باش بەت > ئۆسۈم > پەتىۋالار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب:

مۆھتەرەم قېرىندىشىم! ئالدى بىلەن مەن سىزدىن سوراپ باقاي: مائاشىڭىزنىڭ بىر قىسمىنى بانكىغا نېمىشقا قويۇسىز؟ سىز مۇسۇلمان تۇرسىڭىز، پۇلىڭىزنى قويىدىغانغا باشقا يەر تاپالمىدىڭىزمۇ؟ سىزگە چىققان ئاز ئۆسۈمنى «سەدىقە» قىلىۋېتىپ «قۇتۇلغىنىڭىز» بىلەن، بانكا سىزنىڭ پۇلىڭىزنى باشقىلارغا قەرز بېرىپ ئالغان ئۆسۈمچۇ؟ بۇنىڭغا سىز ياردەملەشكەن بولمامسىز؟ ئەلۋەتتە بولىسىز. ئاللاھدىن قورقىشىڭىز كېرەك! قېرىندىشىم! بانكىنىڭ سىزگە بېرىدىغىنى، سىزنىڭ پۇلىڭىز ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ئۆسۈمنىڭ ئازغىنا بىر قىسمى.

ئەگەر بىر كىشى مەجبۇر بۇلۇپ (بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكەش جەريانىدا پۇلنى يېنىدا ئېلىپ مىڭىشتىن قورقۇپ ياكى پۇلنى ئۆيدە قويسا، ئوغرىلىنىشتىن قورقۇپ) بانكىدا پۇل قويسا، بۇ چاغدا چىققان ئۆسۈمنى ئالماي تاشلىۋېتىشكىمۇ بولمايدۇ. ئېلىپ ئۆزى ئىشلىتىشكىمۇ بولمايدۇ. بۇ پۇلنى ئېلىپ ئاممىنىڭ مەنپەئەتى بولىدىغان بىر ئىشقا ئىشلتىۋەتسە بولىدۇ. ئۆسۈم سەدىقە بولمايدۇ. چۈنكى سەدىقە قىلىنىغان مالنىڭ پاكىز (ھالالدىن كەلگەن) بولۇشى شەرت.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ