مۇسۇلمانلار

ئۆلۈككە قانچىلىك يىغلىساق توغرا بولىدۇ؟

جاۋاب:

ئۆلۈككە ئاۋاز كۆتۈرۈپ يىغلاشقا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ:

«ئۆلۈككە ئاۋاز كۆتۈرۈپ يىغلىغان كىشى، ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن تەۋبە قىلمىسا، قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازاپقا دۇچار بولىدۇ» – (مۇسلىم رىۋايىتى)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئۆلۈككە ئاۋاز كۆتۈرۈپ يىغلىغان كىشىدىن مەن ئادا – جودامەن» – (بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى)

ئىسلامىيەتتە ئاۋاز چىقىرىپ يىغلىماسلىق شەرتى بىلەن ئۆلۈككە ئۈچ كۈنگىچە ھازا تۇتۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. لېكىن ئېرى ئۆلۈپ قالغان ئايال 4 ئاي 10 كۈن ئىددەت تۇتىدۇ.

ھازا تۇتماق دېمەك- ياخشى ۋە رەڭلىك كىيىم – كېچەكلەرنى، ئۇپا – ئەڭلىكنى تەرك قىلىشتۇر. ئەمما يىغلاپ – قاخشاش، ياقا يىرتىش، داد – پەرياد قىلىش، بەللىرىگە ئاق پۇتا باغلاش، توۋلاپ يىغلاش ئۈچۈن ئىجارىگە ئادەم ئېلىش، ئەرلەرنىڭ ھازا ئۈچۈن چاچ ۋە تىرناقلىرىنى ئۆستۈرۋېلىشى، ئۈچى، يەتتىسى، يىگىرمىسى، قىرىقى ۋە يىلى … دېگەندەك مۇراسىملەرنى ئۆتكۈزۈش ھازا تۇتقانلىق ئەمەس. بەلكى بۇ، غەيرىمۇسلىملەردىن ۋە يات مىللەتلەردىن بىزگە ئېقىپ كىرگەن قالاق ئىللەتلەردۇر.

دىنىمىز بىزنى مېيىتنىڭ قەرزى بولسا ئادا قىلىشقا، ئۇلار ئۈچۈن دۇئا ۋە ئىستىغفار ئوقۇشقا، ئۇلارنىڭ ھەققىدە سەدىقە قىلىشقا ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. بىز مۇسۇلمانلار ئۆيىمىزدە ئۆلۈم – يېتىم بولغاندا بۇلارنى قىلىشىمىز لازىم.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر