مۇسۇلمانلار

تاشقى بۆرەكنى يېگىلى بولامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ

جـــاۋاب:

قېرىندىشىم! بۇ مەسىلە، كۈنىمىزدە كۆپ كىشىلەرنىڭ زېھنىنى مەشغۇل قىلىۋاتقان بىر مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن، سوئاللىرىڭىزغا بىرئاز تەپسىلىيرەك جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. يەنى بۇ ھەقتە بىرقانچە نۇقتا ئۈستىدە توختالغاندىن كېيىن بىر خۇلاسە چىقىرىشىمىز مۇمكىن بولىدۇ. سوئاللىرىڭىزنىڭ جاۋابلىرىنى ئېنىق چۈشىنىشىڭىز ئۈچۈن جاۋابتىكى ھەر نۇقتىنى دىققەت بىلەن ئوقۇغايسىز.

1 – ھالال ۋە ھارام
دىنىمىز بەزى نەرسىلەرنىڭ ھاراملىقىنى ۋە بەزى نەرسىلەرنىڭ ھالاللىقىنى ئېنىق بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ھارام نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇشقا، ھالال نەرسىلەردىن پايدىلىنىشقا بۇيرۇغان. مسىلەن:

بەقەرە سۈرىسىنىڭ 173 – ئايىتى، مائىدە سۈرىسىنىڭ 3 – ئايىتى، ئەنئام سۈرىسىنىڭ 145 – ئايىتى ۋە نەھل سۈرىسىنىڭ 115 – ئايىتى قاتارلىق ئايەتلەردە بىرقانچە تۈرلۈك نەرسىنىڭ ھاراملىقى بايان قىلىنىدۇ.

مائىدە سۈرىسىنىڭ 4 – ۋە 5 – ئايەتلىرىدە، پاك نەرسىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. يەنە مائىدە سۈرىسىنىڭ 87 – ئايىتىدە مۇئمىنلار ئاللاھ ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىشتىن مەنئى قىلىنىدۇ ۋە يەنە بۇ سۈرىسىنىڭ (مائىدە سۈرىسىنىڭ) 88 – ئايىتىدە مۇئمىنلار ئاللاھ ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى يېيىشكە ئەمر قىلىنىدۇ. بۇ ئەمر، نەھل سۈرىسىنىڭ 114 – ئايىتىدىمۇ ئۆتىدۇ.

ئاللاھ تەئالا بەقەرە سۈرىسىنىڭ 168 – ئايىتدە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە خىتاب قىلىپ: «ئى ئىنسانلار! يەر يۈزىدىكى ھالال – پاكىز نەرسىلەردىن يەڭلار» دەيدۇ.

ئاللاھ تەئالا يەنە بەقەرە سۈرىسىنىڭ 172 – ئايىتىدە مۇئمىنلارغا خىتاب قىلىپ: «ئى مۇئمىنلار! بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك نەرسىلەردىن يەڭلار» دەيدۇ

ئاللاھ تەئالا مۇئمىنۇن سۈرىسىنىڭ 51 – ئايىتىدە بولسا، پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرگە خىتاب قىلىپ: «ئى پەيغەمبەرلەر! پاك نەرسىلەر (تەييىبات) دىن يەڭلار» دەيدۇ.

بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى، ھالال قىلىشتا پاكلىك، ھارام قىلىشتا ناپاكلىق ئاساس قىلىنىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.

ئەنئام سۈرىسىنىڭ 145 – ئايىتىدە بىر قىسىم ھارام نەرسىلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى بولغان «چوشقا گۆشى» دىن كېيىن «چۈنكى ئۇ، پاسكىنىدۇر» دېگەن ئىپادە زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى، ھارام قىلىشتا پاسكىنىلىق (ناپاكلىق) ئاساس قىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ھالاللىقتا پاكلىقنىڭ ئاساس ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ.

قۇرئان كەرىمدە «ھالال» زىكىر قىلىندىغان ئايەتلەردە «پاك» دېگەن سۆزنىڭ كېلىشى، «ھارام» زىكىر قىلىنىدىغان ئايەتلەردە «ناپاك» دېگەن سۆزىلەرنىڭ كېلىشى يۇقىرىدىكى مەزمۇننى توغرىلايدۇ

2 – پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ھوقۇقى
ئاللاھ تەئالا ئەئراف سۈرىسىنىڭ 157 – ئايىتدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلىۋېتىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ. ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ»، تەھرىم سۈرىسىنىڭ بىرىنچى ئايىتىدە بولسا: «ئى پەيغەمبەر! نېمە ئۈچۈن ئاللاھ ساڭا ھالال قىلغان نەرسىنى ھارام قىلىسەن؟» دەيدۇ.

بۇ ئىككى ئايەتنىڭ مەزمۇنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھالال قىلىشىنىڭ پاك نەرسىلەر بىلەن، ھارام قىلىشىڭ ناپاك نەرسىلەر بىلەن چەكلىك ئىكەنلىكىگە، شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھالال ياكى ھارام قىلىشتا ئاللاھ تەئالا بەلگىلىگەن پرىنسىتىن چىقالمايدىغانلىقىغا ناھايىتى ئوچۇق بىر شەكىلدە دالالەت قىلىدۇ.

شۇنىڭدەك، ئۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر نەرسىنى ھارام دېگەن بولسا ۋە ئاللاھ تەئالا يۇقىرىقىدەك تۈزىتىش بەرمىگەن بولسا، ئۇ نەرسىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگىمۇ دالالەت قىلىدۇ. يەنى ھەدىسلەردە ھاراملىقى بايان قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر.

3 – ھالال ۋە ھارام قىلىشتا پرىنسىپ
ئا – يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىدىن ھالال قىلىشتا پاكلىق، ھارام قىلىشتا ناپاكلىق ئاساس قىلىنغانلىقى چىقىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن قۇرئان كەرىمدە ياكى ھەدىس شەرىپلەردە ھاراملىقى ئېنىق بايان قىلىنمىغان نەرسىلەرنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقى يۇقارقى پرىنسىپ بويىچە ئايرىلىدۇ.

تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا قۇرئان كەرىمدە ياكى ھەدىس شەرىپلەردە ھالال ياكى ھاراملىقى ئېنىق بايان قىلىنمىغان بىر نەرسىنىڭ پاك ئىكەنلىكى مۇتەخەسسىس كىشىلەر تەرىپىدىن ئېنىقلانغان بولسا، ئۇ نەرسىنىڭ ھالاللىقىغا، ئەگەر ناپاك ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان بولسا، ئۇ نەرسىنىڭ ھاراملىقىغا ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.

ب – ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار» (نىسا 29)، «ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە ئاتماڭلار» (بەقەرە 195 – ئايەت).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

«كىم زەھەر ئىچىپ ئۆلىۋالىدىكەن، قىيامەت كۈنى دوزاختا زەھەر ئىچىپ مەڭگۈ قالىدۇ» (بۇخارى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان)، «زىيان تارتىشقىمۇ بولمايدۇ، زىيان تارتقۇزۇشقىمۇ بولمايدۇ» (ئەھمەد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).

بۇ ئايەتلەر بىلەن بۇ ھەدىسلەردىن زىيانلىق ۋە زەھەرلىك نەرسىلەرنىڭمۇ ھاراملىقى چىقىدۇ. يەنى بىر نەرسىنىڭ ھارام بولۇشىدا يەنە مۇنداق ئىككى نەرسە ئاساس قىلىنىدۇ؛ بىرى زەھەرلىك بولۇشى يەنى بىرى زىيانلىق بولۇشى.

بۇنىڭغا ئاساسەن قۇرئان كەرىمدە ياكى ھەدىس شەرىپلەردە ھاراملىقى ئېنىق بايان قىلىنمىغان نەرسىلەرنىڭ زىيانلىق ياكى زەھەرلىك ئىكەنلىكى مۇتەخەسسىس كىشىلەر تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان بولسا، ئۇ نەرسىلەر ھارام ھېسابلىنىدۇ.

خۇلاسە:
يۇقىرىدىكى قائىدىلەرگە ئاساسەن «سويۇلغان ھايۋاننىڭ نە يېرى ھالال؟ نە يېرى ھارام؟ قان؟ بەز؟ دوۋساق؟ ئەركەك/چىشىلىق ئورگىنى ۋە قوڭى؟ ئۆت؟ تاشاقلار؟» دېگەن سوئاللارنىڭ جاۋابى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ:

بۇ نەرسىلەر ھالال مالنىڭ پارچىلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ھالال ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئۇ نەرسىلەرنىڭ زىيانلىق ياكى زەھەرلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان بولسا، ھارام ھېسابلىنىشى، شۇنداقلا ئىستېمال قىلىنماسلىقى كېرەك. ئەكسى تەقدىردە ھالاللىقى بىلەن قالىدۇ، لېكىن مەكرۇھ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ نەرسىلەرنى ئىنساننىڭ كۆڭلى كۆتۈرمەيدۇ.

بەيھەقىنىڭ ئەسسۇنەنۇلكۇبرا ناملىق كىتابىنىڭ 10 – تومىنىڭ، 8 – بېتىدە ئەبۇ سۇلەيمان ئەلخەتتابى دېگەن كىشىنىڭ قوينىڭ مەزكۇر ئەزالىرىنىڭ ھارام ئەمەس، مەكرۇھ ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلىشىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ.

ئەمما ئۇ نەرسىلەرنى كۆڭلى كۆتۈرگەنلەر يېسە بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەسلەنچۈك كاۋىپىنى يېمىگەنلىكى، يېگەنلەرگە بىر نەرسە دېمىگەنلىكى، سورىغانلارغا «كۆڭلۈم كۆتۈرمەيدۇ، ئۇنى يېمەيمەن، ھاراممۇ قىلمايمەن» دېگەنلىكى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرنى بۇخارى، مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، نەسەئى، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان.

ئەسكەرتىش:

ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئىچىدىن ئېقىپ چىققان قان قەتئىي ھارامدۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر