باش بەت > لازىملىق دىنىي ئىلىملەر > بۈگۈنكى ئايەت  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

7 – ئىنساننىڭ ھۆررىيىتى

1.      ھۆررىيەتنىڭ دائىرىسى

ئاللاھ تائالا ئىنساننى يارىتىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا ياخشى – يامان ئىككى يولنى قويغان ۋە ئۇنىڭغا قايسى يولنى تاللاش توغرىسىدا ئىختىيار بەرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئىنسان باشقىلارنىڭ ھۆررىيىتىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك شەرتى بىلەن خالىغىنىنى قىلىشتا[1]، ھەتتا ئۇنىڭغا ئۆزىنى ياراتقان، ياشىتىۋاتقان ۋە باشقۇرۇۋاتقان رەببى ئاللاھ تائالاغا چوقۇنۇش – چوقۇنماسلىق ئەركىنىلكى بېرىلگەن. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

﴿هَلۡ أَتَىٰ عَلَى ٱلۡإِنسَٰنِ حِينٞ مِّنَ ٱلدَّهۡرِ لَمۡ يَكُن شَيۡئًا مَّذۡكُورًا  ١ إِنَّا خَلَقۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ مِن نُّطۡفَةٍ أَمۡشَاجٖ نَّبۡتَلِيهِ فَجَعَلۡنَٰهُ سَمِيعَۢا بَصِيرًا  ٢ إِنَّا هَدَيۡنَٰهُ ٱلسَّبِيلَ إِمَّا شَاكِرٗا وَإِمَّا كَفُورًا  ٣﴾

«ئىنسانغا زاماندىن شۇنداق مۇددەت كەلدىكى، ئۇ چاغدا ئۇ زىكىر قىلىنغۇچى نەرسە ئەمەس ئىدى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئۇرۇقلانغان ئارىلاشما تۇخۇمدىن ياراتتۇق. ئۇنى سىنايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، بىز ئۇنىڭغا يولنى كۆرسەتتۇق. ئۇ يا شۈكۈر قىلغۇچى يا تۇزكورلۇق قىلغۇچى بولىدۇ»[2].

﴿لَقَدۡ خَلَقۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ فِي كَبَدٍ  ٤ أَيَحۡسَبُ أَن لَّن يَقۡدِرَ عَلَيۡهِ أَحَدٞ  ٥ يَقُولُ أَهۡلَكۡتُ مَالٗا لُّبَدًا  ٦ أَيَحۡسَبُ أَن لَّمۡ يَرَهُۥٓ أَحَدٌ  ٧ أَلَمۡ نَجۡعَل لَّهُۥ عَيۡنَيۡنِ  ٨ وَلِسَانٗا وَشَفَتَيۡنِ  ٩ وَهَدَيۡنَٰهُ ٱلنَّجۡدَيۡنِ  ١٠﴾

«شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى مۇشەققەت تارتىدىغان قىلىپ ياراتتۇق. ئۇ ‹ماڭا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ› دەپ ئويلامدۇ؟ ئۇ: ‹مەن دۆۋە – دۆۋە مال تۈگەتتىم› دەيدۇ[3]. ئۇ ‹مېنى ھېچكىم كۆرمەيدۇ› دەپ ئويلامدۇ؟ بىز ئۇنىڭغا ئىككى كۆز بەرمىدۇقمۇ؟ بىر تىل ۋە ئىككى كالپۇك بەرمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ئىككى يولنى كۆرسەتتۇق»[4].

﴿لَآ إِكۡرَاهَ فِي ٱلدِّينِۖ قَد تَّبَيَّنَ ٱلرُّشۡدُ مِنَ ٱلۡغَيِّۚ فَمَن يَكۡفُرۡ بِٱلطَّٰغُوتِ وَيُؤۡمِنۢ بِٱللَّهِ فَقَدِ ٱسۡتَمۡسَكَ بِٱلۡعُرۡوَةِ ٱلۡوُثۡقَىٰ لَا ٱنفِصَامَ لَهَاۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ  ٢٥٦﴾

«دىندا ھېچ زورلاش يوق. توغرىلىق ئازغۇنلۇقتىن ئېنىق ئايرىلدى. كىمكى تاغۇتنى ئىنكار قىلىپ ئاللاھقا ئىشىنىدىكەن، ئۇ ھەرگىزمۇ سۇنۇپ كەتمەيدىغان مۇستەھكەم تۇتقىنى چىڭ تۇتقان بولىدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»[5].

﴿وَلَوۡ شَآءَ رَبُّكَ لَأٓمَنَ مَن فِي ٱلۡأَرۡضِ كُلُّهُمۡ جَمِيعًاۚ أَفَأَنتَ تُكۡرِهُ ٱلنَّاسَ حَتَّىٰ يَكُونُواْ مُؤۡمِنِينَ  ٩٩﴾

«ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى. ئۇنداقتا ئىنسانلارنى مۇئمىن بولۇشقا سەن زورلامسەن؟»[6].

﴿وَقُلِ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّكُمۡۖ فَمَن شَآءَ فَلۡيُؤۡمِن وَمَن شَآءَ فَلۡيَكۡفُرۡۚ إِنَّآ أَعۡتَدۡنَا لِلظَّٰلِمِينَ نَارًا أَحَاطَ بِهِمۡ سُرَادِقُهَاۚ وَإِن يَسۡتَغِيثُواْ يُغَاثُواْ بِمَآءٖ كَٱلۡمُهۡلِ يَشۡوِي ٱلۡوُجُوهَۚ بِئۡسَ ٱلشَّرَابُ وَسَآءَتۡ مُرۡتَفَقًا  ٢٩﴾

«ئېيتقىنكى: ‹بۇ ھەق رەببىڭلار تەرىپىدىندۇر. خالىغان كىشى ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان كىشى كافىر بولسۇن‹. بىز زالىملارغا شۇنداق ئوت تەييارلىدۇقكى، ئۇنىڭ تامدەك يالقۇنلىرى ئۇلارنى قورشىۋالىدۇ. ئۇلار تەشنالىقتىن نالە – پەرياد قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشايدىغان، يۈزلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان بىر تۈرلۈك سۇ بىلەن ياردەم قىلىنىدۇ. بۇ نېمىدېگەن يامان ئىچىملىك! ئۇ نېمىدېگەن يامان ئارامگاھ!»[7].‏

﴿لَّسۡتَ عَلَيۡهِم بِمُصَيۡطِرٍ  ٢٢﴾

«سەن ئۇلارنىڭ ئۈستىدە زورلىغۇچى ئەمەسسەن»[8].

2.      ھۆررىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى

ئىنسان تاللىشىدا ھۆردۇر، ئەركىندۇر، لېكىن ئۇ قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا ئۆز تاللىشىنىڭ ھېسابىنى بېرىدۇ، نەتىجىدە يا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ ياكى جازاغا دۇچار بولىدۇ[9]. دېمەككى، ھۆررىيەتسىز مەسئۇلىيەت يوق، مەسئۇلىيەتسىز ھۆررىيەت يوق. مەسىلەن: راستچىللىق، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، ئىپپەتنى ساقلاش، ئامانەتنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ گۈزەل ئەخلاق قاتارىدىن ھېسابلىنىشى؛ ھارامغا يېقىنلاشماسلىق، مەكرۇھنى تەرك ئېتىش، ئىسلامىي ئەمىرلەرنى ئورۇنداش قاتارلىقلارنىڭ تەقۋادارلىق ھېسابلىنىشى؛ ئىنساننىڭ ئۇلارنى ھېچقانداق بېسىم ئاستىدا قالماستىن ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش مەقسىتىدە ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇشىغا باغلىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مەجبۇرلىنىش ئاستىدىكى كىشىدىن مەسئۇلىيەت كۆتۈرۈلىدۇ[10].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿قُلۡ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ قَدۡ جَآءَكُمُ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّكُمۡۖ فَمَنِ ٱهۡتَدَىٰ فَإِنَّمَا يَهۡتَدِي لِنَفۡسِهِۦۖ وَمَن ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيۡهَاۖ وَمَآ أَنَا۠ عَلَيۡكُم بِوَكِيلٖ  ١٠٨﴾

«ئېيتقىنكى: ئى ئىنسانلار! شۈبھىسىزكى سىلەرگە رەببىڭلاردىن ھەق كەلدى. كىم ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىم ئېزىپ كېتىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ. مەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا ۋەكىل ئەمەسمەن»[11].‏

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 55 –58.

[1] ﴿…لَا تَظۡلِمُونَ وَلَا تُظۡلَمُونَ ٢٧٩﴾ «زۇلۇممۇ قىلمايسىلەر، زۇلۇمغىمۇ ئۇچرىمايسىلەر» (2 – سۈرە بەقەرە، 279 – ئايەت). رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «زىيان سېلىشقا ۋە زىيان تارتىشقا بولمايدۇ» ( ئىبنى ماجە، «ئەھكام»، 17؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 5: 55 – 56؛ ئىمام مالىك، «ئەقدىيە»، 31).

[2] 76 – سۈرە ئىنسان، 1 ~ 3 – ئايەتلەر.

[3]  بۇ سۆزنى دەيدىغانلار بىرقانچە تۈرلۈك بولىدۇ: 1 – ياخشى يوللارغا پۇل – مال سەرپ قىلىشقا دەۋەت قىلىنغان بىر كىشى ئۇ سۆزنى: «مەن ھازىرغىچە كۆپ پۇل – مال بەردىم، ئەمدى يېتەر» دېگەن مەنىدە دەيدۇ. 2 – باشقىلارغا خەير – ساخاۋەت قىلغان بىر كىشى ئۇ سۆزنى پوچىلىق قىلىش ئۈچۈن: «مەن ئاجىزلارغا كۆپ پۇل – مال بەردىم. مەن مۇشۇنداق قولى كەڭ ئادەم» دېگەن مەنىدە دەيدۇ. 3 – ئىسلام دىنى چەكلىگەن بىر نەرسىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان بىر كىشىگە، مەسىلەن: ھاراق ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر كىشىگە، باشقا بىر كىشى: «بۇ ھارام، بۇ ئىشنى قىلمىسلا» دېسە، ئۇ: «مەن بۇ ئىشنى مۇشۇ ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان پۇل – مال خەجلىدىم. ئەمدى ئىش يولىغا چۈشۈپ پايدىغا ماڭغىلى تۇرغاندا بۇ ئىشنى تاشلىۋەتسەم، بۇ ئىشنى مۇشۇ ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھازىرغىچە خەجلىگەن پۇلۇم زىيان بولمامدۇ؟ دېگەن مەنىدە: «مەن دۆۋە – دۆۋە مال تۈگەتتىم» دەيدۇ.  

[4] 90 – سۈرە بەلەد، 4 ~ 10 – ئايەتلەر.

[5] 2 – سۈرە بەقەرە ، 256 – ئايەت.

[6] 10 – سۈرە يۇنۇس، 99 – ئايەت.

[7] 18 – سۈرە كەھف، 29 – ئايەت.

[8] 88 – سۈرە غاشىيە، 22 – ئايەت.

[9] 13 – سۈرە رەئد، 40 – ئايەت؛ 14 – سۈرە ئىبراھىم، 41 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 13 – ۋە 14 – ئايەتلەر؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 1 – ۋە 47 – ئايەتلەر؛ 84 – سۈرە ئىنشىقاق، 6 ~ 13 – ئايەتلەر؛ 88 – سۈرە غاشىيە، 26 – ئايەت.

[10] 16 – سۈرە نەھل، 106 – ئايەت.

[11] – 10 سۈرە يۇنۇس، 108 – ئايەت. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر ئۈچۈن قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 137 – ۋە 139 – ئايەتلەر؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 20 – ئايەت؛ 5 – سۈرە مائىدە، 105 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 104 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 7 – ۋە 15 – ئايەتلەر؛ 24 – سۈرە نۇر، 54 – ئايەت؛ 34 – سۈرە سەبەئـ، 50 – ئايەت؛ 74 – سۈرە مۇددەسسىر، 35 ~ 38 – ئايەتلەر.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ