل-ئىبادىتىنىڭ تۈزۈك، ئەدەپ-ئەخلاقىنىڭ گۈزەل بولۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىشى، ئۇلار ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە مەكتەپلەرگە بېرىشى، بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئەقىدە، ئىبادەت ۋە ئەدەپ-ئەخلاقلىرىغا نازارەت قىلىپ تۇرۇشى، بالا ئوقۇش ئۈچۈن تەلەپ قىلغان لازىمەتلەرنى تەييارلاپ بېرىشى، توغرا كەلسە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا ئەۋەتىشى، بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمان بىر ئالىم، مۇسۇلمان بىر ئىنژېنېر… يېتىشتۈرۈپ جەمئىيەتكە سۇنۇشى لازىم. مانا مۇشۇنداق قىلغاندىلا «بالا» دېگەن نېئمەتنىڭ شۈكرىسىنى ئادا قىلغان بولىدۇ.
تىرىشچانلىق بەندىدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر
ئالىم ئوغلى
———————————————————————-
[1]– كەھف 18/46.
[2]– بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەتقىلغان.

[3]– تەھرىم سۈرىسى، 6- ئايەت.

[4]– بەيھەقىي رىۋايىتى.

[5]– مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[6]– تاھا 20/132- ئايەت.

[7]– ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەتقىلغان.

[8]– ئال ئىمران 3/ 110.

[9]– تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

[10]– بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەتقىلغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر