مۇسۇلمانلار

ۋىتىرنىڭ قازاسى كېلەمدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! دىنىمىز كۈندە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇشقا بويرۇيدۇ. دىنىمىزنىڭ بۇيرۇغىنى:

ئىككى رەكئەت بامداد، تۆت رەكئەت پېشىن، تۆت رەكئەت ئەسىر (نامازدىگەر)، ئۈچ رەكئەت نامازشام، تۆت رەكئەت خۇپتەن؛ بۇلار بولمىسا بولمايدىغان شەرتتۇر. بۇلارنى ئۇخلاپ قېلىپ ياكى ئۇنتۇپ قېلىپ ئوقۇيالمىغان كىشى، ئويغانغان ھامان ياكى ئېسىگە كەلگەن ھامان ئوقۇسا ئادا بولىدۇ. بۇ ئىككى سەۋەبتىن باشقا بىر باھانە بىلەن ئوقۇلمىغان ناماز ئۈچۈن تەۋبە ـ ئىستىغپار قىلىشتىن باشقا چارە يوقتۇر.

ناماز توغرىسىدىكى ئايەتلەر ۋە پەيغەمبەر ئەلەيسھىسسالامنىڭ ناماز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلىرى يۇقىرىدىكى ئىككى سەۋەبتىن باشقا بىر سەۋەب بىلەن نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇماي كېيىن ئوقۇشنى ئەسلا قوبۇل قىمايدۇ.

ھەدىسلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بامداتتىن بۇرۇن 2 رەكئەت؛ پېشىندىن بۇرۇن 4 رەكئەت، كېىيىن تۆت رەكئەت، بەزىدە 2 رەكئەت؛ نامازدىگەردىن ئىلگىرى 4 رەكئەت؛ نامازشامدىن كېيىن 2 تەكئەت؛ خۇپتەندىن كېيىن 2 رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ.

بۇ ھەدىسلەرگە ئاساسەن بەش ۋاقىت نامازنىڭ ئالدى ـ كەينىدىكى نەپلە (سۈننەت) نامازلارنى ئوقۇش ياخشى؛ يەنى ئوقۇغانلار ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئوقۇمىغانلار گۇناھكار بولمايدۇ. چۈنكى مەزكۇر ھەدىسلەردە بۇ نەپلە (سۈننەت) نامازلارنى ئوقۇشقا تەشۋىق قىلىنغان، ئەمر قىلىنمىغان

يەنە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرگە قارىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ تەھەججۇد نامىزى ئوقۇيتتى. تەھەججۇد نامىزىنى تاق ئوقۇيتتى. تاق ئوقۇمىغان بولسا، ئەڭ ئاخىرىدا بىر رەكئەت ئوقۇپ ئوقۇغان تەھەججۇدىنى تاق قىلىۋىتەتتى.

بۇ تەھەججىۇد نامىزىنى ئوقۇشمۇ ياخشى ئىشتۇر؛ يەنى بۇ تەھەججۇدنى ئوقۇغانلارمۇ ساۋاب تاپىدۇ، ئوقۇمىغانلار گۇناھكار بولمايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن دىنىمىزنىڭ ھەر ساھەسىگە ئىنسانلارنىڭ قولى تەگكەن بولۇپ، بەش ۋاقىت نامازمۇ بۇنىڭ سىرتىدا قالالمىغان.

ئاللاھنىڭ دىنىدا بامدات 2 رەكئەت، پېشىن 4 رەكئەت، ئەسىر 4 رەكئەت، نامازشام 3 رەكئەت، خۇپتەن 4 رەكئەت قىلىپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئىنسانلار بۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ نامازلارنىڭ ئالدى – كەينىدە (ئۆيىدە) ئوقۇغان ۋە ئوقۇشنى تەشۋىق قىلغان نەپلە نامازلارنى ئۇ نامازلارغا قوشۇپ، بامداتنى 4 رەكئەت، پېشىننى 10 رەكئەت، ئەسىرنى 8 رەكئەت، نامازشامنى 5 رەكئەت، خۇپتەننى 9 رەكئەت قىلىپ ئۆزگەرتكەن.

شۇڭا سىز كۈنىمىزدە كىمدىن سورىسىڭىز سوراڭ، ئىنسانلار ئۆزگەرتكەن دىندىن جاۋاب ئالىسىز. مەسىلەن: «بامداد قانچە رەكئەت؟» دېگەن سوئالنىڭ جاۋابى: «4 رەكئەت» دۇر؛ «پېشىن قانچە رەكئەت» دېگەن سوئالنىڭ جاۋابى: «10 رەكئەتتۇر»…

«بامدات 2 رەكئەت»، «پېشىن 4 رەكئەت»، «ئەسىر 4 رەكئەت»، «نامازشام 3 رەكئەت»، «خۇپتەن 4 رەكئەت» دېگەنلەر خاتا جاۋاب بەرگەن بولىدۇ. كىتابلار مانا مۇشۇنداق يېزىلغان. ئىش، نامازنىڭ ئۆزىنىلا (پەرزنىلا) ئوقۇغانلار ئۆزلىرىنى «بىر نەرسىسى كەم قالغاندەك» ھېس قىلىدىغان، باشقىلار بۇلارنى ئەيىبلەيدىغان دەرىجىگە يەتكەن. مانا بۇ، شەيتان خۇشال بولىدىغان بىر ھالەتتۇر.

ئۆزلىرى قۇرئان ـ ھەدىسنى چۈشىنەلمەيدىغان ياكى چۈشەنگىلى ئۇنۇمايدىغان «ئالىم» لار، قۇرئان ـ ھەدىستىكى «ئىلاھىي دىن» نى تەبلىغ قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئەنە شۇنداق كىتابلاردىكى «ئىنسانىي دىن» نى «بازارغا سالغانلىقى» ئۈچۈن كەڭ مۇسۇلمانلار تېڭىرقاپ قالماقتا.

مەن شۇنى كەسكىن قىلىپ ئېيتىمەنكى:

ئاللاھ تەئالا ئەمر قىلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن ۋە ئىجرا قىلغان بەش ۋاقىت نامازنى يەنى كۈنىمىزنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا بەش ۋاقىت نامازلارنىڭ پەرزلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇش پەرزدۇر؛ ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈشكە قەتئىي بولمايدۇ.

ئۇ نامازلارنىڭ قانداقلا بىرىنى ئۇنتۇپ قېلىپ ياكى ۋاقتى كەلگەندە ئۇخلاپ قېلىپ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، ئېسىگە كەلگەن ھامان ياكى ئويغانغان ھامان ئوقۇسا ۋاقتىدا ئوقۇغان بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

ئۇخلاپ قېلىشتىن ۋە ئۇنتۇپ قېلىشتىن باشقا ھېچبىر سەۋەب بىلەن بۇ نامازلارنى قازا قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ. باشقا بىر سەۋەب بىلەن بىر ۋاقىت نامازنى قازا قىلىۋەتكەن بىر كىشى، ئۇ نامازنىڭ قازاسىنى ئۆمۈر بويى قىلسىمۇ يەنىلا زىممىسىدىن ئادا بولمايدۇ. چۈنكى ھەر بىر ۋاقىت ناماز، مەلۇم بىر ۋاقىتتا ئوقۇلۇش ئۈچۈن پەرز قىلىنغان. شۇ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسە، كەينىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمىغاندەك، شۇ ۋاقىتنىڭ نامىزىمۇ شۇ ۋاقىتتا ئوقۇلمىسا، كەينىگە قايتۇرغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.

باشقا نەپلە (سۈننەت) نامازلارنى (تەھەججۇدمۇ مۇشۇنىڭ ئىچىدە) ۋاقىت بولسا، شارائىت تاپالىسا، ئوقۇش ياخشى ئىش (ئۆيدە ئوقۇش بەك ياخشى)؛ ئوقۇيالمىسا ياكى ئوقۇمىسا ھېچنېمە بولمايدۇ. بۇ نامازلارنىڭ قازاسى كېلىدۇ دەپ دەۋا قىلىش ئاللاھنىڭ دىنىدا يوق بىر ئىشنى پەيدا قىلغانلىق بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر