مۇسۇلمانلار
ياشلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە رولى ساھابىلەردىن ئۆرنەكلەر 1

ياشلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە رولى \ ساھابىلەردىن ئۆرنەكلەر

3. ساھابىلەردىن ئۆرنەكلەر

1.      ئۈچ قېرىنداش

بۇلار ئەبۇ بەكىر سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۈچ پەرزەنتى بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىگە ھىجرىتى ئەسناسىدا  مەككىدىن چىقىشىغا ياردەمچى بولغان. ئۇلارنىڭ بىرى بولغان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: … بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكىرنىڭ سەپەر جابدۇقلىرىنى ناھايىتى تېز ھازىرلىدۇق. ئىككىسى ئۈچۈن ئوزۇق تەييارلاپ تېرىدىن ئېتىلگەن بىر كىچىك تاغارغا قويدۇق… تاغارنىڭ ئاغزىنى باغلايدىغان چاغدا ئەبۇ بەكىرنىڭ قىزى ئەسما بېلىدىكى بەلبېغىدىن بىر پارچە يىرتىپ ئۇنىڭ بىلەن تاغارنىڭ ئاغزىنى باغلىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ «زاتۇننىتاقەين (ئىككى بەلباغلىق)» دەپ ئاتالدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكىر سەۋر تېغىدىكى بىر غارغا يېتىپ باردى ۋە ئۇ يەردە ئۈچ كېچە يوشۇرۇندى…. ھەر كېچىسى ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەبۇ بەكىرنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ قالاتتى. ئابدۇللاھ چېچەن ۋە ئەقىل – پاراسەتلىك بىر ياش يىگىت ئىدى. ئۇ سەھەر ۋاقتىدا رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكىرنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ مەككىدە ياتقان ئادەمدەك بولۇپ سۈبھى ۋاقتىدا قۇرەيش بىلەن بىللە بولاتتى. رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكىر ھەققىدە قۇرەيش مۇشرىكلىرىنىڭ قىلىشقان ھىيلە – مىكىرلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىنى ئېسىدە ساقلاپ ئاخشىمى قاراڭغۇلۇق باسقاندا كېلىپ رەسۇلۇللاھ بىلەن ئاتىسى ئەبۇ بەكىرگە خەۋەر قىلاتتى…

ئۇلارنىڭ يەنە بىرى بولغان ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلماقچى بولغان چېغىدا (دادام) ئەبۇ بەكىرنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭغا ئوزۇق تەييارلىدىم، ئوزۇقنى قويغان داستىخاننى ۋە سۇ تۇلۇمىنى باغلايدىغان بىر نەرسە تاپالمىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ بەكىرگە: «ۋەللاھى بۇلارنى باغلايدىغانغا  بەلبېغىمدىن باشقا بىر نەرسە تاپالمىدىم» دېدىم. ئۇ: «بەلبېغىڭنى ئىككىگە يېرىپ، بىرى بىلەن تۇلۇمنى، يەنە بىرى بىلەن داستىخاننى باغلىغىن» دېدى. مەن شۇنداق قىلدىم، كېيىن بۇ سەۋەبتىن «ئىككى بەلباغلىق» دەپ ئاتالدىم[1].

2.      ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب

تېخى ئۆسمۈر (بالا) چېغىدىلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈپ، ئىسلام بىلەن مۇشەررەپ بولغان ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جاسارەت، پىداكارلىق ۋە ئىلىمدە ئۆرنەك ياشلاردىندۇر. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەت قىلغاندا ئەمدىلا  22 ياشقا كىرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن چىقىشى ئەسناسىدا مەككىلىك مۇشرىكلارنىڭ سۇيقەست قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق ئۇنىڭ ياتىقىدا، ئۇنىڭ ئورنىدا ياتقان. بەدر، ئۇھۇد، خەندەك، ھۇنەين، خەيبەر قاتارلىق غازاتلارغا قاتنىشىپ، بايراقدارلىق رولىنى ئوينىغان.

 ئۇ پۈتۈن بۇ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ يېنىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كاتىپ ۋە ۋەھيى كاتىپلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا قۇرئاننىڭ تامامىنى ياد ئالغان ۋە ئۇنىڭدىكى ئىلىملەرگە ۋاقىپ بولغان. ئىلمى قابىلىيىتىنىڭ يۈكسەكلىكى سەۋەبى بىلەن ئەبۇ بەكىر ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما، خەلىپىلىك زامانلىرىدا ئۇنىڭ فىقھىي پىكىرلىرىگە مۇراجىئەت قىلغان. ئۇ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە ئىسلام دىنىنىڭ تارىخىي يىل نامىسىنى ھىجرەت بىلەن باشلاش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇ تەكلىپ قوبۇل قىلىنغان[2].

3.      مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى مەدىنىگە بىر ياش بېرىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ كېلىشىگە شارائىت تەييارلىغان. ئۇ ياش مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىدى. مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير مەككىنىڭ كېلىشكەن، ئەقىللىق ۋە باي يىگىتى ئىدى. ئۇ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەرقەمنىڭ قورۇسىدا ئىسلامغا دەۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ يېنىغا كىرىپ مۇسۇلمان بولغان ۋە چىقىپ كەتكەن، لېكىن ئانىسىدىن ۋە قەۋمىدىن قورقۇپ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى يوشۇرغان. ئۇ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بەزىدە مەخپىي كەلگەن. بىر كۈنى ئوسمان ئىبنى تەلھە ئۇنىڭ ناماز ئۆتەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئانىسىغا ۋە قەۋمىگە دەپ قويغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇسئەبنى قاماپ قويۇشقان. ئۇ تاكى ھەبەشىستانغا قىلىنغان بىرىنچى ھىجرەت ئەسناسىدا چىقىپ ئۇ يەرگە ھىجرەت قىلغانغا قەدەر قاماقتا قالغان. ئاندىن ئۇ يەرگە ھىجرەت قىلغان مۇسۇلمانلار قايتىپ كەلگەندە ئۇمۇ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە قايتقان. بىرىنچى ئەقەبە بەيئەتىدە (نۇبۇۋۋەتنىڭ 11 – يىلى) ھەج مەۋسۇمىدا يەسرىب خەلقىدىن مۇسۇلمان بولغان 12 كىشى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن دىنى ئەھكاملارنى ۋە قۇرئان كەرىمنى ئۆگىتىش ئۈچۈن بىر مۇئەللىم تەلەپ قىلغاندا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۇنى يەسرىبكە مۇئەللىم قىلىپ ئەۋەتكەن. ئۇ ئىسلام ئەلچىسى بولۇپ يەسرىبتە دەۋەت پائالىيىتى ئېلىپ بارغان، شۇنداقلا يەسرىبنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە بولۇشىدا ئاساسلىق رول ئوينىغان[3].

4.      ئەنەس ئىبنى مالىك

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىدىكى ھاياتى بويىچە خىزمىتىنى بىر ياش قىلغان. ئۇ ياش ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىدى. ئەنەس ئىبنى مالىك ئۆزىنىڭ بۇ شەرەپلىك خىزمەتكە مۇيەسسەر بولۇش جەريانىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەن چاغدا مەن 10 ياشتا ئىدىم، ئانام ياغلىقىنىڭ يېرىمىنى ئىشتان، يېرىمىنى كۆڭلەك قىلىپ ماڭا كىيدۈردى، ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئېلىپ باردى ۋە مۇنداق دېدى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بۇ مېنىڭ ئوغلۇم ئەنەسچاق، خىزمەتلىرىنى قىلسۇن دەپ يانلىرىغا ئېلىپ كەلدىم، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلسىلا. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «ئى ئاللاھ! ئەنەسنىڭ مېلىنى ۋە بالىسىنى كۆپ قىلغىن!» دېدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ 10 يىل خىزمىتىنى قىلدىم، ئۇ ۋاپات بولغاندا 20 ياشتا ئىدىم[4].

5.      ئۇسامە ئىبنى زەيد

ئۇسامە ئىبنى زەيد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئازات قىلىۋەتكەن قۇلى ۋە بېقىۋالغان بالىسى زەيد ئىبنى ھارىسەنىڭ ئوغلى بولۇپ، جەڭگىۋارلىق، ياخشىلىققا ھىرىسمەنلىك، ئەسكىرىي قابىلىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆرنەكتۇر. ئۇھۇد ئۇرۇشىدا يېشى كىچىك دەپ ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت بىرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن يىغلىغان. خەندەك ۋە  مۇتە ئۇرۇشىلىرىغا قاتناشقان. مۇتە ئۇرۇشى بولغاندا بۇ ئۇرۇشقا دادىسى زەيد بىلەن قاتنىشىپ، دادىسىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى كۆرگەن. پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭ ئەسكىرىي قابىلىيىتىنىڭ يېتەرلىك بولغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ھىجرەتنىڭ 11 – يىلى ئۇ تېخى 17 ياش ۋاقتىدا،  باشقىلارنىڭ ئىتىرازلىرىغا پەرۋا قىلماستىن، قوشۇننىڭ ئىچىدە ئەبۇ بەكىر ۋە ئۆمەرگە ئوخشاش  چوڭ ساھابىلەر تۇرۇقلۇق مۇسۇلمانلار قوشۇنىغا ئۇنى قوماندان قىلغان. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپاتى سەۋەبىدىن يولغا چىقالمىغان بۇ قوشۇن ئەبۇ بەكىرنىڭ خەلىپىلىك زامانىدا يولغا چىقىپ زور ئۇتۇقلار قازانغان[5]

دېمەككى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم باسقۇچلىرى ۋە ھالقىلىق پەيتلىرىدە، ئىسلامنىڭ گۈللىنىشى ۋە تارقىلىشىدا، ئىلىم – مەرىپەتنىڭ يېيىلىشى ۋە ئومۇملىشىشىدا ياشلارنىڭ رولى چوڭ بولغان. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغاي.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 138 – 142.

[1]  بۇخارى، «مەناقىبۇل ئەنسار»، 45، «جىھاد»، 123.

[2]  مۇبارەكفۇرىي، رەھىقۇل مەختۇم، 146؛ ئەبۇ ئابدىللاھ بەدرۇددىن مۇھەممەد ئىبنى ئابدىللاھ ئىبنى بەھادىر زەركەشى، ئەلبۇرھان فىئۇلۇمىل قۇرئان، تەھقىقلىغۇچى: مۇھەممەد ئەبۇل فەزل ئىبراھىم (بېيرۇت: دارۇ ئىھيائىل كۇتۇبىل ئەرەبىييە، ھ 1376 / م 1957)، 2: 157؛ ئەتھەم رۇھى فىغلالى، «ھەزرىتى ئەلى»، تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى (ئىستانبۇل: تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 1989)، 2: 371 ~ 374؛ م. ياشار قاندېمىر، «ئەلىنىڭ ئىلمى شەخسىيىتى»، تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى (ئىستانبۇل: تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 1989)، 2: 375 ~ 378.

[3]  ئەبۇ ئابدىللاھ مۇھەممەد ئىبنى سەئد ئىبنى مۇنىيئـ، تەبەقاتۇل كۇبرا، تەھقىقلىغۇچى: ئېھسان ئابباس (بېيرۇت:  دارۇ سادىر، ھ 1387/ م 1968)، 3: 67…؛ مۇبارەكفۇرى، رەھىقۇل مەختۇم،129  ~ 132.

[4] بۇخارى، «نىكاھ»، 57، «ئەدەب»، 39، «ئىستىئزان»، 10؛ مۇسلىم، «فەزائىلىسساھابە»، 143؛ شەمسۇددىن ئەبۇ ئابدىللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ئوسمان ئىبنى قايماز زەھەبىي، سىيەرۇ ئەئلامىننۇبەلا، تەھقىقلىگۈچى: شۇئەيب ئەرنائۇتنىڭ باشچىلىقىدىكى تەھقىقچىلار گۇرۇپپىسى (بېيرۇت: مۇئەسسەتۇر رىسالە، ھ 1405 / م 1985)، 3: 395.

[5] مەھمەت سالىھ ئارى، «ئۇسامە بىن زەيد»، تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى (ئىستانبۇل: تۈركىيە دىيانەت ۋەقـفى نەشرىياتى، 2012)، 42: 361 ~ 363.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر