باش بەت > ئاياللار > ئەھكام > پەتىۋالار > تەتقىقاتلار > مەھرەم  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

بىسمىللاھىر رەھمانىر رھىم

ئاياللار ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ يېرىمىدۇر. بۇنى ئەقىل تونۇيدۇ، ئەمەلىيەت ئىسپاتلايدۇ. ئەرئاياللارنىڭ، تۇرمۇشنىڭ ھەر ساھەسىدە بىر-بىرى بىلەن ئارىلىشىپ ياشاشقا ئېھتىياجى بار. ئىسلام دىنى ئەرئاياللارنى ئايرىلىپ ياشاشقا بۇيرۇماستىن، ئۇلارنى مەلۇم بىر چەكچېگرا ئىچىدە ئارىلىشىپ ياشاشقا بۇيرۇغان.
ئاياللار ۋۇجۇد جەھەتتىن ئەرلەرگە قارىغاندا ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن يامان نىيەتلىك كىشىلەردىن ئىپپەت-نومۇسىنى، ئوغرىقاراقچىلاردىن مال-مۈلكىنى ساقلاشتا يېتەرسىز قالىدۇ.
 ئىنسانلار ھەر جەھەتتىن جاھىلىيەت ئىچىدە ياشاۋاتقان بىر زاماندا پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمان ئاياللارنى بەزىدە بىر كېچەكۈندۈزلۈك، بەزىدە ئىككى كېچەكۈندۈزلۈك، بەزىدە ئۈچ كېچەكۈندۈزلۈك سەپەرگە مەھرەمسىز چىقىشتىن توسقان، شۇنداقلا ئاياللار مەھرەمسىز سەپەرگە چىقالايدىغان بىر زامانلارنىڭ كېلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن.
قۇرئان كەرىمدە مەھرەم توغرىسىدا بىرەر ئىشارەتنىڭمۇ يوق ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ توغرىدىكى يوليورۇقلىرىنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكى ۋە ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز سەپەرگە چىقالايدىغانلىقى توغرىسىدا بەرگەن بىشارىتى، ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز سەپەرگە چىقىشىنىڭ چەكلىنىشىنىڭ سەۋەبكە باغلىق بىر چەكلىمە ئىكەنلىكىگە، شۇنداقلا سەۋەب يوقالغان ھامان ئۇ چەكلىمىنىڭمۇ يوقىلىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.  
تۆۋەندە، ئەرئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ ھايات كەچۈرۈش جەريانىدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىلىرىنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا، ئاياللارنىڭ سەپەرگە چىقىشىدا بىر مەھرىمى بىلەن بىللە چىقىشىنىڭ شەرت قىلىنىشى توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ ۋە ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئەتراپلىق توختىلىمەن. ئەبۇلفاتىھ
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

1 بۆلۈم ئەر ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ ياشىشى ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى

ئىسلام دىنى ئەرئاياللارنى ئايرىلىپ ياشاشقا بۇرۇمايدۇ، لېكىن ئارىلىشىپ ياشاش جەريانىدا ھەر ئىككى تەرەپكە مەلۇم شەرتلەر قويىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. بۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ پاكتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر.
مۇئمىن ئاياللارغىمۇ ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن. ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن- ئۇ زىننەتلەرنىڭ ئوچۇق بولغان قىسمى مۇستەسنا-. ياغلىقلىرى بىلەن بويۇنلىرىنى ۋە كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن. زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، دادىلىرىدىن، قېيناتىلىرىدىن، ئۆز ئوغۇللىرىدىن، ئۆگەي ئوغۇللىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ئاياللىرىدىن، قول ئاستىدىكىلەردىن، جىنسىي ئارزۇسى بولمىغان ئەرلەردىن ۋە ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى تېخى پەرق ئەتمىگەن بالىلاردىن باشقا ھېچكىمنىڭ يېنىدا ئاچمىسۇن. يوشۇرغان زىننەتلىرىنى بىلىنسۇن دەپ پۇتلىرىنى ئۇرمىسۇن. ئى مۇئمىنلار! ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»[1].
  بۇ ئىككى ئايەتتىن تۆۋەندىكى مەزمۇنلار چىقىدۇ:
ئا ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىدە ئەرلەرنىڭ ئەتراپىدا ئاياللار، ئاياللارنىڭ ئەتراپىدا ئەرلەر بولىدۇ. چۈنكى بىرىنچى ئايەتنىڭ: «مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن» دېگەن قىسمى، ئەرلەرنىڭ ئەتراپىدا نامەھرەم ئاياللارنىڭ بولىدىغانلىقىنى، ئەرلەرنىڭ ئۇلارغا تىكىلىپ قارىماسلىقىنىڭ ۋە ئۇلاردىن ئۆزلىرىنىڭ جىنسىي پاكلىقىنى ساقلىشىنىڭ لازىملىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەرلەرنىڭ نامەھرەمگە قاراش ۋە ئۇلاردىن ئۆزلىرىنىڭ جىنسىي پاكلىقىنى ساقلىماسلىق ئىمكانىيىتى بولمىغان يەردە ئۇلارغا بۇ توغرىدا بىر چەكلىمە قويغاننىڭ ئەھمىيىتى يوق.
ئە- «قارىمىسۇن» دېگەن چەكلىمە مۇتلەق بولماستىن، «تىكىلىپ» ئىپادىسى بىلەن بىرلىكتە كەلگەن. بۇ ھەر قانداق قاراشنىڭ ئەمەس، شەھۋانىي كۆز بىلەن ۋە يامان نىيەت بىلەن قاراشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ئى ئەلى! ئارقا ئارقىدىن قارىما، بىرىنچى قېتىملىقىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئىككىنچى قېتىملىقى مەنئى قىلىنىدۇ» دېگەن ھەدىسىمۇ بۇ مەنىنى تەكىتلەيدۇ[2].
ب ئاياللار يۈزلىرىنى يۆگەشكە ئەمر قىلىنمايدۇ. ئەگەر ئاياللارنىڭ يۈزلىرىنى يۆگىشى پەرز بولسا ۋە ئۇلار بۇ پەرزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن يۈزلىرىنى يۆگىگەن بولسا، بۇ ئەھۋالدا ئەرلەرگە «تىكىلىپ قارىمىسۇن» دېيىشنىڭ بىر مەناسى بولمايتتى. چۈنكى ئۇ تەقدىردە ئۇلار قارايدىغان يەر يوق.
بۇنى (33) سۈرە ئەھزابنىڭ 52ئايىتىنىڭ بېشىدىكى: «ئى پەيغەمبەر! بۇنىڭدىن كېيىن باشقا ئاياللار بىلەن نىكاھلىنىشىڭ ساڭا ھالال بولمايدۇ. باشقا ئاياللارنىڭ جامالى سېنى ئەجەبلەندۈرگەن تەقدىردىمۇ…» دېگەن ئىپادىمۇ تەكىتلەيدۇ.
چۈنكى بۇ ئايەت (نىڭ تەرجىمىسى) دىكى «جامالى» دېگەن سۆزنىڭ ئەرەبچىسى ھۇسن «حسن» دۇر. ئەرەبچىدىكى ھۇسن، ئۇيغۇرچىدا جامال، ھۆسن، چىراي قاتارلىق سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسى يۈزنىڭ گۈزەللىكى دېگەن مەنانى ئىپادىلەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئەجەپلەندۈرىدىغان گۈزەل يۈزنىڭ ئوچۇق يەنى يۆگەلمىگەن بولۇشى كېرەك. چۈنكى يۆگەلگەن يۈز قارشى جىنسنى ئەجەبلەندۈرمەيدۇ.
پ ئىككىنچى ئايەتنىڭ: «مۇئمىن ئاياللارغىمۇ ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن. ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن» دېگەن قىسمى، ئەرلەرگە قويۇلغان چەكلىمىنىڭ ئاياللارغىمۇ ئوخشاش ھالدا قويۇلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
ت بۇ ئىككى ئايەت ھەر ئىككى جىنسنى زىنادىن ئىبارەت قەبىھ ئىشتىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، شۇنداقلا (17) سۈرە ئىسرانىڭ 32ئايىتىدىكى: «زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر ۋە يامان يولدۇر» دېگەن چەكلىمىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتتە «زىناغا يېقىنلىشتىن توسىدۇ» يۇقىرىدىكى ئىككى ئايەتتە بولسا، (نۇر سۈرىسىنىڭ 30- ۋە 31 ئايەتلىرىدە)، قانداق قىلسا زىناغا يېقىنلاشقانلىق بولىدىغانلىقنى بايان قىلىدۇ.
ج زىنادىن ئىبارەت قەبىھ ئىشقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ھەرقانداق سۆزھەرىكەت قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. بۇنى يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ ئىككىنچىسىدە ئاياللارنىڭ زىننەتلىرىنى ئاشكارىلاشتىن ۋە زىننەتلىرىنى بىلىنسۇن دەپ يەرگە قاتتىق دەسسەپ مېڭىشتىن مەنئى قىلىنىشى ئىپادىلەيدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئوتتۇرىسىدا نىكاھ چۈشىدىغان بىر ئەرئايال يالغۇز بىر يەردە تۇرمىسۇن. ئەگەر تۇرۇپ قالسا، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۈچىنچىسى شەيتان بولىدۇ»[3] دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىسى ئەنە شۇ ئايەتلەرنىڭ بىر مەنىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

خۇلاسە

ئەرئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا بولۇپمۇ قاتناش ۋاسىتىلىرى، مەجلىس، يول، دوختۇرخانا، تويتۆكۈن سورۇنلىرى ۋە ئادەمگەرچىلىك باردىكەلدىلىرى قاتارلىق ئەرئاياللار بىربىرىگە يېقىن بولۇپ قالدىغان جايلاردا يۇقىرىدىكى شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ھالدا بىر يەردە تۇرۇشى مەنئى قىلىنمايدۇ.
ئەگەر بىر ئەر بىلەن بىر ئايالنىڭ بىر ئىشخانىدا ئىشلىشىگە ياكى ئەر كىشىنى ئايال دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا، ئايال كىشىنى ئەر دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا توغرا كېلىپ قالسا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەرتلەرگە ھەر ئىككى تەرەپ رىئايە قىلغاندىن سىرت، ئىككىسى بىر جايدا يالغۇز تۇرۇپ قالماسلىق شەرتىگىمۇ رىئايە قىلىشلىرى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن يا ئۇلارنىڭ يېنىدا باشقا بىرىنىڭمۇ بولۇشى ياكى ئىشىكنىڭ ئوچۇق تۇرۇشى لازىم.

2 بۆلۈم سەپەر قىلماقچى بولغان ئايالغا مەھرەم شەرتى

   يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك قۇرئان كەرىمدە ئاياللارنىڭ سەپەر قىلىشى ئۈچۈن مەھرەم شەرتى يوق. لېكىن بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرقلىق يوليورۇقلىرى بار. مەسىلەن:
 بەزى ھەدىسلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللارنى بىر كېچەكۈندۈزلۈك سەپەرگە مەھرەمسىز چىقىشتىن توسقانلىقى بايان قىلىنسا، بەزى ھەدىسلەردە ئىككى كېچەكۈندۈزلۈك سەپەرگە مەھرەمىسز چىقىشتىن توسقانلىقى بايان قىلىنىدۇ. يەنە بەزى ھەدىسلەردە ئۈچكېچە كۈندۈزلۈك سەپەرگە مەھرەمسىز چىقىشتىن توسقانلىقى رىۋايەت قىلىنسا، بەزى ھەدىسلەردە مەھرەسىز سەپەرگە چىقىشتىن مۇتلەق (يەنى ھېچ ۋاقىتقا باغلىق بولماستىن) توسقانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزى ھەدىسلىرىدە ئاياللار يالغۇز سەپەرگە چىقالايدىغان بىر زامانلارنىڭ كېلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ. تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى ۋە ساھابىلەرنىڭ تەتبىقاتى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، ئاندىن بىر خۇلاسە چىقىرىلىدۇ:
ئا – بىر كېچە كۈندۈزلۈك سەرپەگە مەھرەم شەرت قىلىدىغان ھەدىسلەر:
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر ئايالنىڭ، بىر كېچەكۈندۈزلۈك سەپەرگە مەھرەمسىز چىقىشى ھالال ئەمەس»[4].
ئە – ئىككى كۈندۈزلۈك سەرپەگە مەھرەم شەرت قىلىدىغان ھەدىسلەر:
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى ئىككى كۈنلۈك سەپەرگە، يېنىدا ئېرى ياكى مەھرىمى بولمىسا چىقمىسۇن»[5].
ب ئۈچ كۈنلۈك سەپەرگە مەھرەم شەرت قىلدىغان ھەدىسلەر:
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر ئايالنىڭ ئۈچ كۈنلۈك ۋە ئۈچ كۈنلۈكتىن ئارتۇق سەپەرگە، يېنىدا دادىسى ياكى ئوغلى ياكى ئېرى ياكى ئەر بىر تۇغقىنى ۋە ياكى ئۆزىگە مەھرەم كېلىدىغان بىر تۇغقىنى بولماستىن چىقمىسۇن»[6].
پ ھەر قانداق سەپەرگە مەھرەم شەرت قىلىدىغان ھەدىسلەر:
ئىبىنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇتبە ئوقۇۋېتىپ: «ئايال كىشى مەھرەمسىز سەپەرگە چىقمىسۇن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم[7].
ت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىشارىتى:
ئەدى ئىبنى ھاتىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئىدىم. بىر ئادەم كەلدى ۋە پېقىرلىقتىن دەرد تۆكتى. بۇ ئەسنادا يەنە بىر ئادەم كېلىپ يولدىكى بۇلاڭتالاڭلاردىن دەرد تۆكتى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا قاراپ: «ئى ئەدى! سەن ھىرە شەھىرىنى كۆردۈڭمۇ؟» دېدى. مەن: ياق، كۆرمىدىم، لېكىن ئاڭلىدىم، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:
«ئەگەر ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولسا، تۆگىسىنى مىنگەن بىر ئايال ھىرە[8]دىن يولغا چىقىپ، مەككىگە كېلىپ كەبىنى تاۋاف قىلغانلىقىنى چوقۇم كۆرىسەن. ئۇ، بۇ يولۇچىلىقىدا ئاللاھدىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمايدۇ».
ئەدى مۇنداق دەيدۇ: ئىچىمدە، شەھەرلەرگە ئوت قويۇۋاتقان تەي قەبىلىسىنىڭ قاراقچىلىرى قەيەرگە كېتىدۇ؟ دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئۆمرۈڭ بولسا، كىسرانىڭ خەزىنىلىرىنڭ فەتىھ قىلىنغانلىقىنىمۇ كۆرىسەن». كىسرا ئىبنى ھۇرمۇزمۇ؟ دەپ گەپكە ئارىلاشتىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە، ئىبنى ھۇرمۇز بولغان كىسرا» دەپ جاۋاب بەردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
«ئەگەر ئۆمرۈڭ ئۇزارسا، چوقۇم كۆرىسەن: كىشى ئالقىنى توشقىچە ئالتۇنىنى ياكى كۈمۈشىنى چىقىرىپ قوبۇل قىلىدىغان ئادەم ئىزدەيدۇ، لېكىن ئۇنى قوبۇل قىلىدىغان ئادەم تاپالمايدۇ. سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىر كۈنى چوقۇم ئاللاھغا مۇلاقات بولىدۇ. ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا تەرجىمان بولمايدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا: «مەن ساڭا ھەقنى يەتكۈزىدىغان پەيغەمبەر ئەۋەتمىدىممۇ؟» دەيدۇ. ئۇ: ھەئە، ئەۋەتتىڭ دەيدۇ.
ئاللاھ ئۇنىڭغا: «مەن ساڭا مال بەرمىدىممۇ؟ ساڭا ئىنئام قىلمىدىممۇ؟» دەيدۇ. ئۇ: ھەئە، ماڭا مال بەردىڭ، ئىنئام قىلدىڭ دەيدۇ. ئاندىن ئۇ ئوڭ تەرىپىگە قارايدۇ، دوزاختىن باشقا بىر نەرسە كۆرمەيدۇ. سول تەرىپىگە قارايدۇ، دوزاختىن باشقا بىر نەرسە كۆرمەيدۇ».
ئەدى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنىمۇ ئاڭلىدىم: «يېرىم خورما بولسىمۇ سەدىقە بېرىپ دوزاختىن ساقلىنىڭلار. يېرىم خورما تاپالمىغانلار چىرايلىق سۆز بىلەن ساقلانسۇن».
ئەدى يەنە مۇنداق دەيدۇ: مەن تۆگىسىگە مېنىپ ئاللاھدىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمىغان ھالدا ھىرەدىن كېلىپ بەيتۇللاھنى تاۋاف قىلغان ئايالنى كۆردۈم. كىسرا ئىبنى ھۇرمۇزنىڭ خەزىنىلىرىنى فەتىھ قىلغانلارنىڭ ئارىسىدا مەنمۇ بار ئىدىم. ئەگەر سىلەرنىڭ ئۆمرۈڭلار ئۇزۇن بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرىسىلەر: «كىشى ئالقىنى توشقىچە ئالتۇنىنى ياكى كۈمۈشىنى چىقىرىپ قوبۇل قىلىدىغان ئادەم ئىزدەيدۇ، لېكىن ئۇنى قوبۇل قىلىدىغان ئادەم تاپالمايدۇ»[9].
ج – ساھابىلەرنىڭ تەتبىقاتى:
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا ھەجگە بېرىشلىرىغا رۇخسەت قىلغانلىقى، ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزەيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۇلارغا مەسئۇل قىلىپ ئەۋەتكەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ[10].
ئۆمەر، ئوسمان، ئابدۇراھمان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) بۇ ئىش توغرىسىدا بىر قارارغا كېلىشكەندە ھېچبىر ساھابە بۇ ئىشقا قارشى چىقمىغان[11].

خۇلاسە  

قۇرئان كەرىمدە ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشىنىڭ ھاراملىقىغا دائىر بىر ئىشارەتنىڭمۇ يوقلىقى، بۇ توغرىدىكى ھەدىسلەرنىڭ پەرقلىق ۋە ھەممىسىنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللار مەھرەمسىز سەپەرگە چىقايلايدىغان بىر زاماننىڭ كېلىشىدىن بىشارەت بېرىشى ۋە بۇ بىشارەتنى ئاڭلىغان ساھابىنىڭ مەزكۇر بىشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىشى، ساھابىلەرنىڭ تەتبىقاتى قاتارلىقلار شۇنىڭغا قەتئىي دالالەت قىلىدۇكى:
ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز سەپەرگە چىقىشىنىڭ ھاراملىقى سەۋەبكە باغلانغان بىر ھاراملىق بولۇپ، سەۋەب يوق بولسا ئۇ ھاراملىقمۇ يوق بولىدۇ. سەۋەب مەجۇت بولسا ئۇ ھاراملىقمۇ مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ يەردىكى سەۋەب يولنىڭ خەۋپلىك بولۇشىدۇر.
ئاللاھغا ھەمدۇسانالار بولسۇن.
—————————————–  

[1]نۇر سۈرىسى 30 ۋە 31 ئايەتلىرى.

[2]بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە ئەھمەدلەر رىۋايەت قىلغان.

[3]بۇھەدىسنى بۇخارى، مۇسلىم ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.

[4]بۇخارى، تەقسىرۇسسالات 4؛ مۇسلىم، ھەج 419، 422؛ مۇۋەتتا، ئىستىئزان 37، ئەبۇ داۋۇد، مەناسىك 2؛ تىرمىزى، رەدائ 15.

[5]بۇخارى، مۇھسەر 26، سەۋم 67؛ مۇسلىم، ھەج 74.

[6]دارىمى، ئىستىئزان 46؛ مۇسلىم، ھەج 413 424؛ بۇخارى، تەقسىرۇسسالات 4، مەسجىدى مەككە 6، سەيد 26، سەۋم 67؛ ئەبۇ داۋۇد، مەناسىك 2؛ تىرمىزى، رەدائ 15؛ ئبنى ماجە، مىناسىك 7؛ مۇۋەتتا، ئىستىئزان 37.

[7]بۇخارى، مۇھسەر بابۇ ھەججىننىسائ؛ مۇسلىم، ھەج بابۇ سەفەرىلمەرئەتى مەئە مەھرەمىن؛ بۇ ھەدىسنى يەنە تەبەرانى ئەلمۇئجەمۇلكەبىر ناملىق كىتابىدا، بەيھەقى شۇئەبۇلئىمان ناملىق كىتابىدا ئىبنى ھىببان ئۆزىنىڭ سەھىھىدا رىۋايەت قىلىدۇ.

[8]ھىرە بۈگۈنكى ئىراقنىڭ نەجەف ۋە كۇفە رايونلىرىنىڭ ئوتتۇرىدا بىر كەنت) – تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى 18 ـ توم، 122 ـ بەت.

[9]بۇخارى، مەناقىب 25؛ تىرمىزى، تەفسىرۇلقۇرئان 48، باب 2.

[10]بۇخارى، كىتابۇلھەج بابۇ ھەججىننىسائ.

[11]بۇخارى، كىتابۇلھەج بابۇ ھەججىننسائ.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ