باش بەت > لازىملىق دىنىي ئىلىملەر > بۈگۈنكى ئايەت  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

6 – ئىنساننىڭ ھوقۇقلىرى

1 –       ياشاش ھوقۇقى

ھەر ئىنساننىڭ ياشاش ھوقۇقى بار. بۇ ھوقۇقتا پۈتۈن ئىنسانلار باراۋەردۇر. شۇڭلاشقا ئۇلار ئۆزئارا بۇ ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك[1]. ئەمما باشقا بىر ئىنساننى ئۆلتۈرگەن كىشى ئۇ ئىنساننىڭ ياشاش ھوقۇقىغا، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلغان كىشى باشقا ئىنسانلارنىڭ ياشاش ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلمىغان، ئۆزىنىڭ ياشاش ھوقۇقىنى يوقاتقان، شۇنداقلا جازالىنىشقا لايىق بولغان بولىدۇ[2].

2 –       باراۋەرلىك ھوقۇقى

يەر يۈزىنىڭ قەيىرىدە ياشىسا ياشىسۇن بارلىق ئىنسانلار بىر ئاتىنىڭ ۋە بىر ئانىنىڭ ئەۋلادىدۇر. قەبىلە ۋە مىللەت ھالىتىدە يارىتىلىشى ئۇلارنىڭ ئۆزئارا تونۇشۇشى ئۈچۈندۇر. يارىتىلىش ئېتىبارى بىلەن ھېچكىمنىڭ ھېچكىمدىن پەرقى يوقتۇر. ئاللاھنىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىغا كىم بەك ئىتائەت قىلسا شۇ ئۈستۈندۇر[3]. ئىنسانلارنىڭ تىللىرىنىڭ ۋە بەدەن رەڭلىرىنىڭ پەرقلىق بولۇشى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر[4]. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلاھىي تەكلىپ ھەممىسىگە ئوخشاش قىلىنغان[5]. قىيامەت كۈنى ھەر ئىنسان ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا يالغۇز چىقىدۇ[6]. ھەر كىم ئۆز گۇناھىنىڭ ھېسابىنى ئۆزى بېرىدۇ، ئۆز ئەمىلىنىڭ مۇكاپىتىنى ئۆزى ئالىدۇ[7].

3 –       ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى

1)     شەخسىي ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى

ھەر شەخس مۇئەييەن شەرتلەر ئاستىدا[8]، يولغا قويۇلغان بويىچە[9]، مال – مۈلۈككە ئىگە بولۇش، ئىسراپ قىلمىغان ئاساستا ئۆزىنىڭ شەخسىي ۋە ئائىلىۋى ئېھتىياجلىرىغا ئىشلىتىش[10]، باشقىسىغا سېتىش[11] ۋە ھەدىيە قىلىش[12] ئارقىلىق مال – مۈلكىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگىدۇر. بۇ ئۇنىڭ فىترىتىنىڭ تەلىپى، ئىنسان بولۇشىنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر. شەخسنىڭ بۇ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىدۇ. لېكىن ئۇمۇ باشقا شەخسلەرنىڭ مۇشۇنداق ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلماسلىقى لازىم، چۈنكى بۇ ھوقۇق ھەر ئىنسانغا بېرىلگەچكە بىر ئىنساننىڭ بۇ ھوقۇقى باشقا بىر ئىنساننىڭ مۇشۇنداق ھوقۇقى باشلانغان نۇقتىدا تۈگەيدۇ[13].

2)     كوللېكتىپ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى

شەخسنىڭ بولغاندەك، كوللېكتىپنىڭمۇ مال – مۈلۈككە ئىگە بولۇش، تەسەررۇپ قىلىش ۋە پايدىلىنىش ھوقۇقى بار. مال – مۈلۈككە ئىگە بولۇش ۋە پايدىلىنىش ھوقۇقىغا بىر جەمئىيەتنىڭ پۈتۈن ئەزالىرى ئوخشاش ھالدا ئىگە بولىدۇ. باشقۇرۇش ھوقۇقىغا بولسا كېلىشىمگە ياكى ئۆرپ – ئادەتكە ئاساسەن بىر قىسىم ئەزالىرى ئىگە بولىدۇ[14]. شەھەر قۇرۇلۇشى[15]، يول – كۆۋرۈك[16]، مەسچىت – جامە[17]، ۋەخپە ۋە خەيرىيەت ئورۇنلىرىنىڭ بىنالىرى، مۈلۈكلىرى[18]ۋە مەكتەپ – مەدرىسىلەر[19] ئەنە شۇنداق ئاممىۋى مۈلۈك ھېسابلىنىدۇ.

شۇنىڭدەك، شىپاخانا، دوختۇرخانا[20]، قەبرىستانلىقلار[21]، ئېرىق – ئۆستەڭ، ئېقىن – يايلاق، دەريا – دېڭىزلەر [22]، ھەر تۈرلۈك تەبىئىي بايلىق، ئېنېرگىيە مەنبەسى ۋە تارقىتىش ئورگانلىرى[23] قاتارلىق مۇئەسسەسە، قۇرۇلۇش ۋە بايلىقلارمۇ ئاممىۋى مۈلۈك ھېسابلىنىدۇ.

ھېچكىمنىڭ ئاممىۋى مۈلۈككە ئىگە بولۇۋېلىش ياكى بەزىلەرنى ئۇنىڭ مەنپەئەتىدىن چەكلەش ھوقۇقى يوق. ئىش بېشىدىكىلەرنىڭ ئۇلارنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىش، تېخىمۇ پايدىلىق ھالەتكە كەلتۈرۈش ۋە ئاممىنىڭ ئادىللىق بىلەن پايدىلىنىشى قاتارلىقلارنى كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم.

4 –       ئائىلە قۇرۇش ھوقۇقى

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئەر – ئايال قىلىپ ياراتقان[24]. ھەر جىنسقا ئۆز تىپىدىن جۈپتىنى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مېھىر – مۇھەببەت ئورناتقانلىقىنى ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىدىن ھېسابلىغان[25]. ئائىلە قۇرۇش، بالا – چاقىلىق بولۇش ۋە نەۋرە – چەۋرە كۆرۈشنى ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن[26]، شۇنداقلا نىكاھلىنىشنى (توي قىلىشنى) يولغا قويغان[27] ۋە مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىدىكى بويتاقلارنى ئۆيلەندۈرۈپ قويۇشقا ئەمىر قىلغان[28]. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئادەمزاتنىڭ نىكاھلىنىپ ئائىلە قۇرۇش ھوقۇقى بار. بۇ ھوقۇقتا ھەر ئىنسان باراۋەردۇر.

5 –       ساياھەت ھوقۇقى

زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەخلۇقات ۋە جىمى مەۋجۇدات ئىنساننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يارىتىلغان[29]. شۇنىڭ ئۈچۈن تۇنجى ئىنسان ئادەم ئاتىدىن بېرى يەر يۈزىدە ئىنسان ياشاپ كەلگەن ۋە قىيامەتكە قەدەر ياشايدۇ. ھەر ئىنساننىڭ زېمىندىكى نەرسىلەردىن پايدىلىنىش، پادىلىنىدىغان نەرسىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش، نېمىدىن قانداق پايدىلىنىشنى ئۆگىنىش، ئۆزىدىن ئىلگىرى ياشىغانلارنىڭ ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە بولۇش، مەخلۇقاتلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش… قاتارلىق ھەرخىل مەقسەتلەر ئۈچۈن يەر يۈزىدە ساياھەت قىلىش ھوقۇقى بار[30]. بۇ ھوقۇقتىمۇ ھەممە ئىنسان باراۋەردۇر.

6 –       پاناھلىق تىلەش ھوقۇقى

ياشاۋاتقان يېرىدە زۇلۇمغا ئۇچرىغان ۋە زۇلۇمنى ئۆزىدىن دەپئى قىلالمىغان ئىنساننىڭ ئۇ يەرنى تاشلاپ، ئۆز ئەركىنلىكى ۋە ئىززىتى بىلەن ياشىيالايدىغان باشقا بىر يەرگە پاناھلىنىش ھوقۇقى بار[31].

ئەگەر پاناھلىق تىلىگۈچى ئىنسان مۇسۇلمان بولسا، ئۇنىڭ ئۆز دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشاشتىن مەنئى قىلىنىشى ئۇنىڭغا قىلىنغان زۇلۇمدۇر. بۇ زۇلۇمنى دەپئى قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن ۋە باشقا بىر يەرگە كېتىشكە چارە ۋە يول تاپالىغانلار ئۇ يەرگە پاناھلىنىشقا (ھىجرەت قىلىشقا) بۇيرۇلىدۇ[32]. بۇلار ھىجرەت قىلىپ بارغان يەرنىڭ ئاھالىسى مۇسۇلمان بولسا ئۇ مۇھاجىرلارنى قانات ئاستىغا ئېلىشى ۋە باغرىغا بېسىشى كېرەك[33].

مۇسۇلمانلارنىڭ ھىجرەت قىلىپ بارىدىغان يېرىنىڭ مۇسۇلمان دۆلىتى ياكى ئاھالىسىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى شەرت ئەمەس. مۇھاجىر مۇسۇلمانلارغا ئۆز ئېتىقادىنى ئىپادىلەش ۋە ئىنساندەك ياشاش ئەركىنلىكى بېرىلىدىغان يەر بولسا كۇپايە قىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى بىرىنچى قېتىملىق ھىجرەتنىڭ ھەبەشىستانغا (ھازىرقى ئېفئوپيەگە) قىلىنىشى بۇنى كۆرسىتىدۇ[34].

ناۋادا بىرەر غەيرىي مۇسۇلمان مۇسۇلمانلارنىڭ يېنىغا پاناھلىق تىلەپ كەلسە تەكشۈرۈلىدۇ:

ئەگەر ئۇ غەيرىي مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇش ھالىتىدىكى دۈشمەنلەردىن بىرى بولسا، مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلىغانغا قەدەر پاناھلىق بېرىشى، ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىمان ئېيتقانلىقىنى ئىپادىلىسە، ئۇنى قېرىندىشى بىلىپ قانات ئاستىغا ئېلىشى[35]، ناۋادا ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىمان ئېيتمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىسە، ئۇنى خاتىرجەم بولىدىغان يېرىگە يەتكۈزۈپ قويۇشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَإِنۡ أَحَدٞ مِّنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ ٱسۡتَجَارَكَ فَأَجِرۡهُ حَتَّىٰ يَسۡمَعَ كَلَٰمَ ٱللَّهِ ثُمَّ أَبۡلِغۡهُ مَأۡمَنَهُۥۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ قَوۡمٞ لَّا يَعۡلَمُونَ  ٦﴾

«ئەگەر ئۇ مۇشرىكلاردىن بىرى سەندىن پاناھلىق تىلىسە، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلىغانغا قەدەر پاناھلىق بەرگىن. ئاندىن ئۇنى ئامانلىق ئىچىدە بولىدىغان يېرىگە يەتكۈزۈپ قويغىن. چۈنكى ئۇلار بىلمەيدىغان قەۋمدۇر»[36].‏

ئەگەر ئۇ (مۇسۇلمانلارنىڭ يېنىغا پاناھلىق تىلەپ كەلگەن غەيرىي مۇسۇلمان)، مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇش ھالەتتىكى دۈشمەنلەردىن بىرى ئەمەس، ئادەتتىكى بىر غەيرى مۇسۇلمان بولسا، ئۇنىڭغا پاناھلىق بېرىش لازىم. چۈنكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇش ھالەتتىكى غەيرى مۇسۇلمانغا ۋاقىتلىق پاناھلىق بېرىشكە بۇيرۇغان بۇ ئايەت ئۇرۇش ھالەتتە بولمىغان غەيرىي مۇسۇلمانغا ۋاقىتسىز پاناھلىق بېرىشنىڭ لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتمۇ بۇ مەنىگە دالالەت قىلىدۇ:

﴿لَّا يَنۡهَىٰكُمُ ٱللَّهُ عَنِ ٱلَّذِينَ لَمۡ يُقَٰتِلُوكُمۡ فِي ٱلدِّينِ وَلَمۡ يُخۡرِجُوكُم مِّن دِيَٰرِكُمۡ أَن تَبَرُّوهُمۡ وَتُقۡسِطُوٓاْ إِلَيۡهِمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلۡمُقۡسِطِينَ  ٨﴾

«ئاللاھ سىلەرنى دىن توغرىسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغان كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشتىن، ئۇلارغا ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن توسمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ»[37].‏

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 48 –55.

[1] قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 32 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 151 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 31 – ۋە 33 – ئايەتلەر.

[2] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 178 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 92 – ۋە 93 – ئايەتلەر؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 33 – ئايەت؛ 5 – سۈرە مائىدە، 32- ۋە 33 – ئايەت.

[3] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 1 – ئايەت؛ 49 – سۈرە ھۇجۇرات، 13 – ئايەت.

[4] قاراڭ: 30 – سۈرە رۇم، 22 – ئايەت.

[5] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 35 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 36 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 25 – ئايەت.

[6] قاراڭ: 19 – سۈرە مەريەم، 95 – ئايەت.

[7] قاراڭ: 53 – سۈرە نەجم، 38 – ۋە 39 – ئايەت.

[8] ئۇ شەرتلەر تۆۋەندىكىچە: ئوغرىلىماسلىق، بۇلىماسلىق (قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 38 – ئايەت)، جازانىخورلۇق قىلماسلىق (قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 275 ~ 280)، پارىخورلۇق قىلماسلىق (2 – سۈرە بەقەرە، 188 – ئايەت).

[9] ئۇ يول، تىجارەت قىلىش يەنى مال ياكى خىزمەت ئېلىم – سېتىمى قىلىش (قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 29 – ئايەت)، مىراستىن ئۆزىنىڭ ئۈلۈشىنى ئېلىش (قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 7 ~ 12 – ئايەتلەر، 33 – ئايەت، 176 – ئايەت). ئاياللار ئۈچۈن تويلۇق ئېلىش (قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 4 – ۋە 20 – ئايەتلەر).

[10] ئىنساننىڭ ئېھتىياجلىرى يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كىچەك، ئۇلاغ (قاتناش ۋاسىتىسى) ۋە تۇرالغۇ جايدۇر. ئۇنىڭ بۇلارغا ئىسراپ قىلمىغان ئاساستا مال – مۈلكىنى خەجلەش ھوقۇقى بار. قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 34 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 26 – ۋە 31 – ئايەتلەر؛ 16 – سۈرە نەھل، 8 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 67 – ئايەت؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 12 – ئايەت.

[11] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 275 – ئايەت؛ 24 – سۈرە نۇر، 37 – ئايەت؛ 62 – سۈرە جۇمۇئە، 9 – ئايەت.

[12] «ھەدىيە»- بەدەلسىز بېرىلگەن نەرسە دېگەن بولىدۇ. شۇڭلاشقا مەككىدە قۇربانلىق قىلىنىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھايۋانلار «ھەدىيە» دەپ ئاتالغان (قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 196 – ئايەت؛ 5 – سۈرە مائىدە، 2 – ، 96 – ۋە 97 – ئايەتلەر). شۇنىڭدەك، سەبەئـ مەلىكىسى سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامغا يوللىغان نەرسىسى «ھەدىيە» دەپ ئاتالغان (قاراڭ: 27 – سۈرە نەمل، 35 – ۋە 36 – ئايەتلەر).

[13] شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىسىنىڭ ئۆيىگە رۇخسەت ئالماستىن كىرىشكە بولمايدۇ (قاراڭ: 24 – سۈرە نۇر، 27 – ئايەت).

[14] چۈنكى ئىنسانلار قەبىلە ۋە مىللەتلەر ھالىتىدە يارىتىلغان (قاراڭ: 49 – سۈرە ھۇجۇرات، 13 – ئايەت). قەبىلە ۋە مىللەت بولۇش ئۈچۈن ئورتاق مال – مۈلۈك ۋە تەۋەررۈكلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىيدۇر.

[15] چۈنكى شەھەر قۇرۇلۇشى «مۇھىت» ھېسابلىنىدۇ. مۇھىت ھەممەيلەننىڭ ئورتاق مۈلىكى، ئۇنى قوغداش ھەممەيلەننىڭ ۋەزىپىسىدۇر.

[16] قاراڭ: 16 – سۈرە نەھل، 15 – ئايەت؛ 20 – سۈرە تاھا، 53 – ئايەت؛ 22 – سۈرە ھەج، 27 – ئايەت؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 10 – ئايەت؛ 71 – سۈرە نۇھ، 20 – ئايەت.

[17] ﴿إِنَّ أَوَّلَ بَيۡتٖ وُضِعَ لِلنَّاسِ لَلَّذِي بِبَكَّةَ مُبَارَكٗا وَهُدٗى لِّلۡعَٰلَمِينَ  ٩٦﴾ «شۈبھىسىزكى، ئىنسانلار ئۈچۈن سېلىنغان تۇنجى ئىبادەتگاھ مەككىدىكى كەبىدۇر. ئۇ بەرىكەتلىكتۇر، ئالەملەر ئۈچۈن ھىدايەتتۇر» (3 – سۈرە ئال ئىمران، 96 – ئايەت). مەككىدىكى كەئبە «ئىنسانلار ئۈچۈن سېلىنغان تۇنجى ئىبادەتگاھ» ئىكەنلىكى، يەر يۈزىدىكى باشقا مەسچىت – جامەلەر ئىنسانلار ئۈچۈن سېلىنغان ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە….. ئىبادەتگاھ ئىكەنلىكى كۆرسىتىدۇ. بۇ پۈتۈن مەسچىت – جامەلەرنىڭ ئاممىنىڭ ئورتاق مۈلكى ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ (قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 114 – ۋە 187 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 18 – ئايەت؛ 22 – سۈرە ھەج، 40 – ئايەت؛ 24 – سۈرە نۇر، 36 – ۋە 37 – ئايەتلەر؛ 72 – سۈرە جىن، 18 – ئايەت).

[18] ئاللاھ يولىدا ياخشىلىق قىلىش، موھتاجلارغا ياردەم يەتكۈزۈش ۋە ئاجىزلارغا خەيرخاھلىق كۆرسىتىش قاتارلىق ئىشلار قۇرئان كەرىمدە ئەڭ كۆپ تەكىتلەنگەن ئىشلارنىڭ قاتارىدا كېلىدۇ (قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە: 83 – ، 177 – ۋە 215 – ئايەتلەر؛ 4 – سۈرە نىسا، 36 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 26 – ئايەت؛ 30 – سۈرە رۇم، 38 – ئايەت؛ 76 – سۈرە ئىنسان، 8 – ئايەت). ئۇ ئىشلارنى ئاكتىپ ۋە سىستېمىلق ھالدا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ئۇيۇشما ۋە مۇئەسسەسەلەرنى قۇرۇش ياخشى ئىشتۇر. ۋەخپە بىرەر مۈلۈكنى ئاللاھ يولىغا ئاتاش ۋە ئاللاھ يولىغا ئاتالغان مۈلۈك دېگەن بولىدۇ. قۇرئان كەرىمدە بۇنىڭغا تەشۋىق قىلىنىدۇ (قاراڭ: 36 – سۈرە ياسىن، 12 – ئايەت؛ 59 – سۈرە ھەشر، 18 – ئايەت؛ 73 – سۈرە مۇززەممىل، 20 – ئايەت؛ 82 – سۈرە ئىنفىتار، 1 ~ 5 – ئايەتلەر). شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنداق مۇئەسسەلەرنىڭ بىنالىرى ۋە مۈلۈكلىرى ئاممىنىڭ ئورتاق مۈلكى ھېسابلىنىدۇ.

[19] قۇرئان كەرىمدە ئىلىم ئۆگىنىشكە تەشۋىق ۋە ئەمىر ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەر ئەينى ۋاقىتتا ھەر زامانغا ماس ھالدا ئىلىم يۇرتلىرى ۋە تەجرىبىخانىلارنىمۇ سېلىشنىڭ مۇھىملىقىغا، شۇنداقلا بارلىرىنى قوغداشنىڭ لازىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ (قاراڭ: 3 – سۈرە ئاال ئىمران، 18 – ئايەت؛ 35 – سۈرە فاتىر، 28 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 9 – ئايەت؛ 96 – سۈرە ئەلەق، 1 ~ 5 – ئايەتلەر).

[20] ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەتتە كېسەل كىشىلەرنى زىكىر قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئەمىر – پەرماندا كەڭچىلىك قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ (قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 184 – ، 185 – ۋە 196 – ئايەتلەر؛ سۈرە نىسا، 43 – ۋە 102 – ئايەتلەر؛ 5 – سۈرە مائىدە، 6 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 91 – ئايەت؛ 24 – سۈرە نۇر، 61 – ئايەت؛ 48 – سۈرە فەتھ، 17 – ئايەت؛ 73 – سۈرە مۇززەممىل، 20 – ئايەت). كېسەل كىشى – ئورگانىزمنىڭ نورمال پائالىيىتى بۇزۇلغان كىشى دېمەكتۇر (قاراڭ: راغىب ئىسفەھانى، «مرض»، 765). قۇرئان كەرىمدە بىر ئايەتتە ئۇنداق كىشىگە ئاللاھنىڭ شىپالىق بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ (قاراڭ: 26 – سۈرە شۇئەرا، 80 – ئايەت)، باشقا بىر ئايەتتە ھەسەلنىڭ ئىنسانلارغا شىپا بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ (قاراڭ: 16 – سۈرە نەھل، 69 – ئايەت). بۇ، شىپالىقنى ئاللاھنىڭ بېرىدىغانلىقىنى، لېكىن بۇ ئىشنىڭ سەۋەبكە باغلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. كېسەل كىشىلەرگە ئەنە شۇ سەۋەب قىلىنىدىغان مۇئەسسەسە شىپاخانا، دوختۇرخانا دەپ ئاتىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇ مۇئەسسەسەنىڭ ئاممىۋى مۈلۈك ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ.          

[21] ئاللاھ تائالا ھاياتلىق بىلەن بىرلىكتە ئۆلۈمنىمۇ ياراتقان (قاراڭ: 67 – سۈرە مۇلك، 2 – ئايەت)، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئۆلۈمنى بەلگىلىگەن (قاراڭ: 56 – سۈرە ۋاقىئە، 60 – ئايەت). شۇڭا دۇنياغا كەلگەن ھەر ئىنسان ئۆلىدۇ (قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 185 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 78 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 35 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 57 – ئايەت). ئاللاھ تائالا ئۆلگەن ئىنسانلارنىڭ جەسەتلىرىنى دەپنە قىلىشنى (يەرگە كۆمۈۋېتىشنى) دەسلەپتە بىر قاغا ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۆگەتكەن (قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 31 – ئايەت)، كېيىن بۇنى نازىل قىلغان ۋەھيىدە بايان قىلغان (قاراڭ: 20 – سۈرە تاھا، 55 – ئايەت؛ 76 – سۈرە مۇرسەلات، 25 – ۋە 26 – ئايەتلەر)، جەسەت كۆمۈلىدىغان يەرنى قەبرە (قاراڭ: 9 – سۈرە تەۋبە، 84؛ 80 – سۈرە ئەبەسە 21- ئايەت)، قەبرە كۆپ بولىدىغان جايلارنى ماقابىر (قەبرىستانلىقلار) دەپ ئاتىغان (قاراڭ: 102 – سۈرە تەكاسۇر 2 – ئايەت). قەبرىلەرنىڭ بىر جايدا بولىدىغانلىقى قەبرىستانلىقلارنىڭ ئاممىۋىي مۈلۈك ھېسابلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.   

[22] قاراڭ: 79 – سۈرە نازىئات، 30 ~ 33 – ئايەتلەر؛ 80 – سۈرە ئەبەسە، 24 ~ 32 – ئايەتلەر.

[23] ئاللاھ زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ياراتقان (قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 29 – ئايەت)، ئاسمان – زېمىندىكى نەرسىلەرنى ئىنسانلار ئۈچۈن بويسۇندۇرۇپ بەرگەن، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن نېمەتلىرىنى كۆپ ئاتا قىلغان (قاراڭ: 22 – سۈرە ھەج، 65 – ئايەت؛ 45 – سۈرە جاسىيە، 13 – ئايەت؛ 31 – سۈرە لۇقمان، 20 – ئايەت). ھەر تۈرلۈك ئېنېرگىيەمۇ ئەنە شۇ نېمەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭدىن ئىنسانلارنىڭ پايدىلىنىش ھوقۇقى بولىدۇ. لېكىن ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئۈلىشىش ئۇنىڭ مەنپەئەتىنى يوقىتىپ قويىدۇ. شۇڭلاشقا ئېنېرگىيەنىڭ مەنبەسىنى ئەمەس، ئۇنىڭ پايدىسىنى ئۈلىشىش لازىم. ئاللاھ تائالا بۇ ھۆكۈمنى ئەلچىسى سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزە تۆگىسى بىلەن قەۋمىنىڭ ئوتتۇرىسىدا سۇنىڭ بىر كۈندىن نۆۋەتلەشتۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق بىلدۈرگەن (قاراڭ: 26 – سۈرە شۇئەرا، 155 – ئايەت؛ 54 – سۈرە قەمەر، 28 – ئايەت؛ 91 – سۈرە شەمس، 13 – ئايەت). بۇ ئەھۋال، ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ۋە تارقىتىش ئورگانلىرىنىڭ پۈتۈن ئاممىنىڭ مۈلكى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنى ھەر كىشىنىڭ قوغدىشى لازىملىقىنى ۋە قائىدە – نىزام بويىچە پايدىلىنىشىنىڭ مۇباھلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

[24]  قاراڭ:  4 – سۈرە نىسا، 1 – ئايەت؛ 35 – سۈرە فاتىر، 11 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 11 – ئايەت؛ 78 – سۈرە نەبەئـ، 8 – ئايەت.

[25] قاراڭ 30 – سۈرە رۇم، 21 – ئايەت.

[26] قاراڭ 16 – سۈرە نەھل، 72 – ئايەت.

[27] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 3 – ۋە 24 – ئايەت.

[28] قاراڭ: 24 – سۈرە نۇر، 32 – ئايەت.

[29] قاراڭ: 55 – سۈرە رەھمان، 10 – ئايەت؛ 2 – سۈرە بەقەرە، 29 – ئايەت.

[30] قاراڭ: 22 – سۈرە ھەج، 45 – ۋە 46 – ئايەتلەر؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 20 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 36 – ئايەت؛ 67 – سۈرە مۇلك، 15 – ئايەت؛ 73 – سۈرە مۇززەممىل، 20 – ئايەت.

[31] چۈنكى يەر يۈزى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مۈلكىدۇر (قاراڭ: 55 – سۈرە رەھمان، 10 – ئايەت). شۇڭا بىر يەردە ياشاشنى خالىمىغان ئىنساننىڭ باشقا بىر يەرگە كۆچۈپ بېرىپ باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلماسلىق شەرتى بىلەن ياشىشى، ئۇنىڭ ئۆز ھوقۇقىدىن پايدىلانغانلىقى، بۇ يەرنىڭ ئاھالىسىنىڭ ئۇنىڭغا پاناھلىق بېرىشى ئۇنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلغانلىقى ھېسابلىنىدۇ.

[32] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 97 ~ 100 – ئايەتلەر؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 56 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 10 – ئايەت.

[33] قاراڭ: 8 – سۈرە ئەنفال، 74 – ئايەت؛ 59 – سۈرە ھەشر، 9 – ئايەت.

[34] رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىكى دەۋرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدىن، مۇشرىكلار تەرىپىدىن ھەر تۈرلۈك زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلارنى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇغان. كىتابنىڭ «ھىجرەت ۋە جىھاد» بۆلۈمىدە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلدى.

[35] چۈنكى مۇئمىنلار قېرىنداشتۇر. قارااڭ: 49 – سۈرە ھۇجۇرات، 10 – ئايەت.

[36] 9 – سۈرە تەۋبە، 6 – ئايەت.

[37] 60 – سۈرە مۇمتەھىنە، 8 – ئايەت.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ