مۇسۇلمانلار
قۇرئاندا ئىنسان ئىنساننىڭ ۋەزىپىسى 1

قۇرئاندا ئىنسان \ ئىنساننىڭ ۋەزىپىسى

8 –  ئىنساننىڭ ۋەزىپىسى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَكُلَّ إِنسَٰنٍ أَلۡزَمۡنَٰهُ طَٰٓئِرَهُۥ فِي عُنُقِهِۦۖ وَنُخۡرِجُ لَهُۥ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ كِتَٰبٗا يَلۡقَىٰهُ مَنشُورًا  ١٣﴾

«بىز ھەر ئىنساننىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز زىممىسىگە يۈكلىدۇق. بىز قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىدىغان ئوچۇق بىر كىتاب چىقىرىمىز»[1].‏

ھەر ئىنساننىڭ شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي بولۇپ ئىككى تۈرلۈك مەسئۇلىيىتى بار. ئۇلارنى بۇ كىتابتا قەلەمگە ئېلىشقا تىرىشتۇق. بۇ كىتابتىكى ھەر مەسىلە ئۇلارنى توغرا ئۆگىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەمما بۇ يەردە ئۇلارنى تۆۋەندىكى بويىچە ئىككى ئىشتا خۇلاسىلەشكە بولىدۇ:

1.      تەۋھىد

ئىنساننىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى تەۋھىددۇر. يەنى بۇ دۇنياغا كەلگەن ھەر ئىنساننىڭ ھاياتى بويىچە قىلىشقا تېگىشلىك بىرىنچى ۋەزىپىسى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ شەيئىنىڭ ۋە ھېچ شەخسنىڭ ئىلاھلىقىنى تونۇماسلىقى، ئېتىراپ قىلماسلىقى ۋە ئىنكار قىلىشى، شۇنداقلا ئىلاھلىققا پەقەت ئاللاھنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىنى تىلى بىلەن ئىقرار، دىلى بىلەن تەستىق قىلىشى ۋە بۇنى ئەمەلىيىتىدە ئەكس ئەتتۈرۈشىدۇر. ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىنى، نازىل قىلغان كىتابلىرىنى ئىنسانلارغا ئەنە شۇ تەۋھىدنى ئەسلىتىش ۋە ئۆگىتىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن.

بۇ ھەقىقەت قۇرئان كەرىمدە بەزى يەردە «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە تاغۇتتىن ساقلىنىش»، بەزى يەردە «ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر»، بەزى يەردە «ئاللاھتىن باشقىسىنى ۋەكىل قىلىۋالماسلىق» دېگەن شەكىللەردە بايان قىلىنغان. 23 يىلدا نازىل بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ پۈتۈن مەزمۇنى بۇ تەۋھىد بىلەن خۇلاسىلەنگەن.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَقَدۡ بَعَثۡنَا فِي كُلِّ أُمَّةٖ رَّسُولًا أَنِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ وَٱجۡتَنِبُواْ ٱلطَّٰغُوتَۖ فَمِنۡهُم مَّنۡ هَدَى ٱللَّهُ وَمِنۡهُم مَّنۡ حَقَّتۡ عَلَيۡهِ ٱلضَّلَٰلَةُۚ فَسِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَٱنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلۡمُكَذِّبِينَ  ٣٦﴾

«شۈبھىسىزكى، بىز ھەر ئۇممەتكە ئەلچى ئەۋەتتۇق. ئۇ ئەلچى ئۇلارغا ‹ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، تاغۇتتىن ساقلىنىڭلار‹ دېدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشتى، بەزىسى ئازغۇنلۇققا لايىق بولدى. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار»[2].‏

﴿وَمَآ أَرۡسَلۡنَا مِن قَبۡلِكَ مِن رَّسُولٍ إِلَّا نُوحِيٓ إِلَيۡهِ أَنَّهُۥ لَآ إِلَٰهَ إِلَّآ أَنَا۠ فَٱعۡبُدُونِ  ٢٥﴾

 «بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن ھەر ئەلچىگە: ‹مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، شۇڭا ماڭا ئىبادەت قىلىڭلار‹ دەپ ۋەھىي قىلدۇق»[3].‏

﴿وَءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ وَجَعَلۡنَٰهُ هُدٗى لِّبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ أَلَّا تَتَّخِذُواْ مِن دُونِي وَكِيلٗا  ٢﴾

«بىز مۇساغا كىتابنى بەردۇق. ئۇ كىتابنى ئىسرائىل ئەۋلادى ئۈچۈن ھىدايەت رەھبىرى قىلدۇق. بۇ ئارقىلىق ئۇلارغا مۇنداق دېدۇق: مەندىن باشقىنى ۋەكىل قىلىۋالماڭلار»[4].‏

﴿قُلۡ إِنَّمَا يُوحَىٰٓ إِلَيَّ أَنَّمَآ إِلَٰهُكُمۡ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞۖ فَهَلۡ أَنتُم مُّسۡلِمُونَ  ١٠٨﴾

«ئېيتقىنكى: ماڭا ئىلاھىڭلارنىڭ يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكى ۋەھىي قىلىندى. تەسلىم بولامسىلەر؟»[5].‏

﴿قُلۡ إِنَّمَآ أَنَا۠ بَشَرٞ مِّثۡلُكُمۡ يُوحَىٰٓ إِلَيَّ أَنَّمَآ إِلَٰهُكُمۡ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞۖ فَمَن كَانَ يَرۡجُواْ لِقَآءَ رَبِّهِۦ فَلۡيَعۡمَلۡ عَمَلٗا صَٰلِحٗا وَلَا يُشۡرِكۡ بِعِبَادَةِ رَبِّهِۦٓ أَحَدَۢا  ١١٠﴾

«ئېيتقىنكى: شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە ئوخشاشلا ئىنسانمەن. ماڭا سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلارنىڭ يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكى ۋەھىي قىلىنىدۇ. كىم رەببىگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ياخشى ئەمەل قىلسۇن ۋە ئىبادەتتە رەببىگە ھېچكىمنى شېرىك قىلمىسۇن»[6].‏

﴿قُلۡ إِنَّمَآ أَنَا۠ بَشَرٞ مِّثۡلُكُمۡ يُوحَىٰٓ إِلَيَّ أَنَّمَآ إِلَٰهُكُمۡ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞ فَٱسۡتَقِيمُوٓاْ إِلَيۡهِ وَٱسۡتَغۡفِرُوهُۗ وَوَيۡلٞ لِّلۡمُشۡرِكِينَ  ٦﴾

«ئېيتقىنكى: مەن سىلەرگە ئوخشاشلا ئىنسانمەن. لېكىن ماڭا سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلارنىڭ يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكى ۋەھىي قىلىنىدۇ. شۇڭا ئاللاھقا يۆنىلىڭلار ۋە ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار. مۇشرىكلارنىڭ ھالىغا ۋاي!»[7].‏

﴿وَاسۡأَلْ مَنۡ أَرۡسَلۡنَا مِن قَبۡلِكَ مِن رُّسُلِنَآ أَجَعَلۡنَا مِن دُونِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ءَالِهَةٗ يُعۡبَدُونَ  ٤٥﴾

«ئى مۇھەممەد! بىزنىڭ سەندىن بۇرۇن ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىمىزدىن سوراپ باققىن: بىز رەھماندىن غەيرىينى ئىبادەت قىلىنىدىغان ئىلاھلار قىلىپتىمىزمۇ؟‏»[8].

﴿هَٰذَا بَلَٰغٞ لِّلنَّاسِ وَلِيُنذَرُواْ بِهِۦ وَلِيَعۡلَمُوٓاْ أَنَّمَا هُوَ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞ وَلِيَذَّكَّرَ أُوْلُواْ ٱلۡأَلۡبَٰبِ  ٥٢﴾

«بۇ قۇرئان ئىنسانلارغا قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتۇر. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلسۇن، ئاللاھنىڭ بىر ئىلاھ ئىكەنلىكىنى بىلسۇن ۋە ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئويلانسۇن»[9].

‏يۇقىرىدىكى ئايەتلەر دالالەت قىلىدۇكى، ئاللاھ تائالا ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنىڭ بىرلا ۋەزىپىسى بار، ئۇ بولسىمۇ «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق» ئىكەنلىكىنى ئىنسانلارغا ئەسلىتىشتۇر. ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان كىتابلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەزمۇنىمۇ «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر»دىن ئىبارەت. بۇ كۆرسىتىدۇكى، ئىنساننىڭ يەر يۈزىدىكى بىرىنچى ۋەزىپىسى ئاللاھ تائالانى لايىق رەۋىشتە تونۇش ۋە ئەمىر قىلغىنى بويىچە ياشاشتۇر. چۈنكى ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغان[10]. ئۇنىڭ بۇنى بىلىشى ئۈچۈن «ئەمىر» چۈشكەن[11].

2.      زېمىننى ئاۋاتلاشتۇرۇش 

ئىنساننىڭ ئىككىنچى ۋەزىپىسى – زېمىندا تېرىقچىلىق، ئورمانچىلىق، باغۋەنچىلىك ۋە چارۋىچىلىق قىلىش، ئۆي – ئىمارەت، قۇرۇلۇشلارنى لايىھىلەش ۋە قۇرۇش، تۇرمۇش  ۋاسىتىلىرىنى ياساش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن زېمىننى ئاۋاتلاشتۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش، تەبىئەتنى قوغداش ۋە كۆركەملەشتۈرۈش، مۇھىتنى  ئاسراش ۋە گۈزەللەشتۈرۈشتۇر.

ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ بۇ ۋەزىپىسىنى سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ، قەۋمىگە ئېيتقان بىر سۆزىنى نەقىل قىلىش ئارقىلىق بىلدۈرگەن. مۇناسىۋەتلىك ئايەت تۆۋەندىكىچە:  

﴿وَإِلَىٰ ثَمُودَ أَخَاهُمۡ صَٰلِحٗاۚ قَالَ يَٰقَوۡمِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنۡ إِلَٰهٍ غَيۡرُهُۥۖ هُوَ أَنشَأَكُم مِّنَ ٱلۡأَرۡضِ وَٱسۡتَعۡمَرَكُمۡ فِيهَا فَٱسۡتَغۡفِرُوهُ ثُمَّ تُوبُوٓاْ إِلَيۡهِۚ إِنَّ رَبِّي قَرِيبٞ مُّجِيبٞ  ٦١﴾

«بىز سەمۇد قەۋمىگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى سالىھنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. سىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر. ئۇ سىلەرنى زېمىندىن ياراتتى ۋە سىلەردىن ئۇنى ئاۋاتلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، رەببىم يېقىندۇر، ئىجابەت قىلغۇچىدۇر»[12].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 58 – 62.

[1] 17 – سۈرە ئىسرا، 13 – ئايەت.

[2] 16 – سۈرە نەھل، 36 – ئايەت.

[3] 21 – سۈرە ئەنبىيا، 25 – ئايەت.

[4] 17 – سۈرە ئىسرا، 2 – ئايەت.

[5] 21 – سۈرە ئەنبىيا، 108 – ئايەت.

[6] 18 – سۈرە كەھف، 110 – ئايەت.

[7] 41 – سۈرە فۇسسىلەت، 6 – ئايەت.

[8] 43 – سۈرە زۇخرۇف، 45 – ئايەت.

[9] 14 – سۈرە ئىبراھىم، 52 – ئايەت.

[10] 51 – سۈرە زارىيات، 56 – ئايەت.

[11] 65 – سۈرە تالاق، 12 – ئايەت.

[12] 11 – سۈرە ھۇد، 61 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر