مۇسۇلمانلار

نازىئات سۈرىسى

نازىئات سۈرىسى مەككىدە نازىل بولغان، 46 ئايەت
ياخشىلىقى چەكسىز، ئىنئامى كۆپ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
1- تارتىپ ئالغۇچىلار بىلەن قەسەمكى،
2- سىلىق ئالغۇچىلار بىلەن قەسەمكى،
3- ئىشىنى تېز ۋە تولۇق قىلغۇچىلار،
4- ئىلگىرىلىگۈچىلەر
5- ۋە ئىش باشقۇرغۇچىلار بىلەن قەسەمكى[1]،
6- بىر كۈنى قاتتىق بىر تەۋرەش بولىدۇ[2]،
7- ئارقىسىدىن يەنە بىر تەۋرەش بولىدۇ[3].
8- ئۇ كۈنى يۈرەكلەر سېلىپ كېتىدۇ.
9- كۆزلىرى يەرگە تىكىلىپ قالىدۇ.
10- ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئاۋۋالقى ھالىتىمىزگە قايتۇرۇلامدۇق؟[4]
11- چىرىگەن سۆڭەكلەر بولۇپ كەتكەن ۋاقتىمىزدىمۇ؟»
12- ئۇلار: «ئۇنداق بولسا، بۇ زىيانلىق بىر قايتىشتۇر» دېدى.
13- ئۇ ئەھۋال[5] قورقۇنچلۇق بىر ئاۋازدىنلا ئىبارەتتۇر.
 14- شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار بىردىنلا يەر يۈزىگە چىقىپ قالىدۇ.
15- ئى مۇھەممەد! ساڭا مۇسانىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
16- ئۆز ۋاقتىدا رەببى ئۇنىڭغا مۇقەددەس ۋادى تۇۋادا مۇنداق دەپ نىدا قىلغان ئىدى:
17- «فىرئەۋننىڭ يېنىغا بارغىن، ئۇ بەك ھەددىدىن ئاشتى.
18- ئۇنىڭغا ئېيتقىن: «پاكلىنىشقا مەيلىڭ بارمۇ؟
19- سېنى رەببىڭنى تونۇشقا يېتەكلەيمۇ؟ ئۆزۈڭنى تۈزىتەرسەن!».
20- شۇنىڭ بىلەن مۇسا فىرئەۋنگە ئەڭ بۈيۈك مۆجىزىنى كۆرسەتتى،
21- بىراق فىرئەۋن يالغان دېدى، ئاسىيلىق قىلدى،
22- ئاندىن ئىشقا كىرىشىش ئۈچۈن ئارقىسىنى قىلىپ كەتتى،
23- ئاندىن توپلىدى، ئاندىن نىدا قىلدى:
24- «مەن سىلەرنىڭ ئەڭ بۈيۈك رەببىڭلاردۇرمەن» دېدى.
25- ئاللاھ ئۇنى ئاخىرقى ۋە ئاۋۋالقىنىڭ جازاسى بىلەن جازالىدى[6].
26- شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئۆزىنى تۈزىتىدىغانلار ئۈچۈن ئىبرەت بار.
27- ئى ئىنكارچىلار! سىلەرنى يارىتىش تەسمۇ ياكى ئاسماننى يارىتىشمۇ؟ ئاللاھ ئاسماننى بىنا قىلدى،
28- ئۇنىڭ تورۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ مۇستەھكەم ئورۇنلاشتۇردى،
29- ئۇنىڭ كېچىسىنى قاراڭغۇ قىلدى ۋە يورۇقلۇقىنى چىقاردى،
30- زېمىننى ئۇنىڭدىن كېيىن يايدى،
31- ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ سۈيىنى ۋە ئوتلىقىنى چىقاردى،
32- تاغلارنى مۇستەھكەم ئورۇنلاشتۇردى،
33- سىلەرنى، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلىرىڭلەرنى پايدىلانسۇن، دەپ.
34- بۈيۈك پالاكەت كەلگەن چاغدا،
35- ئەنە شۇ كۈنى كىشى قىلغان – ئەتكەنلىرىنى ئەسلەيدۇ،
36- كۆرىدىغانلار ئۈچۈن دوزاخ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ.
37- كىم ھەددىدىن ئاشسا
38- ۋە دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئارتۇق كۆرسە،
39- شۈبھىسىزكى، دوزاخ ئۇنىڭ جايى بولىدۇ.
40- كىم رەببىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ھېساب بېرىشتىن قورقسا ۋە نەپسىنى ئارزۇلىرىدىن توسسا،
41- شۈبھىسىزكى، جەننەت ئۇنىڭ جايى بولىدۇ.
42- ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن قىيامەت قاچان بولىدۇ؟، دەپ سورايدۇ.
43- سەن نەدە، قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى ئېيتىپ بېرىش نەدە!
44- ئۇنى پەقەت رەببىڭ بىلىدۇ.
45-سەن ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچىىسەن، خالاس.
46- ئۇلار ئۇنى كۆرگەن كۈندە، ئۆزلىرىنى گويا دۇنيادا پەقەت بىر كەچقۇرۇنلۇق ياكى ئۇنىڭ ئەتىگەنلىكى تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ.


[1]– تەپسىرلەردە، بۇلارنىڭ ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن پەرقلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلىنىپ، ۋەزىپىلىرىنى ئوبدان ئورۇندىغان پەرىشتىلەر ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئېھتىماللىقى بايان قىلىنىدۇ.

[2]– سۇر بىرىنچى قېتىم چېلىنىدۇ، بۇ چاغدا تىرىك بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ.

[3]– سۇر ئىككىنچى قېتىم چېلىنىدۇ، بۇ چاغدا ئۆلۈكلەر تىرىلىدۇ.

[4]– ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرۈلدۈرۈلەمدۇق؟

[5]– ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۈرۈش ئەھۋالى.

[6]– يەنى فىرئەۋننىڭ ئاخىرقى ۋە ئاۋۋالقى سۆزلىرىنىڭ جازاسىنى بەردى. ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزى، ئۇنىڭ: «مەن سىلەرنىڭ ئەڭ بۈيۈك رەببىڭلاردۇرمەن» دېگەن سۆزىدۇر. ئاۋۋالقى سۆزى بولسا، ئۇنىڭ: «سىلەرنىڭ مەندىن باشقا ئىلاھىڭلار بارلىقىنى بىلمەيمەن» دېگەن سۆزىدۇر (ئۇنىڭ بۇ سۆزى، قەسەس سۈرىسىنىڭ 38- ئايىتىدە زىكىر قىلىنىدۇ). مۇفەسسىرلەرنىڭ ئىچىدە بۇ ئايەتتىكى «ئاخىرقى» نى، ئۇنىڭ: «مەن سىلەرنىڭ ئەڭ بۈيۈك رەببىڭلاردۇرمەن» دېگەن سۆزىدۇر. «ئاۋۋالقى» نى، ئۇنىڭ مۇشۇ سۈرىنىڭ 21- ئايىتىدە زىكىر قىلىنغان سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىدۇر، دەپ تەپسىر قىلغانلارمۇ بار. شۇنىڭدەك، «ئاخىرقى» نى ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە بېرىلىدىغان دوزاخ ئازابىدۇر. «ئاۋۋالقى» نى ئۇنىڭغا دۇنيادا بېرىلگەن غەرق ئازابىدۇر، دەپ تەپسىر قىلغانلارمۇ بار.- (تەبەرى ۋە رازى تەپسىرلىرى).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر