مۇسۇلمانلار

ئاياللارنىڭ قەبىرلەرنى زىيارەت قىلىشى چەكلەنگەنمۇ؟

جاۋاب:

ئاياللارنىڭ قەبىر زىيارەت قىلىشىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، پەيغەمبەر

ئەلەيھىسسالام: «قەبىرلەرنى زىيارەت قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ لەنەت قىلدى» دېگەنلىكى ئۈچۈندۇر.

ئاياللارنىڭ قەبىر زىيارەت قىلىشنىڭ ياخشى كۆرۈلمەسلىكىنىڭ ھېكمىتى شۇكى: ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ھېسسىاياتچانراق بولغانلىقى ئۈچۈن قەبىر بېشىدا ئاۋاز كۆتۈرۈپ يىغلاش ياكى ئۆلۈكلەرگە دۇئا قىلىش، ئۇلارنى چاقىرىش ۋە ئۇلاردىن بىر نەرسە تىلەش…قاتارلىق ئىشلارنى سادىر قىلىش ئېھتىمالى بار. بۇ ئىشلار دىنىمىز شېرك ۋە گۇناھ ھېساپلايدىغان ئىشلاردۇر.

ئاياللار بۇ ئىشلاردىن ساقلانغان ئاساستا مەھەللە قەبرىستانلىقلىرىنى بەزىدە زىيارەت قىلسا بولىدۇ. چۈنكى سىز دېگەن ھەدىستىكى «زىيارەت قىلغۇچى ئاياللار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «زەۋۋارات» بولۇپ، بۇنىڭ تۇلۇق تەرجىمىسى :«كۆپ زىيارەت قىلغۇچى ئاياللار» دېگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ توغرۇلۇق مۇنداق بىر رىۋايەتمۇ بار:

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا قېرىندىشى ئابدۇررەھماننىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇنىڭدىن بۇ توغرۇلۇق سوئال سورالغان ئىدى. ئۇ :«شۇنداق، بۇرۇن چەكلەنگەن، كېيىن رۇخسەت قىلىنغان» دېگەن شەكىلدە جاۋاپ بەرگەن. (بۇ رىۋايەتنى ھاكىم ۋە بەيھەقى رىۋايەت قىلغان).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر