باش بەت > ئەھكام > بالا > تالاق  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەراكاتۇھۇ ئۇستاز بىر ئەر – ئايالنىڭ ئىككى ئوغۇل بىر قىزى بار. بۇلار ئاجىرشىپ كەتسە بالىلارنى قايسى تەرەپ ئالىدۇ ، مەسىلەن ئايال بالىنىڭ ئۈچىلىسىنى ئۆزى ئالىمەن دىسە ئەر ئىككى ئوغلنى بىرىسەن دىسە ئايال بەرمەي قارشى چىقسا ئىسلامغا خىلاپمۇ ؟ ئەر ئايال ئاجرىشىپ كەتسە بالىلار قايسى تەرەپكە بىرىلىدۇ ؟مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز ………

جاۋاب:

بالىلارنىڭ پۈتۈن نەفەقىسى (چىقىمى)نى كۆتۈرۈش ئاتىنىڭ مەجبۇرىيىتى، بالىنى تەربىيەلەش، بېقىش ئانىنىڭ ھوقۇقىدۇر. ئانا بالىنى باقىمەن دېسە ئاتىنىڭ بالىلارنى ئېلىۋېلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، پەقەت ئانا، ئاجراشقاندىن كېيىن باشقا بىرى بىلەن ئۆيلىنىپ قالسا، ئاتىنىڭ بالىلارنى ئېلىۋېلىش ھوقۇقى بولىدۇ. بالىلارنى ئانا بېقىۋاتقان مەزگىلدە ئاتا بالىلارنىڭ پۈتۈن چىقىمىنى كۆتۈرىدۇ.

بالىلارنىڭ چىقىمى (نەفەقەسى)

قىز بولسۇن ئوغۇل بولسۇن، بالىلارنىڭ چىقىمىنى كۆتۈرۈش ئاتىنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر. ئانىنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەجبۇرىيىتى يوقتۇر. ئەگەر ئاتا بولمىسا بالىلارنىڭ چىقىمى ئاتىنىڭ ئاتىسىغا، ئۇمۇ بولمىسا باشقا ئەر تۇققانلىرىغا يۈكلىنىدۇ.

ئاتا، كىچىك بالىلىرى ئۆزى ئىشلەپ پۇل تاپالىغىچىلىك چاغقا كەلگىچە بېقىشقا مەجبۇردۇر. بالىلار ئۈچۈن بەلگىلىنىدىغان نەفەقە مىقدارى بالىلارنىڭ يېشىغا ۋە ئاتىنىڭ ماددى ئەھۋالىغا قارىتا بەلگىلىنىدۇ.  

قىز بالىنىڭ، ئۆزىنى قامىدىغىدەك مال – دۇنياسى يوق، ھەم ئۆيلەنمىگەن بولسا ئۇنىڭ نەفەقىسى يەنى ئۇنى بېقىش ئاتىسىغا يۈكلىنىدۇ. بۇنىڭدا قىز مەيلى توي قىلمىغان بولسۇن ياكى تۇل قالغان بولسۇن پەرق يوق. 

بالىلارنىڭ ئوقۇش چىقىملىرىنىمۇ ئاتا ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

چوڭ بولۇپ بولغان بالىلارنىڭ كىرىمى ۋە تاپقىنى ئۆزىگە يەتمىسە كام قالغان قىسمىنى ئاتا تولۇقلىشى كېرەك.  

بالىلارغا بەلگىلەنگەن نەفەقە ئانىغا تاپشۇرىلىدۇ. ئەگەر ئانىنىڭ بېرىلگەن نەفىقىنى بالىلارغا ئىشلەتمەيۋاتقانلىقى ئىسپاتلانسا، نەفەقە يا ئىشەنچىلىك بىر كىشىگە بېرىلدۇ، بالىلارنىڭ ئانىسى ئۇ كىشىدىن ئىھتىياجىغا قارىتا ئېلىپ ئىشلىتىدۇ ياكى نەفىقىنى ئىشلىتىش ۋەزىپىسى ئانىدىن باشقا ئىشەنچىلىك بىرىگە بېرىلىدۇ. 

ئاتىنىڭ نەفىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى ھەققىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: 

وَٱلۡوَٰلِدَٰتُ يُرۡضِعۡنَ أَوۡلَٰدَهُنَّ حَوۡلَيۡنِ كَامِلَيۡنِۖ لِمَنۡ أَرَادَ أَن يُتِمَّ ٱلرَّضَاعَةَۚ وَعَلَى ٱلۡمَوۡلُودِ لَهُۥ رِزۡقُهُنَّ وَكِسۡوَتُهُنَّ بِٱلۡمَعۡرُوفِۚ لَا تُكَلَّفُ نَفۡسٌ إِلَّا وُسۡعَهَاۚ لَا تُضَآرَّ وَٰلِدَةُۢ بِوَلَدِهَا وَلَا مَوۡلُودٞ لَّهُۥ بِوَلَدِهِۦۚ وَعَلَى ٱلۡوَارِثِ مِثۡلُ ذَٰلِكَۗ …

«ئانىلار بالىلىرىنى تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىدۇ. بۇ ئېمىتىشنى تاماملىماقچى بولغانلار ئۈچۈندۇر. ئاتىلار ئۇلارغا يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك بېرىشى كېرەك. ھېچكىم كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلىنمايدۇ. ئانا بالىسى سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچرىتىلمىسۇن، ئاتىمۇ بالىسى سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچرىتىلمىسۇن. مىراسچىنىڭ مەسئۇلىيتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر…»-(2-سۈرە بەقەرە، 233- ئايەت).‏

ٱلرِّجَالُ قَوَّٰمُونَ عَلَى ٱلنِّسَآءِ بِمَا فَضَّلَ ٱللَّهُ بَعۡضَهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖ وَبِمَآ أَنفَقُواْ مِنۡ أَمۡوَٰلِهِمۡۚ …

«ئەرلەر ئاياللىرىنى باشقۇرغۇچى ۋە ساقلىغۇچىلاردۇر. بۇ ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقى ۋە ئەرلەرنىڭ ماللىرىدىن چىقىم قىلغانلىقى سەۋەبىدىندۇر…»-( 4-سۈرە نىسا، 34- ئايەت).

بالىلارنى بېقىپ تەربىيەلەش (ھىدانە = حضانة) ھەققى

ھىدانە – بالىنىڭ لاياقەتلىك بىرى تەرىپىدىن ئېلىنىپ، مەلۇم مەزگىل بېقىلىپ – تەربىيىلىنىشى دېمەكتۇر. بالىنى بېقىش ۋە تەربىيەلەش ئانىنىڭ ھوقۇقىدۇر. لېكىن ئانا بۇنىڭ ئۈچۈن قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ. يەنى ئانا بالىنى بېقىشقا ۋە تەربىيەلەشكە مەجبۇرلانمايدۇ. ئەمما بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان باشقا ئادەم بولمىسا، ئانىنىڭ بالىغا قاراش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.

ئانا ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، بالىنى باققانلىقى ئۈچۈن بالىنىڭ ئاتىسىدىن بېقىش ھەققىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. بالا بېقىلىدىغان ئۆينىڭ ئىجارە ھەققى ئاتىسىغا تەۋە بولىدۇ. ئەگەر ئاتا بولمىسا، ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن پۇل تۆلەيدۇ. لېكىن ئانىنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسى بولۇپ، بالىنى ئۇ يەردە باقىدىغان بولسا، قوشۇمچە ئىجارە ھەققى تەلەپ قىلالمايدۇ.

ئانا باشقا بىر يات ئادەم بىلەن توي قىلغاندا، بالىىنى بېقىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالىدۇ. چۈنكى بالا ئۆگەي ئاتىنىڭ ئالدىدا خورلىنىشقا، ئۆگەيلىنىشكە ئۇچرىشى مۇمكىن. لېكىن ئانا، بالىنىڭ تاغىسىغا ئوخشاش بالىغا يېقىن بىر ئادەم بىلەن توي قىلسا، يەنىلا بېقىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.

ئانا بالىنى بېقىشنى قوبۇل قىلىدىغان يات بىر كىشى بىلەن ئۆيلەنگەن بولسا، ئاتىنىڭ ياكى يېقىنلىرىنىڭ بالىنى ئانىدىن ئېلىۋېلىشى جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، كۆپىنچە ئۆگەي ئاتىلار ئايالىنىڭ يۈز خاتىرىسى ۋە ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن بالىغا يېقىن تۇققانلىرىدىنمۇ ياخشى قارىشى مۇمكىن.  

ئوغۇللار ئۆز ئىشىنى قىلالايدىغان ياشقا كەلگىچە ئانا بىلەن بىللە تۇرىدۇ، ئاندىن دادىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. نورمالدا يەتتە ياشنى ئاساس قىلسىمۇ، سەككىز ياكى توققۇز ياشقا كىرگۈچە ئانىسىنڭ يېنىدا قالسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئوغۇللار بۇ ياشتىن كېيىن بىر ئەركەكتەك تەربىيەلىنىشكە، ئىلىم-پەن ۋە سەنئەت ئۆگىنىشىكە مۇھتاج بولىدۇ. بۇ ئىشلارنى قىلىشقا ئۇنىڭ ئاتىسى ياكى ۋە ئەركەك تۇققانلىرى تېخىمۇ لايىقتۇر.

قىزلار بالاغەتكە يەتكىچە، ئانىلىرى بىلەن بىللە تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن كىيىن ئۇلار ئاتىسىنىڭ ۋە بوۋىسىنىڭ قوغدىشىغا تېخىمۇ موھتاج بولغاچقا، ئانىسىدىن ئېلىۋىلىنىدۇ ۋە ئاتىسىنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ.

ئاتىسى بالىنى ئانىسىنىڭ رازىلىقى بولماسىتىن باشقا بىر يەرگە ئېلىپ كېتەلمەيدۇ. ئەگەر ئانىنىڭ رازىلىقى بولماستىن ئېلىپ كەتسە ئۇنىڭ بالىنى تەربىيەلەش ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغان بولىدۇ. لېكىن ئاتا خالىغان ۋاقىتتا كېلىپ بالىسىنى كۆرسە بولىدۇ. ئانا بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ.  

بېقىشقا ئېھتىياجى قالمىغان بالىلارنى ئانىسىنىڭ خالىغان ۋاقىتتا بېرىپ كۆرۈش ھوقۇقى بولىدۇ. ئاتىنىڭ ئۇنى چەكلەش ھوقۇقى بولمايدۇ.

ئانىنىڭ بالىنى بېقىشقا ئەڭ ئەڭ ھەقلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «بىر ئايال: ئى رەسۇلۇللاھ بۇ ئوغلۇمنىڭ ئاتىسى مىنى تالاق قىلىۋەتتى، ئۇ ئوغلۇمنى مېنىڭدىن ئېلىۋالماقچى بولىۋاتىدۇ، دېگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا:ئۆيلەنمىگەنلا بولساڭ ئۇنى ئېلىش سېنىڭ ھەققىڭ» دېدى»-( ئەبۇداۋۇد، «تالاق»، 35 (2276)).


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ