مۇسۇلمانلار

غەيرىمۇسۇلمانلار بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈش كېرەكمۇ؟

جاۋاب:

ئاللاھ تائالا مۇمتەھىنە سۈرىسىنىڭ 8- ۋە 9- ئايەتلىرىدە بىر مۇسۇلماننىڭ غەيرىمۇسلىملەر بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىشىنىڭ لازىملىقىنى ئېنىق بىر شەكىلدە بايان قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز دىنى ھاياتىڭىزغا دەخلى يەتمەسلىك شەرتىگە رىئايە قىلغان ھالدا ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتسىڭىز بولىدۇ.

بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىپىسى، مۇسۇلمانلىقىمىزنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە ياخشى ئەمىلىمىز، گۈزەل ئەخلاقىمىز ۋە دۇرۇس مۇئامىلىمىز بىلەن باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشتۇر.

لېكىن شۇنى بىلىشىمىز لازىمكى باشقىلارنى بېسىم ئىشلىتىش ياكى جەمئىيەتتە يېتىم قالدۇرۇش ئارقىلىق مۇسۇلمان قىلغىلى بولمايدۇ. ئۆزىمىز تەركىدۇنيا بولۇپ، ئىنسانلاردىن ئايرىلىپ ياشىغىلىمۇ بولمايدۇ. ئۇنداق بىر ۋەزىپىمىزمۇ يوق.

يۇسۇف سۈرىسىدىكى، يۇسۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ تۈرمە ھاياتى، تۈرمىداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئۆزىگە يامانلىق قىلغان قېرىنداشلىرىغا قىلغان مۇئامىلىسى ھەققىدىكى ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇپ چىقسىڭىز، ھەتتا يۇسۇف سۈرىسىنى (تەرجىمىسىنى) دىققەت بىلەن ئوقۇپ چىقسىڭىز، بىر مۇسۇلماننىڭ پەرقلىق ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە قانداق ياشىشى كېرەكلىكىنى ئۇبدان بىلەلەيسىز.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر