باش بەت > ئەقىدە > تەتقىقاتلار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

بىسمىلاھىر رەھمانىر رەھىم

مۆھتەرەم مۇسۇلمانلار! قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىدە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نۇرغۇن ھەدىسلىرىدە اللە تەئالانىڭ ئىخلاسسىز قىلىنغان ئىبادەتلەرنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئۇنداقتا بىزنىڭ ئىخلاسنىڭ نېمىلىكىنى بىلىۋېلىپ پۈتكۈل ئىبادەتلىرىمىزنى ئىخلاس بىلەن قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە ئىخلاس بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ئەسلىتىپ ئۆتىمەن.

ئالدى بىلەن ئىخلاس كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. ئەسلىدە ئىخلاس (الإخلاپ) ئەرەبچە بىر كەلىمە بولۇپ، مەنىسى سادىق بولۇش، سەمىمىي بولۇش، ئىخلاس قىلىش، ساپ قىلىش دېگەن بولىدۇ. بۇنى تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتساق ئىخلاس كەلىمىسى، ئىشەنچ قىلىش، چىن كۆڭلىدىن بېرىلىش، كۆڭۈل قويۇش، بىر ئىشقا پۈتۈن دىققىتى بىلەن كىرىشىش، پۈتۈن زېھنى بىلەن بېرىلىش، ئەستايىدىللىق دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.

ئىبادەتنى ئىخلاس بىلەن قىلىڭ دېمەك، سىز ئىبادەت قىلىۋاتقان چاغدا ئىخلاسنىڭ يۇقارقى مەنىلىرى سىزدە تېپىلسۇن دېگەن بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمى تۆۋەندىكىچە:

1- ئى مۇھەممەد ئېيتقىنكى، «مەن اللەغا ئىخلاس بىلەن ئىتائەت قىلغان ھالدا ئىبادەت قىلىشقا ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم». ئېيتقىنكى «ئەگەر مەن رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام، چوقۇم بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن». ئېيتقىنكى «مەن ئىتائەتىمنى اللەغا خالىس قىلغان ھالدا ئىبادەت قىلىمەن. سىلەر اللەدىن باشقا خالىغىنىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار!». ئېيتقىنكى «ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى زىيانغا ئۇچراتقۇچىلار ھەقىقىي زىيان تارتقۇچىلاردۇر. دىققەت، ئەنە شۇ ئوچۇق- ئاشكارا زىياندۇر»1.

2- «بىز ساڭا ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كىتابنى نازىل قىلدۇق. ئۇ ھالدا اللەغا ئىخلاس بىلەن ئىتائەت قىلغان ھالدا ئىبادەت قىلغىن. دىققەت، اللەغىلا ئىخلاس بىلەن ئىتائەت قىلىنىدۇ»2.

3- «اللەغا ئىخلاس بىلەن ئىتائەت قىلغان ھالدا ئىبادەت قىلىڭلار، كاپىرلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ»3.

4- «اللە ھاياتتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇنىڭغا ئىخلاس بىلەن ئىتائەت قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار. ھەمد، ئالەملەرنىڭ رەببى اللەغا خاستۇر»4.

5- «ئېيتقىنكى، رەببىم مېنى ئادىل بولۇشقا بۇيرۇدى. سىلەر ھەر ناماز ئوقۇغاندا پۈتۈنلەي اللەغا يۈزلىنىڭلار، اللەغا ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىڭلار»5.

بۇ ئايەتلەر ئىبادەتلىرىمىزنى ئىخلاس بىلەن ئادا قىلمىساق بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

بۇ توغرىدىكى بەزى ھەدىسلەر تۆۋەندىكىچە:

1- «ئەمەللەر نىيەتلەرگە باغلىق. ھەر كىشىگە ئۆزىنىڭ نىيەت قىلغان نەرسسى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىمنىڭ ھىجرىتى اللە ۋە اللەنىڭ ئەلچىسى ئۈچۈن بولسا، ئۇنىڭ ھىجرىتى اللە ۋە اللەنىڭ ئەلچىسى ئۈچۈن بولىدۇ. كىمنىڭ ھىجرىتى، بىر دۇنيا (مال- مۈلۈك)نى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ياكى بىر خوتۇننى ئېلىش ئۈچۈن بولسا، ئۇنىڭ ھىجرىتىمۇ ھىجرەت قىلغان نەرسىسىگە بولىدۇ»6.

2- «اللە تەئالا سىلەرنىڭ سۈرەتلىرىڭلارغا ۋە ماللىرىڭلارغا قارىمايدۇ. لېكىن سىلەرنىڭ قەلبلىرىڭلارغا ۋە ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ»7.

بۇ ھەدىسلەردىن پۈتكۈل ئەمەللەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن نىيەتنىڭ خالىس بولۇشىنىڭ شەرتلىكى، نىيىتىمىز خالىس بولمىسا، تاشقى كۆرۈنۈشىمىزنىڭ ۋە مال- مۈلكىمىزنىڭ بىر نەرسىگە ئەسقاتمايدىغانلىقى ئېنىق بىر شەكىلدە بىلىنىدۇ.

3- قىيامەت كۈنى، مەسىلىسى ئەڭ ئاۋۋال بىر تەرەپ قىلىنىدىغان ئۈچ كىشى بار:

بىرىنچىسى شەھىد. شەھىد مەيدانغا كەلتۈرۈلىدۇ. اللە تەئالا ئۇنىڭغا پۈتۈن نېمەتلىرىنى تونۇتىدۇ، ئۇمۇ تونۇيدۇ. اللە تەئالا ئۇنىڭغا «مەن بۇ نېمەتلەرنى ساڭا ئاتا قىلدىم، سەن بۇ نېمەتلەرنىڭ شۈكرانىسىغا نېمە ئىش قىلدىڭ» دەيدۇ. ئۇ «سېنىڭ يولۇڭدا تاكى شەھىد بولغىنىمغا قەدەر ئۇرۇشتۇم» دەيدۇ. اللە تەئالا «يالغان ئېيتتىڭ! سەن باتۇر دەپ نام چىقىرىش ئۈچۈن ئۇرۇشتۇڭ، ئۆز ۋاقتىدا سېنىڭ شۇنداق نامىڭ چىقتى» دەيدۇ. ئاندىن ئۇ اللەنىڭ ئەمرى بىلەن دۈم ياتقۇزۇلۇپ سۆرىلىدۇ- دە، جەھەننەمگە تاشلىنىدۇ.

ئىككىنچىسى ئىلىمنى ئوقۇپ باشقىلارغا ئۆگەتكەن ۋە قۇرئاننى ئوقۇغان كىشى. بۇ كىشى مەيدانغا كەلتۈرۈلىدۇ. اللە تەئالا ئۇنىڭغا پۈتۈن نېمەتلىرىنى تونۇتىدۇ، ئۇمۇ تونۇيدۇ. اللە تەئالا ئۇنىڭغا «مەن بۇ نېمەتلەرنى ساڭا ئاتا قىلدىم، سەن بۇ نېمەتلەرنىڭ شۈكرانىسىغا نېمە ئىش قىلدىڭ» دەيدۇ. ئۇ كىشى «ئىلىمنى ئۆگەندىم، ئىلىمگە ئەمەل قىلدىم، سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن قۇرئاننى ئوقۇدۇم» دەيدۇ. اللە تەئالا بۇ كىشىگە «يالغان ئېيتتىڭ! لېكىن سەن ئالىم دەپ نام چىقىرىش ئۈچۈن ئىلىم ئۆگەندىڭ، قارى دەپ نام چىقىرىش ئۈچۈن قۇرئاننى ئوقۇدۇڭ، ئۆز ۋاقتىدا سېنىڭ شۇنداق نامىڭ چىقتى» دەيدۇ. ئاندىن ئۇ اللەنىڭ ئەمرى بىلەن دۈم ياتقۇزۇلۇپ سۆرىلىدۇ- دە، جەھەننەمگە تاشلىنىدۇ.

ئۈچىنچىسى اللە تەئالا ھەر خىل مال- دۇنيا ئاتا قىلغان كىشى. بۇ كىشى مەيدانغا كەلتۈرۈلىدۇ. اللە تەئالا ئۇنىڭغا پۈتۈن نېمەتلىرىنى تونۇتىدۇ، ئۇمۇ تونۇيدۇ. اللە تەئالا ئۇنىڭغا «مەن بۇ نېمەتلەرنى ساڭا ئاتا قىلدىم، سەن بۇ نېمەتلەرنىڭ شۈكرانىسىغا نېمە ئىش قىلدىڭ» دەيدۇ. ئۇ «سەن مال سەرپ قىلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان پۈتكۈل يوللارغا سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن مال سەرپ قىلدىم» دەيدۇ. اللە تەئالا «يالغان ئېيتتىڭ! سەن مەرد دەپ نام چىقىرىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭ، ئۆز ۋاقتىدا سېنىڭ شۇنداق نامىڭ چىقتى» دەيدۇ. ئاندىن ئۇ اللەنىڭ ئەمرى بىلەن دۈم ياتقۇزۇلۇپ سۆرىلىدۇ- دە، جەھەننەمگە تاشلىنىدۇ8.

4- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قەھرىمانلىق قىلىپ ئۇرۇشىدىغان، ئۇرۇشقا ھەۋەس قىلىپ ئۇرۇشىدىغان ۋە رىياگەرلىك قىلىپ ئۇرۇشىدىغان ئادەملەرنىڭ قايسىسى اللە يولىدا بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا «اللەنىڭ سۆزى ئەڭ ئۈستۈن بولسۇن دەپ ئۇرۇشقان كىشى اللە يولىدا بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن9.

قېرىنداشلار! ئىسلامىي ھاياتىمىزدا ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ ئەۋزەل ۋە ئەڭ ساۋاپلىق دەپ بىلىنىدىغان ئۈچ ئىش بار؛ بىرى اللە يولىدا ئۇرۇشۇپ شەھىد بولۇش، يەنە بىرى ئىلىم ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇش، ئۈچىنچىسى بولسا اللە يولىدا پۇل- مال سەرپ قىلىش. يۇقارقى ھەدىسلەر بۇ ئۈچ خىل ئەمەلنىڭمۇ ئىخلاس بىلەن قىلىنمىسا ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدىغانلىقىنى، ھەتتا جەھەننەمگە ھەممىدىن بۇرۇن تاشلىنىشقا سەۋەبچى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

نېمىشقا ئۇنداق بولىدۇ؟ چۈنكى بىزنىڭ دىنىمىزدا ياخشى ئىشنىڭ ياخشى ئىش قاتارىغا ئۆتۈشى ئۈچۈن ئۇ ئىشنىڭ دىنىمىزدا ياخشى ئىش دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇشىدىن سىرت، قىلغان كىشىنىڭ خالىس نىيەتلىك بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ.

نىيەتنىڭ خالىس بولۇپ بولمىغانلىقىنى پەقەتلا اللە تەئالا بىلىدۇ. چۈنكى اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئاسماندا بولسۇن زېمىندا بولسۇن ھېچ نەرسە اللەغا مەخپىي ئەمەس»10.

«سۆزۈڭلارنى مەخپىي قىلىڭلار ياكى ئاشكارا قىلىڭلار اللە ئۈچۈن ئوخشاش. چۈنكى اللە قەلبلەردىكى سىرلارنى بىلىدۇ. ياراتقان زات بىلمەمدۇ؟ ئۇ شەيئىلەرنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنى بىلىدىغان، ھەممىدىن خەۋەردار زات تۇرسا!»11.

«قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، ئىنساننى چوقۇم بىز ياراتتۇق. بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز. چۈنكى بىز ئۇنىڭغا جان تۇمۇرىدىنمۇ يېقىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ خاتىرلەيدىغان ئىككى پەرىشتە بار»12.

قېرىنداشلار! ئۆزىمىزنىڭ اللە تەئالا تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىپ تۇرىدىغانلىقىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم.

ئۆز ۋاقتىدا ئىبلىس اللە تەئالاغا مۇنداق دېگەن:

«رەببىم! سەن مېنى ئازدۇرۇۋەتكەنلىكىڭ ئۈچۈن يەر يۈزىدە ئادەم بالىلىرىغا گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى چىرايلىق كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئازدۇرىمەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىخلاسلىق بەندىلىرڭنى ئازدۇرالمايمەن»13.

دېمەك، ئىخلاسلىق كىشىگە شەيتاننىڭمۇ كۈچى يەتمەيدۇ.

—————————-

1- زۈمەر 39/11- 15.

2- زۈمەر 39/ 2- 3.

3- غافىر 40/14.

4- زۈمەر 39/65.

5- ئەئراف 7/29.

6- بۇخارى، بەدئۇلۋەھيى 1، ئىتق 6، مەناقىبۇلئەنسار 45، نىكاھ 5، ئەيمان 23، ھىيەل 1؛ مۇسلىم ئىمارەت 155، (1907)؛ ئەبۇداۋۇد، تالاق 11، (2201)؛ تىرمىزىي، فەدائىلۇلجىھاد 16، (1647)؛ نەسەئىي، تاھارەت 60، (1، 59، 60).

7- مۇسلىم، ئەلبىرر 33؛ ئىبنى ماجە زۆھد. مۇسنەدى ئەھمەد 2/285، 539.

8- مۇسلىم ئىمارەت 852، تىرمىزىي زۆھد 48، نەسەئىي جىھاد 22، مۇسنەدى ئەھمەد 2/ 322.

9- بۇخارى ئىلىم 45، تەۋھىد 28؛ مۇسلىم ئىمارەت 849؛ ئەبۇ داۋۇد جىھاد، 24؛ تىرمىزىي جىھادنىڭ پەزىلەتلىرى 86؛ نەسەئىي جىھاد 28؛ ئىبنى ماجە جىھاد 83.

10- ئال ئىمران 3/5.

11- مۇلك 67/13،14.

12- قاف 50/16،17.

13- ھىجر 15/39، 40.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ