مۇسۇلمانلار

نەبەئ سۈرىسى

نەبەئ سۈرىسى
 مەككىدە نازىل بولغان، 40 ئايەت.
ياخشىلىقى چەكسىز، ئىنئامى كۆپ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
1- مۇشرىكلار بىر–بىرىدىن نېمە توغرۇلۇق سورىشىۋاتىدۇ؟
2- بۈيۈك خەۋەر توغرۇلۇق.
3- ئۇ شۇنداق خەۋەركى، ئۇلار ئۇنىڭ ھەققىدە ئىختىلاپ قىلىشماقتىدۇر.
4- ئۇنداق ئەمەس[1]، ئۇلار يېقىندا بىلىدۇ.
5- ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار يېقىندا بىلىدۇ.
6-بىز زېمىننى بىر تۆشەك قىلمىدۇقمۇ؟
7- تاغلارنى قوزۇقلار قىلمىدۇقمۇ؟
8-سىلەرنى جۈپ ياراتتۇق.
9-ئۇيقۇڭلارنى راھەت قىلدۇق.
10- كېچىنى بىر پەردە قىلدۇق.
11-كۈندۈزنى مەئىشەت ۋاقتى[2] قىلدۇق.
12- ئۈستۈڭلاردا مۇستەھكەم يەتتە ئاسمان بىنا قىلدۇق.
13- ئىسسىقلىق ۋە نۇر تارقىتىپ تۇرىدىغان بىر چىراق ياراتتۇق.
14- سىققۇچىلاردىن[3] مول يامغۇر ياغدۇردۇق.
15- بۇنى ئۇنىڭ بىلەن ئاشلىق ۋە ئوت-چۆپلەرنى چىقىرايلى،
16- دەرەخلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن باغلارنى يېتىشتۈرەيلى. دەپ قىلدۇق.
17- شۈبھىسىزكى، ياخشى-ياماننى ئايرىش كۈنى بەلگىلەنگەن بىر ۋاقىتتۇر.
18- ئۇ كۈنى سۇر چېلىنىدۇ. سىلەر توپ–توپ بولۇپ كېلىسىلەر،
19- ئاسمان ئېچىلىپ ئىشىكلەر بولىدۇ،
20- تاغلار كەتكۈزۈلۈپ ساراپ بولىدۇ.
21- شۈبھىسىزكى، جەھەننەم كۆزەتكۈچى بولىدۇ،
22- ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ بارىدىغان جايى بولىدۇ.
23- ئۇلار ئۇ يەردە ئەبەدىي قالىدۇ.
24- ئۇلار ئۇ يەردە بىر سۆرۈنلۈكمۇ، بىر ئىچىملىكمۇ تېتىمايدۇ.
25- ئۇلار پەقەت قايناقسۇ ۋە يىرىڭ تېتىيدۇ.
26- مۇۋاپىق بىر جازا!
27- چۈنكى ئۇلار ھېساب بېرىشنى ئويلىمايتتى
28- ۋە ئايەتلىرىمىزنى يالغان دەيتتى.
29- بىز ھەر نەرسىنى بىر – بىرلەپ يېزىپ قويغان.
30- شۇڭا تېتىڭلار! سىلەرگە ئازابتىن باشقا بىر نەرسە زەيادە قىلمايمىز.
31- شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلارغا غەلىبە مۇكاپاتى بار:
32- باغلار، ئۈزۈملەر،
33- بويىغا يەتكەن تەڭتۇش قىزلار
34- ۋە ئىچىملىك بىلەن تولدۇرۇلغان قەدەھلەر.
35- ئۇلار جەننەتتە ھېچقانداق بىھۇدە سۆز ۋە يالغان سۆز ئاڭلىمايدۇ.
36- بۇلار رەببىڭنىڭ مۇكاپاتى ۋە يېتەرلىك ئىنئامىدۇر.
37- ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكىلەرنىڭ رەببىدۇر، رەھماندۇر[4]، ئۇنىڭ دەرگاھىدا ھېچكىم سۆز ئاچالمايدۇ.
38- رۇھ ۋە پەرىشتىلەر سەپ بولۇپ ئۆرە تۇرىدىغان كۈنى ھېچكىم سۆز قىلالمايدۇ. رەھمان رۇخسەت قىلغان ۋە توغرا سۆزلىگەن كىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
39- ئەنە شۇ ھەق كۈندۇر. خالىغان كىشى رەببىگە يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتسۇن.
40- شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى يېقىن ئازابتىن ئاگاھلاندۇردۇق. ئۇ كۈندە كىشى بۇرۇن ئۆز قوللىرى بىلەن قىلغان ئىشلىرىنى كۆرىدۇ، كاپىر: «كاشكى، تۇپراق بولغان بولسامچۇ!»دەيدۇ.

[1]– ئىش مۇشرىكلار دېگەندەك ئەمەس.

[2]– تۇرمۇشنى قامداش ئۈچۈن ئىشلەش ۋاقتى.

[3]– بۇ يەردە «سىققۇچىلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆز، «ئەلمۇئسىرات» دېگەن سۆزدۇر. بۇ سۆزنىڭ بۇ يەردىكى مەنىسى، سۇ بىلەن زىچلاشقان بۇلۇتلار، شاماللار تەرىپىدىن سىقىلغۇچى بۇلۇتلار، يامغۇر ياغدۇرۇش ۋاقتى كەلگەن بۇلۇتلار، دېگەنلەردىن ئىبارەت. بۇ يەردىكى بۇ مۇئسىرات سۆزىگە رۇم سۈرىسىنىڭ 48- ئايىتىگە ئاساسلىنىپ «بۇلۇتلارنى ھەيدىگۈچى شاماللار»، دەپ مەنا ئېيتقانلارمۇ بار. ئۇ ئايەت (تەرجىمىسى) مۇنداق: «ئاللاھ شۇنداق زاتكى، شاماللارنى ئەۋەتىدۇ. شاماللار بۇلۇتلارنى قوزغايدۇ. ئاللاھ ئۇ بۇلۇتلارنى ئاسماندا خالىغىنى بويىچە يايىدۇ ۋە پارچە-پارچە قىلىدۇ. ئاندىن سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يامغۇرنىڭ چىققانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ خالىغان بەندىلىرىگە بۇ يامغۇرنى يەتكۈزگەندە، ئۇ بەندىلەر سۆيۈنۈپ كېتىدۇ». ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: يامغۇر شامالدىن ياغمايدۇ، لېكىن شامال ھەيدەپ ئەكەلگەن بۇلۇتلاردىن ياغىدۇ- (رازى، كەششاف، بەيزاۋى).

[4]– ياخشىلىقى چەكسىز زاتتۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر