مۇسۇلمانلار

ئىنفىتار سۈرىسى

ئىنفىتار سۈرىسى مەككىدە نازىل بولغان، 19 ئايەت.
ياخشىلىق چەكسىز، ئىنئامى كۆپ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
1- ئاسمان يېرىلغان چاغدا،
2- يۇلتۇزلار چېچىلغان چاغدا،
3- دېڭىزلەر بىر – بىرىگە قوشۇلغان چاغدا،
4- قەبىرلەرنىڭ ئىچى تېشىغا چىقىرىلغان چاغدا،
5- ھەر ئادەم قىلغان ئىشلىرىنى ۋە قالدۇرغان ئەسەرلىرىنى بىلىدۇ.
6- ئى ئىنسان! سېنى سېخىي رەببىڭگە قارشى نېمە ئالدىدى؟
7- ئۇ سېنى ياراتقان، بېجىرىم قىلغان، قامىتىڭنى تۈز قىلغان،
8- ۋە ئۆزى خالىغان شەكىلدە قۇراشتۇرغان زاتتۇر.
9- ياق[1]، بەلكى سىلەر دىننى[2] يالغان دەيسىلەر.
10- ھالبۇكى ئۈستۈڭلاردا كۆزەتكۈچىلەر بار.
11- ئۇلار ھۆرمەتلىكتۇر، يېزىپ تۇرغۇچىلاردۇر.
12- ئۇلار قىلمىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.
13- شۈبھىسىزكى، ياخشىلار نەئىمدە بولىدۇ[3].
14- شۈبھىسىزكى، يامانلار دوزاختا بولىدۇ.
15- ئۇلار جازا ۋە مۇكاپات كۈنى ئۇنىڭغا كىرىپ كۆيىدۇ.
16- ئۇلار ئۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ يوقالمايدۇ.
17- جازا ۋە مۇكاپات كۈنى نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟
18- توغرا، جاۋا ۋە مۇكاپات كۈنى نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟
19- ئۇ كۈندە، ھېچكىم ھېچكىمگە ھېچبىر ياردەم قىلالمايدۇ. ئۇ كۈندە ئەمر[4] پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر.


[1]– ئىش سىلەر دىگەندەك ئەمەس، ئالدانماڭلار،

[2]– ئاللاھقا ھېساب بېرىش ئىشىنى، ياخشىلارغا مۇكاپات، يامانلارغا جازا بېرىلىدىغانلىقىنى.

[3]– بۇنىڭ مەناسى نەئىم جەننەتتلىرىدە بولىدۇ، نېئمەتلەرگە ئېرىشىدۇ، دېگەن بولىدۇ.

[4]– ئىش، بۇيرۇق، ھاكىمىيەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر