مۇسۇلمانلار
ھىجرەت ۋە جىھاد 1

ھىجرەت ۋە جىھاد

                                                                                               

1§. ئومۇمى بايان

1.      ھىجرەت ۋە جىھادنىڭ مەنىسى

«ھىجرەت» دېگەن سۆز «تەرك ئەتمەك، ئايرىلماق، مۇناسىۋەتنى ئۈزمەك» دېگەن مەنىلەردە كېلىدىغان «ھەجر، ھىجران» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن ئىسىم بولۇپ، مەنىسى «كىشىنىڭ بىر نەرسىدىن بەدىنى بىلەن ياكى تىلى بىلەن ۋە ياكى قەلبى بىلەن ئايرىلىپ يىراقلىشىشى» دېگەن بولىدۇ. لېكىن بۇ سۆز (ھىجرەت) «بىر يەرنى تەرك ئېتىپ باشقا بىر يەرگە كۆچمەك» دېگەن مەنىدە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ سۆز دىنى ئاتالغۇدا ئومۇمەن غەيرىي مۇسۇلمانلار دىيارىدىن مۇسۇلمانلار دىيارىغا كۆچۈپ بېرىشنى، خۇسۇسەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە مەككىلىك مۇسۇلمانلارنىڭ مەدىنىگە كۆچۈپ بېرىشىنى ئىپادىلەيدۇ[1].

«جىھاد» دېگەن سۆز «كۈچ سەرپ قىلماق، تىرىشماق، بىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن ئىمكانىيىتىنى ئىشقا سالماق، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە غەيرەت قىلماق، قىيىنچىلىقلارغا قارشى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەك، بىر ئىشنى قىلىپ چارچىماق، مۇشەققەت چەكمەك، كۈچ، قابىلىيەت، ئىقتىدار» دېگەن مەنىلەردىكى «جەھد، جۇھد» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، ئىسلامىي تېرمىنولوگىيىدە «ئىسلامىي ئەمىرلەرنى ئۆگىنىپ ئۇنىڭغا قارىتا ياشىماق ۋە باشقىلارغا ئۆگەتمەك، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسماق، ئىسلامنى تەبلىغ قىلماق، نەپسكە ۋە تاشقى دۈشمەنلەرگە قارشى كۈرەش قىلماق، ئىسلامنىڭ گۈللىنىشى ۋە يۈكسىلىشى، قوغدىلىشى ۋە تارقىلىشى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىقنى كۆرسەتمەك» دېگەن شەكىلدىكى ئومۇمىي ۋە ئەتراپلىق مەنىنى ئىپادىلەيدۇ، تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا جىھاد ئاللاھ ئاتا قىلغان ماددىي ۋە مەنىۋى ئىمكانلارنى ئاللاھ يولىدا ئىشلەتمەك ۋە ئۇ يولدا پىدا قىلماقتۇر. جىھاد دېگەن سۆز فىقىھ تېرمىنولوگىيىسىدە كۆپرەك «مۇسۇلماننىڭ غەيرىي مۇسۇلمان بىلەن ئۇرۇش قىلىشى» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ[2].

2.      ھىجرەت ۋە جىھادنىڭ ئالاھىدىلىكى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَهَاجَرُواْ وَجَٰهَدُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ بِأَمۡوَٰلِهِمۡ وَأَنفُسِهِمۡ أَعۡظَمُ دَرَجَةً عِندَ ٱللَّهِۚ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡفَآئِزُونَ  ٢٠ يُبَشِّرُهُمۡ رَبُّهُم بِرَحۡمَةٖ مِّنۡهُ وَرِضۡوَٰنٖ وَجَنَّٰتٖ لَّهُمۡ فِيهَا نَعِيمٞ مُّقِيمٌ  ٢١ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدًاۚ إِنَّ ٱللَّهَ عِندَهُۥٓ أَجۡرٌ عَظِيمٞ  ٢٢﴾

«ئىمان ئېيتقان، ھىجرەت قىلغان، ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلغانلارنىڭ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى دەرىجىلىرى بەك كاتتىدۇر. ئەنە شۇلار چوقۇم نىجاتلىققا ئېرىشكۈچى كىشىلەردۇر.‏ رەببى ئۇلارغا ئۆز رەھمىتى، رازىلىقى ۋە جەننەتلىرى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ. ئۇلارغا ئۇ جەننەتلەردە مۇقىم نېمەتلەر بار.‏ ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا كاتتا ئەجىر بار»[3].‏

3.      ھىجرەت ۋە جىھادنىڭ سەۋەبى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿هَلۡ أَتَىٰ عَلَى ٱلۡإِنسَٰنِ حِينٞ مِّنَ ٱلدَّهۡرِ لَمۡ يَكُن شَيۡئًا مَّذۡكُورًا  ١ إِنَّا خَلَقۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ مِن نُّطۡفَةٍ أَمۡشَاجٖ نَّبۡتَلِيهِ فَجَعَلۡنَٰهُ سَمِيعَۢا بَصِيرًا  ٢ إِنَّا هَدَيۡنَٰهُ ٱلسَّبِيلَ إِمَّا شَاكِرٗا وَإِمَّا كَفُورًا  ٣﴾

«ئىنساننىڭ ئۈستىدىن شۇنداق مۇددەت ئۆتتىكى، ئۇ چاغدا ئۇ زىكىر قىلىنغۇچى نەرسە ئەمەس ئىدى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ بىز ئىنساننى ئۇرۇقلانغان ئارىلاشما تۇخۇمدىن ياراتتۇق. ئۇنى سىنايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، بىز ئۇنىڭغا يولنى كۆرسەتتۇق. ئۇ يا شۈكۈر قىلغۇچى يا تۇزكورلۇق قىلغۇچى بولىدۇ»[4].

ئەسلىدە ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى، پەقەتلا ئاللاھ تائالا بار ئىدى[5]. ئاللاھ تائالا ئۆزى خالىغان زاماندا ئۆزى خالىغان شەكىللەردە كائىناتنى ۋە كائىناتتىكى بارلىق مەخلۇقات ۋە پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ياراتتى[6]، ئاندىن تۇنجى ئىنسان ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ جۈپتى ھەۋۋانى ياراتتى، ئاندىن ئۇ ئىككى ئىنساندىن باشقا ئىنسانلارنى تۆرەلدۈرۈپ يەر يۈزىگە تارقاتتى[7].

ئاللاھ تائالا ئىنساننى سىنايدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى قىلدى[8]، ئۇنىڭغا كىتاب نازىل قىلىش ۋە ئەلچى ئەۋەتىش ئارقىلىق ياخشى – يامان يولنى كۆرسەتتى[9]، شۇنداقلا ياخشىنى ياكى ياماننى تاللاشتا تولۇق ئىختىيار بەردى[10]. ئۇ بۇ ئىختىيارى بىلەن يا ياخشىنى تاللاپ شۈكۈر قىلغۇچى بولىدۇ ياكى ياماننى تاللاپ تۇزكورلۇق قىلغۇچى بولىدۇ.

ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خالىغان ئىنسان ئىمان ئېيتىدۇ، خالىغان ئىنسان كافىر بولىدۇ. خالىغان ئىنسان نەپسى بىلەن شەيتانغا ئەگىشىپ يامان ئىشلارنى قىلىدۇ، خالىغان ئىنسان ئەقلى بىلەن پەيغەمبەرگە ئەگىشىپ ياخشى ئىشلارنى قىلىدۇ[11].

نەتىجىدە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە ئىككى تۈرلۈك ئىنسان بولىدۇ: بىرى ئەقلىنى ئىشلەتكەن ۋە پەيغەمبەرگە ئەگەشكەن شۈكۈر قىلغۇچى ئىنسانلار، يەنە بىرى نەپسىگە بېرىلگەن ۋە شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەن تۇزكورلۇق قىلغۇچى ئىنسانلار. بۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا داۋاملىق كۈرەش بولۇپ تۇرىدۇ. چۈنكى شۈكۈر قىلغۇچى تەرەپ ياخشىلىق قىلىدۇ، ياخشىلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ياخشىلىققا دەۋەت قىلىدۇ[12]. تۇزكورلۇق قىلغۇچى تەرەپ يامانلىق قىلىدۇ، يامانلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە يامانلىققا دەۋەت قىلىدۇ[13].

بۇ كۈرەش بەزىدە تۇزكورلۇق قىلغۇچى تەرەپنىڭ شۈكۈر قىلغۇچى تەرەپكە ئۇرۇش ئېچىشى، شۈكۈر قىلغۇچى تەرەپنىڭ ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشى (قىتال) شەكلىدە بولىدۇ[14]، بەزىدە تۇزكورلۇق قىلغۇچى تەرەپ ياشاش ئىمكانىيىتى بەرمىگەنلىك سەۋەبىدىن شۈكۈر قىلغۇچى تەرەپنىڭ ۋەتىنىنى تاشلاپ باشقا بىر يەرگە كۆچۈپ كېتىشى (ھىجرەت) شەكلىدە بولىدۇ[15].

تۇزكورلۇق قىلغۇچى تەرەپنىڭ شۈكۈر قىلغۇچى تەرەپكە ئۇرۇش ئېچىشى، ئۇلارنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىشى پەقەت ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئەگەشكەنلىكى ئۈچۈنلا بولغاچقا ئاللاھ تائالا شۈكۈر قىلغۇچى تەرەپكە تاجاۋۇزچى كافىرلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت بەرگەن[16]، ھەتتا ئەمر قىلغان[17]، ھىجرەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان، شۇنداقلا بۇ ئۇرۇشنى ۋە بۇ ھىجرەتنى ئىبادەت ھېسابلىغان، قىلغۇچىلارغا كاتتا ساۋاب ۋەدە قىلغان[18].

يىغىپ ئېيتقاندا، ھىجرەت ۋە جىھادنىڭ سەۋەبى ھەق بىلەن باتىلنىڭ بىر – بىرىگە زىت ئىككى نەرسە بولۇشىدۇر. ساۋابى دۇنيادا بەختلىك ھايات، ئاخىرەتتە ئەبەدىي سائادەتتۇر[19].

4.      ھىجرەت ۋە جىھادنىڭ مەقسىتى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَٱلَّذِينَ هَاجَرُواْ وَجَٰهَدُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ أُوْلَٰٓئِكَ يَرۡجُونَ رَحۡمَتَ ٱللَّهِۚ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ  ٢١٨﴾

«ئىمان ئېيتقان، ھىجرەت قىلغان ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر»[20].‏

بۇ ئايەت، ھىجرەت ۋە جىھاد قىلىشتىكى مەقسەتنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. تۆۋەندىكى ئىككى ئايەت ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشنىڭ، شۇنداقلا قۇرئانغا بويسۇنۇشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَأَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَٱلرَّسُولَ لَعَلَّكُمۡ تُرۡحَمُونَ  ١٣٢﴾

«ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلىڭلار، رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر»[21].‏

﴿وَهَٰذَا كِتَٰبٌ أَنزَلۡنَٰهُ مُبَارَكٞ فَٱتَّبِعُوهُ وَٱتَّقُواْ لَعَلَّكُمۡ تُرۡحَمُونَ  ١٥٥﴾

«بۇ بىز نازىل قىلغان كىتابتۇر، بەرىكەتلىكتۇر. ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر»[22].‏

بۇ كۆرسىتىدۇكى، ھىجرەت ۋە جىھاد تەلەپكە لايىق قىلىنغاندا، نەتىجىسى ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىش بولىدۇ. دەرۋەقە، دىللاردا ئىمان نۇرىنىڭ يورۇشى، دىيارلاردا ئىسلام ئادالىتىنىڭ ھاكىم بولۇشى، جەمئىيەت ئامانلىقىنىڭ ساقلىنىشى ۋە مۇھىتنىڭ قوغدىلىشى قاتارلىقلار بۇ ئىككى ئىبادەتنىڭ لايىق رەۋىشتە ئىجرا قىلىنىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. مانا بۇ ياخشىلىقلارنىڭ ئەجرى ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولۇپ، ھىجرەت ۋە جىھاد قىلغانلار مۇيەسسەر بولىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن ھالقىپ ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋرۇپالارغا تارقىلىشى ئەنە شۇ ئىبادەتلەرنىڭ سايىسىدا بولغان.

شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا بۇ ئىككى ئىبادەت ئەڭ ساۋابلىق ئىشلارنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ، ھەر مۇسۇلمان ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە ئۇلارنى قىلىشقا تىرىشىدۇ. قۇرئان – سۈننەتكە ئۇيغۇن قىلغانلار ساۋاب قازىنىدۇ ۋە غايىگە يېتىدۇ. لېكىن قۇرئان – سۈننەتكە ئۇيغۇن قىلمىغانلار گۇناھكار بولىدۇ، يېرىم يولدا قالىدۇ، شۇنداقلا ئىسلامنىڭ شەنىگە داغ تەگكۈزىدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ نامىنى بۇلغايدۇ.

كۆڭۈلگە پۈككەن ياخشى نىيەت، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن كۇپايە قىلمايدۇ. قىلماقچى بولغان ئىش ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋى تەييارلىق قىلىش شەرت. كەم ئالەت بىلەن يولغا چىققانلار كامالەتكە يېتەلمەيدۇ. يېتەرلىك ئىلىم، كېرەكلىك تەييارلىق ۋە لازىملىق كۈچكە ئىگە بولمىغانلار توغرا نىيىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىشكە مەھكۇمدۇر. چۈنكى رەھبىرى قۇرئان بولمىغان كىشىنىڭ ھەمراھى شەيتان بولىدۇ، شەيتان ئۇنى توغرا يولدىن توسىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ توغرا ئىش قىلدىم دەپ خاتا ئىشلارنى قىلىدۇ. ھەممە ئىشى نەتىجىسىز ئاخىرلىشىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَمَن يَعۡشُ عَن ذِكۡرِ ٱلرَّحۡمَٰنِ نُقَيِّضۡ لَهُۥ شَيۡطَٰنٗا فَهُوَ لَهُۥ قَرِينٞ  ٣٦ وَإِنَّهُمۡ لَيَصُدُّونَهُمۡ عَنِ ٱلسَّبِيلِ وَيَحۡسَبُونَ أَنَّهُم مُّهۡتَدُونَ  ٣٧ حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَنَا قَالَ يَٰلَيۡتَ بَيۡنِي وَبَيۡنَكَ بُعۡدَ ٱلۡمَشۡرِقَيۡنِ فَبِئۡسَ ٱلۡقَرِينُ  ٣٨﴾

«كىم رەھماننىڭ كىتابىدىن يۈز ئۆرۈسە، ئۇنىڭغا بىر شەيتان ھەمراھ قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بۇ شەيتان ئۇنىڭ يېقىنى بولىدۇ. شەيتانلار ئۇلارنى توغرا يولدىن توسىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇ كىشى قىيامەت كۈنى ھۇزۇرىمىزغا كەلگەندە يېقىنىغا: ‹كاشكى سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا مەشرىق بىلەن مەغرىب ئارسىدەك يىراقلىق بولسا ئىدى! سەن نېمىدېگەن يامان يېقىن!› دەيدۇ»[23].‏

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 171 – 177.

[1] ئەھمەد ئۆنكال، «ھىجرەت»، تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى (ئىستانبۇل: تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى،  1998)، 17: 458؛  ئىبنى مەنزۇر، «ھجر»، 5: 250؛ فىيرۇزئابادى، «ھجر»، 495؛ جەۋھىرى، «ھجر»، 2: 851؛  ئىبنى فارىس «ھجر»، 6: 34.

[2] راغىب ئىسفەھانى، «جھد»، 208؛ ئەھمەد ئىبنى فارىس، «جھد»، 1: 486؛ فىيرۇز ئابادىي، «جھد»، 275؛ جەۋھەرى، «جھد»، 2: 460؛ ئىبنى مەنزۇر، «جھد»، 3: 133؛ ئەھمەد ئۆزەل، «جىھاد»، تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى (ئىستانبۇل: تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 1993)، 7: 527 ~ 531؛ ھەيئەت، «جىھاد»،  شامىل ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى (ئىستانبۇل: شامىل يايىن ئەۋى، 2000)، 1: 394 ~ 398.

[3] 9 – سۈرە تەۋبە، 20 ~ 22 – ئايەتلەر. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 195 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 100 – ئايەت؛ 8 – سۈرە ئەنفال، 72 – ، 74 – ۋە 75 – ئايەتلەر؛ 16 – سۈرە نەھل، 41 – ۋە 110 – ئايەتلەر؛ 22 – سۈرە ھەج، 58 – ۋە 59 – ئايەتلەر؛ 59 – سۈرە ھەشر، 8 – ئايەت.

[4] 76 – سۈرە ئىنسان، 1 ~ 3 – ئايەتلەر.

[5] قاراڭ:  57 – سۈرە ھەدىد، 3 – ئايەت.

[6] قاراڭ:  2 – سۈرە بەقەرە، 229 – ئايەت؛  6 – سۈرە ئەنئام، 1 – ، 101 – ۋە 102 – ئايەتلەر؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 54 – ئايەت؛ 13 – سۈرە رەئد، 16 – ئايەت؛ 24 – سۈرە نۇر، 45 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 33 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 62 – ئايەت؛ 40 – سۈرە غافىر، 62 – ئايەت.

[7] قاراڭ:   4 – سۈرە نىسا، 1 – ئايەت.

[8]  بۇ يەردىكى ئاڭلاش ۋە كۆرۈش ھايۋانلارنىڭ ئاڭلىشى ۋە كۆرۈشىدىن پەرقلىقتۇر. ھايۋانلارمۇ ئاڭلايدۇ، كۆرىدۇ، لېكىن ئاڭلىغىنىنى ۋە كۆرگىنىنى تەھلىل قىلىپ يەكۈن چىقىرالمايدۇ. ئىنسانغا روھنىڭ پۈۋلىنىشى بىلەن ھاسىل بولغان بۇ ئالاھىدىلىك ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن نەرسىلەرنى تەھلىل قىلىش، چۈشىنىش ۋە ئۇلار ھەققىدە يەكۈن چىقىرىش قابىلىيىتىدۇر. بۇ ئالاھىدىلىك ئۆگىنىشنىڭ قورالىدۇر. قۇرئان كەرىمدە ئىنسانىيەتكە ئەسلىتىلگەن سەمئـ، ئەبسار ۋە ئەفئىدە ﴿السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ﴾ ئەنە شۇ ئالاھىدىلىكنى بايان قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر: 16 – سۈرە نەھل، 78 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 36 – ئايەت؛ 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 78 – ئايەت؛ 32 – سۈرە سەجدە، 9 – ئايەت؛ 67 – سۈرە مۇلك، 23 – ئايەت.

[9] قاراڭ:   90 – سۈرە بەلەد، 10 – ئايەت.

[10] قاراڭ:  18 – سۈرە كەھف، 29 – ئايەت.

[11] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 256 – ئايەت؛ 18 – سۈرە كەھف، 29 – ئايەت؛ 26 – سۈرە شۇئەرا، 3 – ۋە 4 – ئايەتلەر.

[12] قاراڭ:  2 – سۈرە بەقەرە، 177 – ئايەت؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 104 – ، 110 – ۋە 114 – ئايەتلەر؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 71 – ۋە 112 – ئايەتلەر؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 63 – ۋە 74 – ئايەتلەر؛ 49 – سۈرە ھۇجۇرات، 15 – ئايەت؛

[13] قاراڭ:  2 – سۈرە بەقەرە، 6 – ، 16 – ۋە 205 – ئايەتلەر؛ 4 – سۈرە نىسا، 18 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 67 – ئايەت.

[14] قاراڭ:  2 – سۈرە بەقەرە، 190 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 76 – ئايەت.

[15] قاراڭ:  3 – سۈرە ئال ئىمران، 195 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 75 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 41 – ۋە 110 – ئايەتلەر؛ 59 – سۈرە ھەشر، 8 – ئايەت.

[16] قاراڭ:  22 – سۈرە ھەج، 39 – ئايەت.

[17] قاراڭ:  2 – سۈرە بەقەرە، 190 – ئايەت.

[18] قاراڭ:  3 – سۈرە ئال ئىمران، 195 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 100 – ئايەت؛ 8 – سۈرە ئەنفال 74 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 20 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 41 – ئايەت؛ 22 – سۈرە ھەج، 58 – ئايەت.

[19] قاراڭ: 9 – سۈرە تەۋبە، 41 – ، 88 – ۋە 100 – ئايەتلەر؛ 16 – سۈرە نەھل، 41 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 69 – ئايەت؛ 61 – سۈرە سەف، 11 – ئايەت.

[20] 2 – سۈرە بەقەرە ، 218 – ئايەت.

[21] 3 – سۈرە ئال ئىمران، 132 – ئايەت.

[22] 6 – سۈرە ئەنئام، 155 – ئايەت.

[23] 43 – سۈرە زۇخرۇف، 36 ~ 38 – ئايەتلەر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر