قۇرئاندا ئىنسان

1  –  ئومۇمىي بايان

ئىنسان بەدەن، جان ۋە روھتىن تەركىپ تاپقان[1]؛ نەفس، ئەقىل، دىل دەپ ئاتىلىدىغان قابىلىيەت ۋە خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە[2]؛ پۇت، قول ۋە باشقا ئەزالىرى بولغان[3]؛ چىرايلىق شەكىللىك، مويسىز بەدەنلىك، ھۆر ئىرادىلىك[4]؛ ئاڭلىغان ۋە كۆرگىنىنى چۈشىنىش، مەقسىتىنى تىلى بىلەن سۆزلەپ بايان قىلىش ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە ھۆرمەتلىك مەخلۇقتۇر[5].

نەفس راھەتنى خالايدىغان، مەنپەئەتنى ئاساس قىلىدىغان، نەقنى سۆيىدىغان، ۋاقىتلىق ھۇزۇر ئېلىشنى كۆزلەيدىغان، توغرا – خاتاغا پەرۋا قىلمايدىغان، پايدا – زىيان بىلەن ھېسابلاشمايدىغان ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارنى ئېتىبارغا ئالمايدىغان ئىچكى دۈشمەندۇر[6].

ئەقىل تەپەككۇر، تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە توغرا – خاتانى، ھەق – باتىلنى ۋە راست – يالغاننى ئايرىيدىغان، ياخشىلىققا ئۈندەيدىغان، يامانلىقتىن ياندۇرىدىغان، ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇرىدىغان يېتەكچىدۇر[7].

دىل قارار چىقىرىدىغان مەركەزدۇر، باشقۇرىدىغان رەئىستۇر، بۇيرۇق چۈشۈرىدىغان قومانداندۇر. پۇت – قول ۋە باشقا ئەزالار بولسا، ئۇ قارارنى ئىجرا قىلىدىغان ۋاستىلەردۇر[8].

ئىنساننىڭ يەر يۈزىدىكى مەۋجۇدىيىتى ئاتىسى ئادەم ۋە ئۇنىڭ جۈپتى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئاندىن تەدرىجىي نەسىل قالدۇرۇش يولى بىلەن داۋاملاشقان[9].

ئاللاھ تائالا ئادەم ئاتىنى ئۆز قولى بىلەن تۇپراقتىن يارىتىپ، ئۇنىڭغا پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ ئىسىم ۋە سىرلىرىنى ئۆگەتكەن[10]، ئاندىن ئۇنى جۈپتى بىلەن بىرلىكتە يەر يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرغان[11]

ئاللاھ تائالا ئىنسان بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇنىڭغا جان تومۇرىدىنمۇ يېقىندۇر[12]، ئۇنىڭ مېھرىبان ئىگىسى ۋە ھەقىقىي ياردەمچىسىدۇر[13]. ئۇنىڭ كۆڭلىگە ياخشى – ياماننى ئىلھام قىلىدۇ، ئۇنى ياخشىنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ياماندىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ[14].

ئىنساننىڭ يېنىدا، ئۇنىڭ سۆز – ھەرىكەتلەرنى يېزىپ ۋە ئۇنى كۆزىتىپ تۇرىدىدىغان پەرىشتىلەر بار[15]. شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياماننى ياخشى، سەتنى چىرايلىق ۋە خاتانى توغرا قىلىپ كۆرسىتىدىغان، خاتالىق ئۆتكۈزىشكە ۋەسۋەسە قىلىدىغان[16] ئاشكارا دۈشمەن ۋە يامان ھەمراھ بولغان شەيتانمۇ بار[17].

2 – ئىنساننىڭ فىترىتى/ يارىتىلىشتىكى ئەسلىي ھالىتى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿فَأَقِمۡ وَجۡهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفٗاۚ فِطۡرَتَ ٱللَّهِ ٱلَّتِي فَطَرَ ٱلنَّاسَ عَلَيۡهَاۚ لَا تَبۡدِيلَ لِخَلۡقِ ٱللَّهِۚ ذَٰلِكَ ٱلدِّينُ ٱلۡقَيِّمُ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ  ٣٠﴾

«سەن ئوڭ – سولغا بۇرۇلماستىن يۈزۈڭنى بۇ دىنغا توغرىلىغىن، يەنى ئاللاھ ياراتقان فىترەتكە بويسۇنغىنكى، ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇنىڭ بىلەن ياراتقان. ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ھېچ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئەنە شۇ توغرا دىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ»[18].

«فىترەت» – «ياراتتى» دېگەن مەنىدىكى فەتەرە (فَطَرَ) پېئىلىنىڭ[19] ھالەتلىك (ھەرىكەتنىڭ ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغان) مەسدىرى  بولۇپ، مەنىسى «يارىتىش پېئىلى ئەمەلىيلەشكەندە يارىتىلغۇچىدا شەكىللەنگەن ھالەت» دېگەن بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ فىترىتىنى (ئۇلارنى ياراتقان چاغدا شەكىللەندۈرگەن ھالىتىنى) ئۆزىنىڭ يارىتىشتا، ياشىتىشتا، باشقۇرۇشتا ۋە ئۇ مەخلۇقاتلار تەرىپىدىن ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق بولۇشتا يالغۇز ئىكەنلىكى، ھەقنىڭ ھەق، باتىلنىڭ باتىل ئىكەنلىكى ۋە ياخشىنىڭ ياخشى، ياماننىڭ يامان ئىكەنلىكى قاتارلىق ھەقىقەتلەر بىلەن شەكىللەندۈرگەن. جۈملىدىن ئىنساننىڭ فىترىتىنىمۇ ئەنە شۇ ھەقىقەتلەر بىلەن شەكىللەندۈرگەن. ئەنە شۇ فىترەت ئۆزگەرمەيدۇ، دائىم ھەقكە، ياخشىغا، چىرايلىققا ۋە توغرىغا ئۈندەيدۇ، باتىلدىن، ياماندىن، سەتتىن ۋە خاتادىن توسىدۇ.

ئاللاھ تائالا مەزكۇر ھەقىقەتلەرنى ئىنسانغا نازىل قىلغان كىتابلىرىدا بايان قىلغان. ئۇ ھەقىقەتلەرنىڭ بۇ كىتابلاردىكى ئىسمى «دىن»دۇر. يۇقىرىدىكى ئايەتتە «يۈزىنى دىنغا توغرىلاش»نىڭ «فىترەتكە بويسۇنۇش» بىلەن ئىزاھلىنىشى بۇنى كۆرسىتىدۇ. دېمەككى، ھەقىقىي دىندارلىق فىترەتكە بويسۇنۇش بىلەن، فىترەتكە بويسۇنۇش ھەقىقىي دىندارلىق بىلەن مۇمكىن بولىدۇ.

3 –  ئىنساننىڭ ئالاھىدىلىكى

ئىنساننىڭ يارىتىلىشى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن باشلىنىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ تۆتىنچى ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇنىڭ كۆز، قۇلاق ۋە باشقا بارلىق ئەزالىرى تولۇق شەكىللىنىپ بولىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا روھ پۈۋلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا كۆزى بىلەن كۆرگەن نەرسىلەرنى ۋە قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان ئاۋازلارنى چۈشىنىش، ئۇ نەرسىلەر ۋە ئۇ ئاۋازلار توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتى پەيدا بولىدۇ، شۇنداقلا ھايۋاندىن پەرقلىق ھالەتكە كېلىدۇ[20].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿ذَٰلِكَ عَٰلِمُ ٱلۡغَيۡبِ وَٱلشَّهَٰدَةِ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ  ٦ ٱلَّذِيٓ أَحۡسَنَ كُلَّ شَيۡءٍ خَلَقَهُۥۖ وَبَدَأَ خَلۡقَ ٱلۡإِنسَٰنِ مِن طِينٖ ٧ ثُمَّ جَعَلَ نَسۡلَهُۥ مِن سُلَٰلَةٖ مِّن مَّآءٖ مَّهِينٖ ٨ ثُمَّ سَوَّىٰهُ وَنَفَخَ فِيهِ مِن رُّوحِهِۦۖ وَجَعَلَ لَكُمُ ٱلسَّمۡعَ وَٱلۡأَبۡصَٰرَ وَٱلۡأَفۡ‍ِٔدَةَۚ قَلِيلٗا مَّا تَشۡكُرُونَ  ٩﴾

«ئەنە شۇ ئاللاھ غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. ئۇ شۇنداق زاتكى، ياراتقان ھەر نەرسىسىنى چىرايلىق ياراتتى، ئىنساننى يارىتىشنى لايدىن باشلىدى. ئاندىن ئۇنىڭ نەسلىنى ئەرزىمەس سۇنىڭ جەۋھىرىدىن ياراتتى. ئاندىن ئۇنى تولۇق شەكىلگە كىرگۈزدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىگە روھىدىن پۈۋلىدى، سىلەر ئۈچۈن ئاڭلاش قابىلىيىتى، كۆرۈش قابىلىيىتى ۋە دىللارنى بار قىلدى. بەكمۇ ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر!»[21].

بۇ ئايەتتە ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە[22] بۇ ئۈچ ئالاھىدىلىكنىڭ ئىنسانغىلا بېرىلگەن قابىلىيەتلەر ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

دىلىنىڭ، ئاللاھ تائالانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا ۋە ئەقلىنىڭ ئۈندەشلىرىگە پەرۋا قىلماي چىقارغان قارارلىرى بىلەن يامان ئىشلارنى قىلىۋەرگەن كىشىنىڭ مەزكۇر قابىلىيەتلىرى كۈندىن – كۈنگە ئاجىزلىشىپ ئاخىرى ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئورۇندىيالمايدىغان بولۇپ كېتىدۇ[23]. شۇنىڭ بىلەن  تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلاردىن پەرقى قالمايدۇ، بەلكىدە ئۇ ھايۋانلاردىنمۇ تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. چۈنكى بۇ ھايۋاننىڭ ئۇنداق قابىلىيەتلىرى يوق، لېكىن ھېچبىرى ئۆزى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بەلگىلىگەن دائىرىدىن چىقمايدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَقَدۡ ذَرَأۡنَا لِجَهَنَّمَ كَثِيرٗا مِّنَ ٱلۡجِنِّ وَٱلۡإِنسِۖ لَهُمۡ قُلُوبٞ لَّا يَفۡقَهُونَ بِهَا وَلَهُمۡ أَعۡيُنٞ لَّا يُبۡصِرُونَ بِهَا وَلَهُمۡ ءَاذَانٞ لَّا يَسۡمَعُونَ بِهَآۚ أُوْلَٰٓئِكَ كَٱلۡأَنۡعَٰمِ بَلۡ هُمۡ أَضَلُّۚ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡغَٰفِلُونَ  ١٧٩﴾

«شۈبھىسىزكى، بىز جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى يارىتىپ جەھەننەم ئۈچۈن بېقىۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ قەلبلىرى بار، ئۇلار ئۇ قەلبلەر بىلەن چۈشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى بار، ئۇلار ئۇ كۆزلەر بىلەن كۆرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى بار، ئۇلار ئۇ قۇلاقلار بىلەن ئاڭلىمايدۇ. ئۇلار تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىگە ئوخشاشتۇر. بەلكىدە، ئۇلار تېخىمۇ گۇمراھتۇر. ئەنە شۇلار ھەقىقەتەن غاپىللاردۇر»[24].‏

﴿أَرَءَيۡتَ مَنِ ٱتَّخَذَ إِلَٰهَهُۥ هَوَىٰهُ أَفَأَنتَ تَكُونُ عَلَيۡهِ وَكِيلًا  ٤٣ أَمۡ تَحۡسَبُ أَنَّ أَكۡثَرَهُمۡ يَسۡمَعُونَ أَوۡ يَعۡقِلُونَۚ إِنۡ هُمۡ إِلَّا كَٱلۡأَنۡعَٰمِ بَلۡ هُمۡ أَضَلُّ سَبِيلًا  ٤٤﴾

«نەپسى خاھىشىنى ئىلاھى قىلىۋالغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ! سەن ئۇ ئادەمگە ۋەكىل بولالامسەن؟ ياكى سەن ئۇلارنىڭ تولىسىنى ئاڭلايدۇ ياكى ئەقىل ئىشلىتىدۇ دەپ ئويلامسەن؟ ئۇلار پەقەت تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارغا ئوخشاشتۇر، بەلكى تېخىمۇ تۆۋەندۇر»[25]

داۋامى بار…

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 21 – 27.

[1] قاراڭ: 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 12 ~ 14 – ئايەتلەر؛ 32 – سۈرە سەجدە، 7 ~ 9 – ئايەتلەر.

[2] قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەتتە كەلگەن «نەفس» ۋە «ئەنفۇس» كەلىمىلىرى، بۇ يەردىكى «نەفس» مەنىسىدە كەلگەن (قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 128 – ئايەت؛ 12 – سۈرە يۇسۇف، 53 – ۋە 68 – ئايەتلەر؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 71 – ئايەت؛ 53 – سۈرە نەجم، 23 – ئايەت؛ 59 – سۈرە ھەشر، 9 – ئايەت؛ 64 – سۈرە تەغابۇن، 16 – ئايەت؛ 75 – سۈرە قىيامەت، 2 – ئايەت؛ 79 – سۈرە نازىئات، 40 – ئايەت؛ 89 – سۈرە فەجر، 27 – ئايەت). نەفسنىڭ ئارزۇسى، ئىستىكى ۋە خاھىشى «ھەۋا» كەلىمىسى بىلەن ئىپادىلەنگەن، بۇ ھەۋاغا ئەگىشىش مەنئى قىلىنغان، قامچىلانغان ۋە ئەيىبلەنگەن (قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 135 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 176 – ئايەت؛ 18 – سۈرە كەھف، 28 – ئايەت؛ 20 – سۈرە تاھا، 16 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 43 – ئايەت؛ 28 – سۈرە قەسەس، 50 – ئايەت؛ 38 – سۈرە ساد، 26 – ئايەت؛ 45 – سۈرە جاسىيە، 23 – ئايەت؛ 53 – سۈرە نەجم، 3 – ئايەت؛ 79 – سۈرە نازىئات، 40 – ئايەت). «ئەقىل ئىشلىتىش» ئىپادىلىرى (قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 75 – ، 171 – ۋە 242 – ئايەتلەر؛ 12 – سۈرە يۇسۇف، 2 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 43 – ئايەت؛ 67 – سۈرە مۇلك، 10 – ئايەت)، ئەلباب (الألباب) كەلىمىلىرى (قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 179 – ، 197 – ۋە 269 – ئايەتلەر؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 7 – ۋە 190 – ئايەتلەر؛ 5 – سۈرە مائىدە، 100 – ئايەت؛ 12 – سۈرە يۇسۇف، 111 – ئايەت؛ 13 – سۈرە رەئد، 19 – ئايەت؛ 14 – سۈرە ئىبراھىم، 52 – ئايەت؛ 38 – سۈرە ساد، 29 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 9 – ، 18 – ۋە 21 – ئايەتلەر؛ 40 – سۈرە غافىر، 54 – ئايەت؛ 65 – سۈرە تالاق، 10 – ئايەت)، نۇھا (النهى) كەلىمىسى (قاراڭ: 20 – سۈرە تاھا، 54 – ۋە 128 – ئايەتلەر) ۋە ھىجر (حجر) كەلىمىسى (قاراڭ: 89 – سۈرە فەجر، 5 – ئايەت) ئىنساندا ئەقىلنىڭ بارلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. فۇئاد (فؤاد) ۋە ئۇنىڭ كۆپلۈكى بولغان ئەفئىدە (الأفئدة) كەلىمىلىرى (قاراڭ: 16 – سۈرە نەھل، 28 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 36 – ئايەت؛ 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 78 – ئايەت؛ 32 – سۈرە سەجدە 7 – ئايەت؛ 53 – سۈرە نەجم، 11 – ئايەت؛ 67 – سۈرە مۇلك، 23 – ئايەت)، قەلب (قلب) ۋە ئۇنىڭ كۆپلۈكى بولغان «قلوب» كەلىمىلىرى (قۇرئان كەرىمدە «قەلب» دېگەن سۆز بىرلىك ۋە كۆپلۈك شەكلى بىلەن 100 قېتىمدىن ئارتۇق تەكرارلىنىدۇ) ئىنساندا «دىل»نىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 

[3] قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلارنىڭ قول، پۇت، باش، يۈز ۋە باشقا ئەزالىرى زىكىر قىلىنىدۇ (قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 6 – ئايەت؛ 36 – سۈرە ياسىن، 65 – ئايەت).

 [4] قاراڭ: 95 – سۈرە تىن، 4 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 19 – ئايەت؛ 18 – سۈرە كەھف، 29 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 62 – ئايەت. ئىنساننىڭ «بەشەر» دېيىلىشى (قاراڭ: 15 – سۈرە ھىجىر، 28 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 54 – ئايەت؛ 38 – سۈرە ساد، 71 – ئايەت) ئۇنىڭ تېرىسى مويسىز بولغانلىقى، يەنى بەزى ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىگە ئوخشاش مويلۇق بولمىغانلىقى ئۈچۈندۇر.

[5] قاراڭ: 76 – سۈرە ئىنسان، 2 – ئايەت؛ 30 – سۈرە رۇم، 22 – ئايەت؛ 55 – سۈرە رەھمان، 4 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 70 – ئايەت.

[6] «نەفسلەر يامانلىققا بۇيرۇپ تۇرغۇچىدۇر» (12 – سۈرە يۈسۈف، 53 – ئايەت)؛ 79 – سۈرە نازىئاتنىڭ 40 – ۋە 41 – ئايەتلىرىدە نەفسىنى خاھىشىدىن توسقان كىشىنىڭ جەننەت ئەھلىدىن بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇمۇ دالالەت قىلىدۇكى، نەفس دائىم يامان ئىشلارنى خالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا نەفسنىڭ خاھىشىغا ئەگىشىشتىن توسقان (قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 135 – ئايەت).

[7] ئەقىل، 20 – سۈرە تاھانىڭ 54 – ۋە 128 – ئايەتلىرىدە نۇھا (النهى) يەنى يامانلىقلاردىن مەنئى قىلغۇچى، 89 – سۈرە فەجرنىڭ 5 – ئايىتىدە ھىجر «حجر»، يەنى نالايىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە توسالغۇ بولغۇچى دەپ ئاتىلىدۇ. قۇرئان كەرىمدە يامان ئىش قىلغۇچىلارغا «ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟»، «ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەمدۇ؟» دېگەن مەنىدىكى ئىپادىلەر، ئەقىلنىڭ يامانلىقتىن توسىدىغان، ياخشىلىققا بۇيرۇيدىغان رەھبەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

[8] 17 – سۈرە ئىسرانىڭ 26 – ئايىتى، 26 – سۈرە شۇئەرانىڭ 89 – ئايىتى ۋە 50 – سۈرە قافنىڭ 33 – ئايىتى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. تۆۋەندىكى رىۋايەتمۇ بۇ مەنىنى تەكىتلەيدۇ: رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئىنسان بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بار. ئۇ گۆش تۈزەلسە پۈتۈن بەدەن تۈزۈلىدۇ، ئۇ گۆش بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇ گۆش قەلب (دىل)دۇر» (بۇخارى، «ئىمان» 39، «بۇيۇئـ»، 2؛ مۇسلىم، «مۇساقات»، 107؛ ئەبۇ داۋۇد، «بۇيۇئـ»، 3؛ تىرمىزى، «بۇيۇئـ»، 1؛ نەسەئى، «بۇيۇئـ»، 2).

[9] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 1 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 98 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 189 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 6 – ئايەت؛ 49 – سۈرە ھۇجۇرات، 13 – ئايەت.

[10] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 12 – ئايەت؛ 38 – سۈرە ساد، 75 – ۋە 76 – ئايەتلەر؛ 2 – سۈرە بەقەرە، 31 – ئايەت.

[11] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 36 – ۋە 38 – ئايەتلەر؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 24 – ئايەت.

[12] قاراڭ: 57 – سۈرە ھەدىد، 4 – ئايەت؛ 58 – سۈرە مۇجادەلە، 7 – ئايەت؛ 50 – سۈرە قاف، 16 – ئايەت.

[13] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 143 – ۋە 207 – ئايەتلەر؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 30 – ئايەت؛ 22 – سۈرە ھەج، 65 – ئايەت؛ 8 – سۈرە ئەنفال، 40 – ئايەت؛ 22 – سۈرە ھەج، 78 – ئايەت.

[14] قاراڭ: 91 – سۈرە شەمس، 8 – ئايەت.

 [15]قاراڭ:10 – سۈرە يۇنۇس، 21 – ئايەت؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 80 – ئايەت؛ 50 – سۈرە قاف، 16 ~ 18 – ئايەتلەر؛ 82 – سۈرە ئىنفىتار، 10 ~ 12 – ئايەتلەر.

[16] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 268 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 43 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 16 – ۋە 17 – ئايەتلەر؛ 8 – سۈرە ئەنفال، 48 – ئايەت؛ 15 – سۈرە ھىجر، 39 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 63 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 53 – ئايەت؛ 27 – سۈرە نەمل، 24 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 38 – ئايەت؛ 41 – سۈرە فۇسسىلەت، 25 – ئايەت؛ 114 – سۈرە ناس، 4 ~ 6 – ئايەتلەر.

[17] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 168 – ۋە 208 – ئايەتلەر؛ 4 – سۈرە نىسا، 38 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 142 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 17 – ۋە 22 – ئايەت؛ 12 – سۈرە يۇسۇف، 5 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 53 – ئايەت؛ 35 – سۈرە فاتىر، 6 – ئايەت؛ 36 – سۈرە ياسىن، 60 – ئايەت؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 36 – ۋە 62 – ئايەت؛ 50 – سۈرە قاف، 27 – ئايەت..

[18] 30 – سۈرە رۇم، 30 – ئايەت.

[19] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام،79 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 51 – ئايەت؛ 36 – سۈرە ياسىن، 22 – ئايەت؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 27 – ئايەت.

[20] ئاللاھ تائالا 2 – سۈرە بەقەرەنىڭ 233 – ئايىتى بىلەن 31 – سۈرە لۇقماننىڭ 14 – ئايىتىدە  ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئېمىتىش ۋاقتىنىڭ ئىككى يىل ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ، 46 – سۈرە ئەھقافنىڭ 15 – ئايىتىدە ئانىنىڭ بالىسىغا ھامىلىدارلىق ۋاقتى بىلەن ئۇنى ئېمىتىش مۇددىتىنىڭ 30 ئاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 30 ئايدىن ئىككى يىلنى چىقارساق ئالتە ئاي قالىدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى ئاي قەمەرىيە ھېسابى بىلەن ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئالتە ئاينىڭ ئۈچ ئېيى 29 دىن، ئۈچ ئېيى 30 دىن ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بولغاندا بۇ ئالتە ئاي 177 كۈن بولغان بولىدۇ. دېمەككى، ھامىلە ئانىسىنىڭ قورسىقىدا روھ پۈۋلىنىپ ئىنسان ھالىتىگە كەلگەندىن كېيىن 6 ئاي (يەنى 177 كۈن) قالىدۇ. ئانىسىنىڭ ئۇنى «قورسىقىدا ئۈستى – ئۈستىلەپ ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈرگەن (قاراڭ: 31 – سۈرە لۇقمان، 14 – ئايەت)» ۋاقتىمۇ بۇ ئالتە ئايدۇر. بۇ ئالتە ئايدىن ئىلگىرىكى ۋاقىت ئۇنىڭ شەكىلدىن شەكىلگە كىرىپ ئاخىرى ئىنسان شەكلىنى ئېلىش باسقۇچلىرىدۇر. ئۇ تولۇق ئىنسان شەكلىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا روھ پۈۋلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ «باشقا بىر مەخلۇق »قا يەنى ئىنسانغا ئايلانغان بولىدۇ (قاراڭ 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 12 ~ 14 – ئايەتلەر). بۈگۈن مۇتەخەسسىس تېببىي تەتقىقاتچىلار نورمال ھامىلىدارلىق مۇددىتىنىڭ 40 ھەپتە بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ 280 كۈنگە (9 ئاي 10 كۈنگە) تەڭ كېلىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى. بۇ 280 كۈندىن 177 كۈننى (ئالتە ئاينى) چىقارساق 103 كۈن قالىدۇ. بۇ 103 كۈن، 102 بىلەن 105 كۈن ئارىسىدا ئۆزگىرىدۇ. بۇنى ھەپتە بىلەن ھېسابلىساق 15 – ھەپتىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ تۇخۇمنىڭ ئۇرۇقلىنىشى بىلەن باشلانغاندىكى ھېسابتۇر. ناۋادا ھامىلىدارلىق تۇخۇمنىڭ تۇخۇمداندىن ئايرىلىپ رەھىمگە مېڭىشى بىلەن باشلانسا، بۇ تەقدىردە روھنىڭ پۈۋلىنىشى ئاز بولغاندا 118 كۈنگە، كۆپ بولغاندا 120 كۈنگە توغرا كېلىدۇ. بۇنى ھەپتە بىلەن ھېسابلىساق 18 ھەپتىگە توغرا كېلىدۇ.

[21] 32 – سۈرە سەجدە، 6 ~ 9 – ئايەتلەر.

[22] قاراڭ: 16 – سۈرە نەھل، 78 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 36 – ئايەت؛ 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 78 – ئايەت؛ 67 – سۈرە مۇلك، 23 – ئايەت.

[23] قاراڭ: 16 – سۈرە نەھل، 103 ~ 109 – ئايەتلەر؛ 83 – سۈرە مۇتەففىفىن، 10 ~ 16 – ئايەتلەر.

[24] 7 – سۈرە  ئەئراف، 179 – ئايەت.

[25] 25 – سۈرە فۇرقان، 43 – ۋە 44 – ئايەتلەر.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ