باش بەت > باشقىلار > بۈگۈنكى ئايەت > لازىملىق دىنىي ئىلىملەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

4 – ئىنساننىڭ سەلبىي خاراكتېرلىرى

ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىلىق سۈپىتى بىلەن كائىناتنى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنى ياراتقان[1]، ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىنساننى ئۈستۈن قىلغان[2]. بۇ ئۈستۈنلۈكنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە پۈتۈن مەخلۇقاتنى ئىنسانغا خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن[3]، ئىنساننى بولسا ئۆزىگە (ئاللاھقىلا) قۇللۇق قىلىشى ئۈچۈن ياراتقان[4]. چۈنكى پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ خوجايىنى، پەقەت ئاللاھنىڭلا قۇلى بولۇش ئىنسان ئۈچۈن ھۆررىيەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەسى بولۇپ، ئۈستۈنلۈكنىڭ بىردىنبىر نامايەندىسىدۇر[5].

ئىنساننىڭ بۇ قۇللۇقى ئۇنىڭ ئاللاھقا مۇھەببىتى، ئېھتىرامى ۋە شەرتسىز ئىتائىتى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ[6]. چۈنكى بۇ ئىختىيارىي قۇللۇقتۇر[7]. شۇڭلاشقا  ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ خاراكتېرىنى بۇ قۇللۇققا مۇۋاپىق شەكىلدە ياراتقان ۋە ئۇنى بۇ قۇللۇققا بۇيرۇغان[8].

 ئىنسان خاراكتېرىنىڭ بەزى تەرەپلىرى قارىماققا يېتەرسىزلىكتەك كۆرۈنسىمۇ ئەمىلىيەتتە ھەر بىرى بىرەر نېمەتتۇر. چۈنكى ئىلاھى تەكلىپ ئۇلارغا قارىتا بېرىلگەن، مەسئۇلىيەت ئۇلارغا قارىتا يۈكلەنگەن ۋە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىش ئىبادەتنىڭ (قۇللۇق قىلىشنىىڭ) بىر پارچىسى ھېسابلانغان. مەلۇمكى ئىبادەت سەلبىي خاراكتېرگە ئەمەس، فىترەتكە ماسلىشىش بىلەن ھاسىل بولىدۇ.

ئىنساننىڭ سەلبىي خاراكتېرلىرى  تۆۋەندىكىچە:      

1)     ئاجىز

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يُرِيدُ ٱللَّهُ أَن يُخَفِّفَ عَنكُمۡۚ وَخُلِقَ ٱلۡإِنسَٰنُ ضَعِيفٗا  ٢٨﴾

«ئاللاھ يۈكۈڭلارنى يىنىكلىتىشنى خالايدۇ. چۈنكى ئىنسان ئاجىز يارىتىلدى»[9].

ئىنساننىڭ بۇ ئاجىزلىقى تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

(1)    تېنى ئاجىز

ئىنسان دۇنياغا كەلگەن چېغىدا بەك ئاجىز ھالەتتە تۇغۇلىدۇ: ئۆزى ئوڭدا – دۈمدە بولالمايدۇ، ئۇيان – بۇيان ئۆرۈلەلمەيدۇ، يېمەك – ئىچمەك ۋە ھاجەتخانا ئېھتىياجلىرىنى قامدىيالمايدۇ، مۇراد – مەقسىتىنى يىغلاپ ئىپادىلەيدۇ. ئۇ ئۆسمۈرلۈك، ياشلىق ۋە ئوتتۇرا ياشلىق چاغلىرىدا كۈچلىنىدۇ، ئاندىن كېيىن يەنە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بارغانسېرى ئاجىزلايدۇ. مانا بۇلار ئۇنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىنىڭ ئاجىزلىقىدۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱللَّهُ خَلَقَكُمۡ ثُمَّ يَتَوَفَّىٰكُمۡۚ وَمِنكُم مَّن يُرَدُّ إِلَىٰٓ أَرۡذَلِ ٱلۡعُمُرِ لِكَيۡ لَا يَعۡلَمَ بَعۡدَ عِلۡمٖ شَيۡئًاۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمٞ قَدِيرٞ  ٧٠﴾

«سىلەرنى ئاللاھ ياراتتى. ئاندىن كېيىن سىلەرنى يەنە ئاللاھ ۋاپات قىلدۇرىدۇ. سىلەردىن بەزىلەر ئۆمرىنىڭ ئەڭ ناچار ھالىتىگە قايتۇرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىلگەنلىرىنى بىلەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، قادىردۇر»[10].‏

﴿ٱللَّهُ ٱلَّذِي خَلَقَكُم مِّن ضَعۡفٖ ثُمَّ جَعَلَ مِنۢ بَعۡدِ ضَعۡفٖ قُوَّةٗ ثُمَّ جَعَلَ مِنۢ بَعۡدِ قُوَّةٖ ضَعۡفٗا وَشَيۡبَةٗۚ يَخۡلُقُ مَا يَشَآءُۚ وَهُوَ ٱلۡعَلِيمُ ٱلۡقَدِيرُ  ٥٤﴾

   «ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى ئاجىزلىقتىن ياراتتى، ئاندىن سىلەرگە ئاجىزلىقتىن كېيىن قۇۋۋەت بەردى، ئاندىن قۇۋۋەتتىن كېيىن ئاجىزلىق ۋە قېرىلىق يەتكۈزدى. ئۇ خالىغىنىنى يارىتىدۇ. ئۇ بىلگۈچىدۇر، قادىردۇر»[11].

(2)    دىلى ئاجىز

دىل دائىم ئەقىلنىڭ ئۈندەشلىرى بىلەن نەفسنىڭ خاھىشلىرى ئارىسىدا ئىككىلىنىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىلھاملىرى بىلەن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئارىسالدى بولىدۇ، ئاخىرەتنىڭ نازۇنېمەتلىرى بىلەن دۇنيانىڭ زىبۇزىننەتلىرى ئارىسىدا دېلىغۇل بولىدۇ. ئۇ كۆپىنچە ۋاقىتتا نەفسكە يېڭىلىدۇ، شەيتانغا ئالدىنىدۇ، ۋاقىتلىق مەنپەئەتلەرگە بېرىلىدۇ، ئەمەل – مەنسەپ، مال – مۈلۈك ۋە كەيپ – ساپا قاتارلىقلارنىڭ جازىبىسى ئالدىدا ئۆزىنى تۇتالمايدۇ، كونترولدىن چىقىدۇ ۋە ھەددىدىن ئاشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خاتا قارار بېرىدۇ – دە، ئاقىۋەتتە ئىگىسىنى زىيان تارتقۇزىدۇ[12]. مانا بۇلار دىلنىڭ ئاجىزلىقىدۇر. بۇ خىل ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى تۇنجى قېتىم ئادەم ئاتىدا كۆرۈلگەن. ئادەم ئاتا شەيتاننىڭ ئەبەدىي ھايات ۋە مەڭگۈ پادىشاھلىق ۋەسۋەسىلىرىنىڭ ئالدىدا، ئىلگىرى ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى ئۇنتۇغان ۋە ئىرادىسىزلىك قىلغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

﴿وَلَقَدۡ عَهِدۡنَآ إِلَىٰٓ ءَادَمَ مِن قَبۡلُ فَنَسِيَ وَلَمۡ نَجِدۡ لَهُۥ عَزۡمٗا  ١١٥﴾

«بىز ئىلگىرى ئادەمدىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. لېكىن ئۇ ئۇنتۇدى. بىز ئۇنى ئىرادىلىك كۆرمىدۇق»[13].‏

﴿فَوَسۡوَسَ إِلَيۡهِ ٱلشَّيۡطَٰنُ قَالَ يَٰٓـَٔادَمُ هَلۡ أَدُلُّكَ عَلَىٰ شَجَرَةِ ٱلۡخُلۡدِ وَمُلۡكٖ لَّا يَبۡلَىٰ  ١٢٠ فَأَكَلَا مِنۡهَا فَبَدَتۡ لَهُمَا سَوۡءَٰتُهُمَا وَطَفِقَا يَخۡصِفَانِ عَلَيۡهِمَا مِن وَرَقِ ٱلۡجَنَّةِۚ وَعَصَىٰٓ ءَادَمُ رَبَّهُۥ فَغَوَىٰ  ١٢١﴾

«ئۇ ئەسنادا شەيتان ئادەمگە مۇنداق دەپ ۋەسۋەسە قىلدى: ‹ئى ئادەم! ساڭا مېۋىسىدىن يېگەن كىشى ئۆلمەيدىغان ۋە مەڭگۈ پادىشاھ بولىدىغان دەرەخنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟›.‏ شۇنىڭ بىلەن ئادەم ۋە ئۇنىڭ جۈپتى ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېگەن ئىدى، ئۇياتلىق يەرلىرى ئۆزلىرىگە ئاشكارا بولۇپ قالدى، ئىككىسى ئۈستىلىرىگە جەننەتنىڭ ياپراقلىرىدىن قاتمۇقات چاپلاشقا باشلىدى. ئادەم رەببىگە ئىتائەتسىزلىك قىلىپ ئازدى»[14].‏

دىل ئۆزىنىڭ تاللىشىدا ئەركىن بولغانلىقى ئۈچۈن بەزىدە نەفس بىلەن شەيتانغا ئەگىشىپ خاتا قارار چىقىرىدۇ ۋە ئىگىسىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. لېكىن ئۇ ئۆز ئەركىنلىكىنى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسەسى بىلەن نەپسنىڭ خاھىشىغا ئالدىنىپ خاتانى تاللاشقا ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئىلھامى بىلەن ئەقىلنىڭ چاقىرىقىغا بويسۇنۇپ توغرىنى تاللاشقا ئىشلەتسە توغرا قارار چىقىرىدۇ ۋە ئىگىسىنىڭ توغرا ئىش قىلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. توغرا قارار چىقارغان ۋە بۇنىڭغا ئادەتلەنگەن دىل كۈچلىنىدۇ، شۇنداقلا شەيتان بىلەن نەفسنىڭ كەينىگە كىرمەيدىغان بولىدۇ. ناۋادا ئۇ شەيتان بىلەن نەفسنىڭ كەينىگە كىرىۋەرسە، ئاللاھنىڭ ئىلھامى بىلەن ئەقلىنىڭ چاقىرىقلىرىنى دىققەتكە ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، كۆز ئالدىدىكى ئايەتلەرگىمۇ پەرۋا قىلمايدىغان ھالەتكە كېلىدۇ. مانا بۇ ئۇ دىلنىڭ ئىگىسىنىڭ تۈگەشكەن چېغىدۇر[15]

يىغىپ ئېيتقاندا ئاللاھ تائالا ئىنساننى يۇقىرىدىكى شەكىلدە ئاجىز ياراتقان، ئۇنىڭغا ئۆز مەسئۇلىيىتنى ئادا قىلىشقا ۋە كائىناتتىكى مەخلۇقاتلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ ئۇلاردىن پايدىلىنىشقا يەتكۈدەك كۈچ – قۇۋۋەت بەرگەن[16]. ئۇنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمىغان، ئۇنىڭغا تاقىتى يەتمەيدىغان ۋەزىپە يۈكلىمىگەن[17]. يەنى ئىنسان، ياراتقۇچىسىنىڭ ئالدىدا ئاجىز، ئۆزىدىن باشقا مەخلۇقاتنىڭ ئالدىدا كۈچلۈكتۇر. بۇ، ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى بولۇشىنىڭ تەقەززاسىدۇر.

2)     تۇزكور

ئاللاھ تائالا ئىنسانغا چەكسىز نېمەت، ھېسابسىز ياخشىلىق ۋە مىسلىسىز ئىنئاملار ئاتا قىلغان. ئىنسان ئۇلاردىن پايدىلىنىدۇ ۋە بەھرىمەن بولىدۇ، ھاياتىنى ئۇلار بىلەن داۋاملاشتۇرىدۇ، لېكىن بۇلارنى ئاتا قىلغۇچى زاتقا لايىق رەۋىشتە شۈكۈر قىلمايدۇ ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرمەيدۇ، ئۇ زاتنىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىغا كېرەكلىك دەرىجىدە رىئايە قىلمايدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇ ئۆزىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان، ئادەم بولۇپ قاتارغا قوشۇلىشىدا ئەڭ كۆپ ئەجىر قىلغان، ئەڭ كۆپ مېھنەت سىڭدۈرگەن، شۇنداقلا زىممىسىدە ئەڭ كۆپ ھەققى بولغان ئاتا – ئانىسىغىمۇ لايىق رەۋىشتە ياخشىلىق قىلمايدۇ. باشقىلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقىغا «رەھمەت» ئېيتمايدۇ، كۆرسەتكەن خەيرخاھلىقىغا «تەشەككۇر» بىلدۈرمەيدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ ياخشىلىق قىلغانغا يامانلىق قىلىدىغان چاغلىرىمۇ بولىدۇ. مانا بۇ ئىنساننىڭ خاراكتېرىدىكى تۇزكورلۇقنىڭ ئىپادىسىدۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَءَاتَىٰكُم مِّن كُلِّ مَا سَأَلۡتُمُوهُۚ وَإِن تَعُدُّواْ نِعۡمَتَ ٱللَّهِ لَا تُحۡصُوهَآۗ إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ لَظَلُومٞ كَفَّارٞ  ٣٤﴾

«ئاللاھ سىلەرگە سىلەر ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بەردى. ئەگەر ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى سانىغىلى تۇرساڭلار، ئۇلارنى ساناپ بولالمايسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئىنسان ھەقىقەتەن زالىمدۇر، تۇزكوردۇر»[18].‏

﴿وَإِذَا مَسَّكُمُ ٱلضُّرُّ فِي ٱلۡبَحۡرِ ضَلَّ مَن تَدۡعُونَ إِلَّآ إِيَّاهُۖ فَلَمَّا نَجَّىٰكُمۡ إِلَى ٱلۡبَرِّ أَعۡرَضۡتُمۡۚ وَكَانَ ٱلۡإِنسَٰنُ كَفُورًا  ٦٧﴾

«دېڭىزدا  مۇسىبەتكە يولۇققان چېغىڭلاردا پەقەت ئاللاھقىلا دۇئا قىلىسىلەر، ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىدىغان كىشىلىرىڭلار ئېسىڭلارغىمۇ كەلمەيدۇ. لېكىن ئاللاھ سىلەرنى قۇتقۇزۇپ قۇرۇقلۇققا چىقىرىپ قويسا دەرھال يۈز ئۆرۈيسىلەر. ئىنسان ھەقىقەتەن تۇزكوردۇر»[19].‏

﴿وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَحۡيَاكُمۡ ثُمَّ يُمِيتُكُمۡ ثُمَّ يُحۡيِيكُمۡۗ إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ لَكَفُورٞ  ٦٦﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى تىرىلدۈردى، ئاندىن كېيىن سىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئىنسان ھەقىقەتەن تۇزكوردۇر»[20].‏

﴿فَإِنۡ أَعۡرَضُواْ فَمَآ أَرۡسَلۡنَٰكَ عَلَيۡهِمۡ حَفِيظًاۖ إِنۡ عَلَيۡكَ إِلَّا ٱلۡبَلَٰغُۗ وَإِنَّآ إِذَآ أَذَقۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ مِنَّا رَحۡمَةٗ فَرِحَ بِهَاۖ وَإِن تُصِبۡهُمۡ سَيِّئَةُۢ بِمَا قَدَّمَتۡ أَيۡدِيهِمۡ فَإِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ كَفُورٞ  ٤٨﴾

«ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، بىلگىنكى، بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتكۈچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق. سېنىڭ تەبلىغ قىلىشتىن باشقا ۋەزىپەڭ يوق. بىز ئىنسانغا ئۆز تەرىپىمىزدىن بىرەر رەھمەت تېتىتساق خۇشال بولۇپ كېتىدۇ. ناۋادا ئىنسانلارنىڭ باشلىرىغا ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىرەر يامانلىق كەلسە تۇزكورلۇق قىلىدۇ، چۈنكى ئىنسان ھەقىقەتەن تۇزكۇردۇر»[21].‏

﴿إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ لِرَبِّهِۦ لَكَنُودٞ  ٦﴾

«ئىنسان رەببىگە بەك تۇزكورلۇق قىلغۇچىدۇر»[22].

﴿قُتِلَ ٱلۡإِنسَٰنُ مَآ أَكۡفَرَهُۥ  ١٧﴾

«ئۆلگۈر ئىنسان! ئۇ نېمىدېگەن تۇزكور!»[23].

ئىنساننىڭ بۇ تۇزكورلۇقى، ئۆزىنىڭ ئەركىنلىك ھوقۇقىنى يامانغا ئىشلىتىشنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئۇ ئاللاھنىڭ نېمىتىگە تۇزكورلۇق قىلىشنىڭ ئورنىغا، خالىسا شۈكۈرمۇ قىلالايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّا هَدَيۡنَٰهُ ٱلسَّبِيلَ إِمَّا شَاكِرٗا وَإِمَّا كَفُورًا  ٣﴾

«شۈبھىسىزكى، بىز ئۇنىڭغا يولنى كۆرسەتتۇق. ئۇ يا شۈكۈر قىلغۇچى يا تۇزكورلۇق قىلغۇچى بولىدۇ»[24].

3)     جېدەلخور

يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغاندەك ئىنساننىڭ نەپسى راھەتنى سۆيىدىغانلىقى، مەنپەئەتنى ئاساس قىلىدىغانلىقى ۋە نەقنى كۆزلەيدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۆپىنچە ۋاقىتتا ھەقكە بويسۇنۇش ئېغىر كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ۋە ھەقنىڭ ھەق ئەمەسلىكىنى دەۋا قىلىشقا باشلايدۇ، ھەقكە دەۋەت قىلغۇچىدىن ئەيىب ئىزدەپ ھەقنى باتىل سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ. بارغانسېرى ئۇنىڭ خاراكتېرىدە «جېدەلخورلۇق» پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاللاھنىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلغان چاغلىرىدىمۇ ئۆزىنى ھەقلىق كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ ۋە دەتالاش قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿خَلَقَ ٱلۡإِنسَٰنَ مِن نُّطۡفَةٖ فَإِذَا هُوَ خَصِيمٞ مُّبِينٞ  ٤﴾

«ئاللاھ ئىنساننى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن ياراتتى. ئەمەلىيەت شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ بىردىنلا ئاشكارا جېدەلخورغا ئايلاندى»[25].‏

﴿وَلَقَدۡ صَرَّفۡنَا فِي هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانِ لِلنَّاسِ مِن كُلِّ مَثَلٖۚ وَكَانَ ٱلۡإِنسَٰنُ أَكۡثَرَ شَيۡءٖ جَدَلٗا  ٥٤﴾

«بىز بۇ قۇرئاندا ئىنسانلار ئۈچۈن ھەر مىسالنى ئوخشىمىغان ئۇسلۇبلاردا بايان قىلدۇق. لېكىن ئىنسان بەك كۆپ دەتالاش قىلغۇچى شەيئىدۇر»[26].‏

4)     ئالدىراڭغۇ

ئىنساننىڭ سەلبىي خاراكتېرلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ ئالدىراڭغۇ بولۇشىدۇر. نەپس ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا يېتىشتە بۇ خاراكتېردىن كۆپ پايدىلىنىدۇ – دە،  تەييارنى تاللايدۇ، يامان ئاقىۋەتنى ئويلىمايدۇ، ئازغىنە نەق پايدىنى كۆرگەندە زىيان بىلەن ھېسابلاشمايدۇ. «ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ئەلا» دېگەن چۈشەنچە ھەر ئىنساننىڭ خاراكتېرىدە بار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿خُلِقَ ٱلۡإِنسَٰنُ مِنۡ عَجَلٖۚ سَأُوْرِيكُمۡ ءَايَٰتِي فَلَا تَسۡتَعۡجِلُونِ  ٣٧﴾

«ئىنسان ئالدىراقسانلىقتىن يارىتىلغان[27]. مەن يېقىندا سىلەرگە ئايەتلىرىمنى كۆرسىتىمەن. مېنى ئالدىراتماڭلار»[28].‏

﴿وَيَدۡعُ ٱلۡإِنسَٰنُ بِٱلشَّرِّ دُعَآءَهُۥ بِٱلۡخَيۡرِۖ وَكَانَ ٱلۡإِنسَٰنُ عَجُولٗا  ١١﴾

«ئىنسان ياخشىلىقنى تىلىگەندەك يامانلىقنىمۇ تىلەيدۇ. ئىنسان بەك ئالدىراڭغۇدۇر»[29].‏

ئەسلىدە ئىنساننىڭ ئالدىراڭغۇ بولۇشى ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئەركىنلىكنىڭ بىر پارچىسىدۇر. ئەگەر ئۇ بۇ ئەركىنلىكىنى ياخشىنى تاللاشقا ئىشلەتسە ئىدى توغرا ئىش بولاتتى[30]. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان قۇرئان كەرىمدە ئېغىر – بېسىقلىق، ئەپۇچانلىق، ئاچچىقنى يۇتۇش، تەمكىنلىك ۋە نادانلار بىلەن تەڭ بولماسلىق قاتارلىق پەزىلەتلەرگە تەشۋىق قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ، ئالدىراڭغۇلۇقىنى يامانغا ئىشلەتمەسلىكى ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ[31].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَأَمَّا مَنۡ خَافَ مَقَامَ رَبِّهِۦ وَنَهَى ٱلنَّفۡسَ عَنِ ٱلۡهَوَىٰ  ٤٠ فَإِنَّ ٱلۡجَنَّةَ هِيَ ٱلۡمَأۡوَىٰ  ٤١﴾

«كىمكى رەببىنىڭ ماقامىدىن قورقىدىكەن ۋە نەفسىنى خاھىشىدىن توسىدىكەن، ئۇنىڭ جايى چوقۇم جەننەت بولىدۇ»[32].

5)     ئۈمىدسىز

ئاللاھقا بولغان ئىشەنچىسى كامىل بولمىغان ياكى ئاللاھنىڭ رەھمەت قىلىشتىكى قانۇنىنى خاتا چۈشىنىۋالغان ئىنسان قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان ياخشىلىققا ئېرىشەلمىگەن، قۇتۇلماقچى بولغان يامانلىقتىن قۇتۇلالمىغان ۋە ئىشلار كۆڭلىدىكىدەك يۈرۈشمىگەن چاغلاردا مەيۈسلىنىپ كېتىدۇ. كىچىككىنە قىيىنچىلىققا يولۇقسا، ھاياتىدا ھېچ راھەت – پاراغەت كۆرمىگەندەك بولۇپ كېتىدۇ – دە، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزىدۇ، ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ، بېلىنى قويۇۋېتىدۇ ۋە غەيرەت قىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ «ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا يېقىن»[33] بولغان رەھمىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ئاندىن بۇنى ئۆزىنىڭ ھۇرۇنلۇق، غەيرەتسىزلىك ۋە بوشاڭلىق قاتارلىق سەلبىي تەرەپلىرىدىن كۆرمەي ئاللاھتىن ئاغرىنىشقا باشلايدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ تۈگەشكەن ئاخىرقى باسقۇچىدۇر[34]. ‏

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَإِذَآ أَنۡعَمۡنَا عَلَى ٱلۡإِنسَٰنِ أَعۡرَضَ وَنَأَى بِجَانِبِهِۦ وَإِذَا مَسَّهُ ٱلشَّرُّ كَانَ يَئُوسٗا  ٨٣﴾

«ئىنسانغا ئىنئام قىلساق يۈز ئۆرۈيدۇ ۋە بىزدىن يىراقلىشىدۇ، بېشىغا يامانلىق كەلسە بەك نائۈمىد بولۇپ كېتىدۇ»[35].‏

﴿لَّا يَسۡأَمُ ٱلۡإِنسَٰنُ مِن دُعَآءِ ٱلۡخَيۡرِ وَإِن مَّسَّهُ ٱلشَّرُّ فَيَئُوسٞ قَنُوطٞ  ٤٩﴾

«ئىنسان ياخشىلىق تىلەشتىن زېرىكمەيدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىق يەتسە دەرھال ئۈمىدسىزلىنىدۇ ۋە روھى چۈشۈپ كېتىدۇ»[36].

ئاللاھقا ئىشەنچىسى كامىل بولغان ۋە ئاللاھنىڭ رەھمەت قىلىش توغرىسىدىكى پىرىنسىپىنى توغرا چۈشەنگەن ئىنسانلار، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەگەر گۇناھكار بولسا، ئاللاھنىڭ تەۋبىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىگە[37]، قىيىنچىلىقتا بولسا ئاللاھنىڭ ھەر قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىق ئاتا قىلىدىغانلىقىغا[38]، چارىسىز بولسا ئاللاھنىڭ دۇئانى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىغا[39] ئىشىنىدۇ – دە، كېرەكلىك شەرتلەرنى ئورۇندايدۇ، مۇۋاپىق شارائىتلارنى ھازىرلايدۇ ۋە لازىملىق سەۋەبلەرنى ھاسىل قىلىدۇ، شۇنداقلا ھېچ ئۈمىدسىزلەنمەستىن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشنى كۈتىدۇ. ئۇلار ئېنىق بىلىدۇ ۋە جەزمەن ئىشىنىدۇكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتى كەڭ، لېكىن ئۇ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغىلا يېقىن[40]. ئاللاھ دۇئانى ئىجابەت قىلىدۇ، لېكىن ئاللاھ ئۆزىگە قىلىنغان دۇئانىلا ئىجابەت قىلىدۇ[41]. ئاللاھ چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانغانلارنىڭ كىچىك گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ[42]. چوڭ گۇناھ قىلغانلار تەۋبە قىلسا قوبۇل قىلىدۇ[43].

6)     چىدامسىز ۋە ئاچ كۆز

ئىنساننىڭ يەنە بىر سەلبىي خاراكتېرى ئۇنىڭ سەۋر – تاقەتسىز ۋە ئاچكۆز مەخلۇق بولۇشىدۇر. شۇڭا ئۇ ئارزۇسىغا ئېرىشىپ بولغۇچە سەۋر قىلالمايدۇ، بېشىغا كەلگەن بىرەر كۆڭۈلسىزلىكتىن قۇتۇلۇپ بولغۇچە چىداپ تۇرالمايدۇ، كىچىككىنە مۇسىبەتتىنىمۇ شىكايەت قىلىدۇ، ئازغىنە زىياندىنمۇ دەرد تۆكىدۇ؛  ئۇنىڭ ئارزۇسى تۈگىمەيدۇ، كۆزى تويمايدۇ، كۆڭلى قانائەت قىلمايدۇ، خىيالى توختىمايدۇ، دائىم ئېلىشنى ئويلايدۇ، بېرىشنى خالىمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ خُلِقَ هَلُوعًا  ١٩ إِذَا مَسَّهُ ٱلشَّرُّ جَزُوعٗا  ٢٠ وَإِذَا مَسَّهُ ٱلۡخَيۡرُ مَنُوعًا  ٢١﴾

«شۈبھىسىزكى، ئىنسان بەك چىدامسىز ۋە ئاچ كۆز يارىتىلدى.‏ ئۇ ئۆزىگە يامانلىق يەتكەندە زارلانغۇچىدۇر،‏ ياخشىلىق يەتكەندە مەنئى قىلغۇچىدۇر»[44].

لېكىن تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلغان ئىنسانلار بۇ چىدامسىز ۋە ئاچكۆز دېگەن يامان تەبىئەتتىن قۇتۇلىدۇ. بۇ ئايەتلەرنىڭ داۋامى بۇنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِلَّا ٱلۡمُصَلِّينَ  ٢٢ ٱلَّذِينَ هُمۡ عَلَىٰ صَلَاتِهِمۡ دَآئِمُونَ  ٢٣ وَٱلَّذِينَ فِيٓ أَمۡوَٰلِهِمۡ حَقّٞ مَّعۡلُومٞ  ٢٤ لِّلسَّآئِلِ وَٱلۡمَحۡرُومِ  ٢٥ وَٱلَّذِينَ يُصَدِّقُونَ بِيَوۡمِ ٱلدِّينِ  ٢٦ وَٱلَّذِينَ هُم مِّنۡ عَذَابِ رَبِّهِم مُّشۡفِقُونَ  ٢٧ إِنَّ عَذَابَ رَبِّهِمۡ غَيۡرُ مَأۡمُونٖ  ٢٨ وَٱلَّذِينَ هُمۡ لِفُرُوجِهِمۡ حَٰفِظُونَ  ٢٩ إِلَّا عَلَىٰٓ أَزۡوَٰجِهِمۡ أَوۡ مَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُهُمۡ فَإِنَّهُمۡ غَيۡرُ مَلُومِينَ  ٣٠ فَمَنِ ٱبۡتَغَىٰ وَرَآءَ ذَٰلِكَ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡعَادُونَ  ٣١ وَٱلَّذِينَ هُمۡ لِأَمَٰنَٰتِهِمۡ وَعَهۡدِهِمۡ رَٰعُونَ  ٣٢ وَٱلَّذِينَ هُم بِشَهَٰدَٰتِهِمۡ قَآئِمُونَ  ٣٣ وَٱلَّذِينَ هُمۡ عَلَىٰ صَلَاتِهِمۡ يُحَافِظُونَ  ٣٤ أُوْلَٰٓئِكَ فِي جَنَّٰتٖ مُّكۡرَمُونَ  ٣٥﴾

«ناماز ئوقۇغۇچىلار ئۇنداق ئەمەس. ئۇلار نامىزىنى داۋاملىق ئۆتىگۈچى كىشىلەردۇر. ئۇلار ماللىرىدا مەلۇم ھەق بولغان كىشىلەردۇر، تىلىگۈچى ۋە مەھرۇم بولغۇچىلار ئۈچۈن[45]. ئۇلار جازا ۋە مۇكاپات كۈنىنى تەستىقلايدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار رەببىنىڭ ئازابىدىن قورققۇچى كىشىلەردۇر، چۈنكى رەببىڭنىڭ ئازابى ئەمىن بولغىلى بولمايدىغان نەرسىدۇر. ئۇلار ئىپپەتلىرىنى ساقلىغۇچى كىشىلەردۇر. پەقەت ئۆز جۈپلىرىدىن ياكى قول ئاستىدىكىلەردىن ساقلىمىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇ تەقدىردە ئەيىبلەنمەيدۇ. بۇنىڭ سىرتىغا چىققانلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر. ئۇلار ئامانەتلىرىگە ۋە ئەھدىلىرىگە رىئايە قىلغۇچى كىشىلەردۇر. ئۇلار گۇۋاھلىقلىرىنى توغرا ئادا قىلغۇچى كىشىلەردۇر. ئۇلار نامازلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار جەننەتلەردە كۈتۈلگۈچى كىشىلەردۇر»[46].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 27 – 39.

[1] قاراڭ: 59 – سۈرە ھەشر، 24 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 17 – سۈرە ئىسرا، 70 – ئايەت.

[3] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 29 – ئايەت؛ 14 – سۈرە ئىبراھىم، 32 – ۋە 33 – ئايەتلەر؛ 16 – سۈرە نەھل، 12 – ۋە  14 – ئايەتلەر؛ 22 – سۈرە ھەج، 36 – ، 37 – ۋە 65 – ئايەتلەر؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 61 – ئايەت؛ 31 – سۈرە لۇقمان، 20 – ۋە 29 – ئايەتلەر؛ 35 – سۈرە فاتىر، 13 – ئايەت؛ 36 – سۈرە ياسىن، 72 – ئايەت؛ 45 – سۈرە جاسىيە، 12 – ۋە 13 – ئايەتلەر.

[4] قاراڭ: 51 – سۈرە زارىيات، 56 – ئايەت.

[5] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 35 – ئايەت.

[6] راغىب ئىسفاھانى، «عبد»، 542؛ ئىبنى مەنزۇر، «عبد»، 3: 271؛ قاھىرە ئەرەب تىلى ئاكادېمىيىسى، «عبد»، مۇئجەمۇلۋەسىت، (دارۇ دەئۋەت، تارىخسىز)، 2: 579.

[7] بۇ توغرىدا «ئىنساننىڭ ھوقۇقلىرى»دا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلدى.

[8] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 21 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 36 – ئايەت.

[9] 4 – سۈرە نىسا، 28 – ئايەت.

[10] 16 – سۈرە نەھل، 70 – ئايەت.

[11] 30 – سۈرە رۇم، 54 – ئايەت.

[12] قاراڭ: 103 – سۈرە ئەسر.

[13] 20 – سۈرە تاھا، 115 – ئايەت.

[14] 20 – سۈرە تاھا، 120 – ۋە 121 – ئايەتلەر.

[15] قاراڭ: 22 – سۈرە ھەج، 46 – ئايەت؛ 83 – سۈرە مۇتەففىفىن، 13 ~ 17 – ئايەتلەر.

[16] بۇنى ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ثُمَّ جَعَلَ مِن بَعْدِ ضَعْفٍ قُوَّةً (ئاندىن سىلەرگە ئاجىزلىقتىن كېيىن قۇۋۋەت بەردى)﴾ سۆزى ئىپادىلەيدۇ (30 – سۈرە رۇم، 54 – ئايەت).

[17] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 233 – ۋە 286 – ئايەتلەر؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 152 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 42 – ئايەت؛ 23 – سۈرە، مۇئمىنۇن، 62 – ئايەت. بۇ ئايەتلەر ئەينى ۋاقىتتا ئىنساننىڭ مۇئەييەن ئۆلچەمدە كۈچ – قۇۋۋىتىنىڭ بارلىقىغىمۇ ئىشارەت قىلىدۇ.

[18] 14 – سۈرە ئىبراھىم، 34 – ئايەت.

[19] 17 – سۈرە ئىسرا، 67 – ئايەت.

[20] 22 – سۈرە ھەج ، 66 – ئايەت.

[21] 42 – سۈرە شۇرا، 48 – ئايەت.

[22] 100 – سۈرە ئادىيات، 6 – ئايەت.

[23] 80 – سۈرە ئەبەسە، 17 – ئايەت.

[24] 76 – سۈرە ئىنسان، 3 – ئايەت.

[25] 16 – سۈرە نەھل، 4 – ئايەت.

[26] 18 – سۈرە كەھف، 54 – ئايەت.

[27] ئىنسان يارىتىلىشتىن ئالدىراقسان مەخلۇق بولۇپ، خۇددى ئۇنىڭ يارىتىلىش ماددىسى ئالدىراقسانلىقتۇر.

[28] 21 – سۈرە ئەنبىيا، 37 – ئايەت.

[29] 17 – سۈرە ئىسرا، 11 – ئايەت.

[30] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 148؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 114، 133؛ 5 – سۈرە مائىدە، 48؛ 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 61؛ 57 – سۈرە ھەدىد، 21.

[31] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 135 ~ 134 – ئايەتلەر؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 199 – ئايەت؛ 11 – سۈرە ھۇد، 75 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 63 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 37 – ئايەت.

[32] 79 – سۈرە نازىئات، 40 – ۋە 41 – ئايەتلەر.

[33] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 56 – ئايەت.

[34] قاراڭ: 12 – سۈرە يۇسۇف، 87 – ئايەت؛ 15 – سۈرە ھىجر، 56 – ئايەت.

[35] 17 – سۈرە ئىسرا، 83 – ئايەت.

[36] 41 – سۈرە فۇسسىلەت، 49 – ئايەت.

[37] قاراڭ: 39 – سۈرە زۇمەر، 53 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 25 – ۋە 26 – ئايەتلەر.

[38] قاراڭ: 65 – سۈرە تالاق، 7 – ئايەت؛ 94 – سۈرە شەرھ، 5 – ۋە 6 – ئايەتلەر.

[39] قاراڭ: 27 – سۈرە نەمل، 62 – ئايەت.

[40] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 56 – ۋە 156 – ئايەتلەر.

[41] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 186 – ئايەت؛ 40 – سۈرە غافىر، 60 – ئايەت.

[42] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 31 – ئايەت.

[43] گۇناھ ۋە تەۋبە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 17، 18 – ۋە 31 – ئايەتلەر؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 104 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 53 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 25 – ئايەت؛ 53 – سۈرە نەجم، 32 – ئايەت.  

[44] 70 – سۈرە مەئارىج، 19 ~ 21 – ئايەتلەر.

[45]  بۇ يەردە «تىلىگۈچى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆز «سائىل» بولۇپ، مەنىسى ئۆزىنىڭ موھتاج ئىكەنلىكىنى باشقىلارغا دەپ ئۇلاردىن بىر نەرسە تەلەپ قىلغۇچى دېگەن بولىدۇ. «مەھرۇم» بولسا، تەلەپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ بېرىدىغان نەرسىسىدىن ياكى مال – مۈلكىگە ئاپەت يەتكەنلىكى ئۈچۈن مال – مۈلكىدىن ۋە ياكى غەنىيمەت تەقسىماتىدىن كېيىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن غەنىيمەتتىن نېسىۋە ئېلىشتىن مەھرۇم قالغۇچى دېگەن بولىدۇ.

[46] 70 – سۈرە مەئارىج، 22 ~ 35 – ئايەتلەر.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ