مۇسۇلمانلار

ئات سۇتى (يەنى قىمىز) ئىچسە بولامدۇ ؟

جاۋاب:

ئات سۈتىنى سېغىپلا ئىچسە بولىدۇ. لېكىن ئۇنى ئېچىتىپ ياكى ئۇزۇن تۇرۇپ قېلىش سەۋەبىدىن ئۆزى ئېچىپ قېلىپ قىمىزغا ئۆزگەرگەن بولسا، ئىچىشكە بولمايدۇ.

چۈنكى قىمىز، ئات ياكى تۆگە سۈتىنى ئېچىتىپ ئىشلەنگەن ياكى ئۆزلىكىدىن ئىچىغان بىر خىل ئىچىملىك بولۇپ، مەست قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگىدۇر.

قۇرئان كەرىمنىڭ مائىدە سۈرىسىنىڭ 90 – ئايىتىدە ھاراق ھارام قىلىنغان. بۇ ئايەتتە ھاراق دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «خەمر» بولۇپ، مەنىسى «يېپىش، يۆگەش» دېگەن بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرەپچىدە باشنى يۆگەيدىغان نەرسىگە خىمار، ئەقىلنى يۆگەيدىغان نەرسىگە خەمر دېيىلىدۇ. ئايەتتىكى «خەمر» كەلىمىسى، ھاراق دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، مەست قىلىدىغان، كەيىپ قىلىدىغان پۈتۈن نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ھەر قانداق مەست قىلىدىغان نەرسە خەمردۇر» دېگەن – (مۇسلىم ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان)، «ئەقىلنى يۆگىگەن ھەرقانداق نەرسە خەمىردۇر» – (بۇخارى، مۇسلىم، ئەبۇداۋد، نەسەئى).

دېمەك، مەست قىلىدىغان ھەر قانداق نەرسە مائىدە سۈرىسىنىڭ 90- ئايىتىدە ھارام قىلىنغان خەمر قاتارىغا كىرىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر