مۇسۇلمانلار

ئىسىم قويۇش ئۇسۇلى

جاۋاب:

بالا دۇنياغا كېلىپ تۇنجى قېتىم ئىسلامنىڭ شۇئارىنى ۋە ئىماننىڭ ئاساسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەزاننى ئاڭلىىشى ئۈچۈن، تۇغۇلغان چېغىدا ئۇنىڭغا ئەزان ئوقۇش سۈننەتتۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسى بار.

دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئىنسان سەكراتتا چاغدىمۇ ئۇنىڭغا تەۋھىد كەلىمىسى تەلقىن قىلىنىدۇ (يەنى ئۇنىڭ يېنىكىدىكى كىشى ياكى كىشىلەردىن بىرى ئۇنىڭغا تەۋھىد كەلمىسىنى ئۆگىتىشى، ئەگەر ئوقۇيالمىسا ئۆزى ئۈنلۈك ئوقۇشى لازىمدۇر) بۇ، سۈننەتتۇر. دېمەك ئىنسان دۇنياغا كەلگەن چېغىدا تۇنجى قېتىم تەۋھىد كەلىمىسىنى ئاڭلايدۇ. دۇنيادىن كەتكەن چېغىدىمۇ ئەڭ ئاخىرىدا تەۋھىد كەلىمىسىنى تىلىغا ئېلىپ ياكى ئاڭلاپ كېتىدۇ.

بالىنىڭ ئىسمىنى قويغاندا «ئوڭ قۇلىقىغا ئەزان سول قۇلىقىغا تەكبىر ئوقۇلىشى» غا دائىر ھېچقانداق ئاساس يوق. شۇنداقتىمۇ بالىنىڭ ئىسمىنى قويغاندا «ئوڭ قۇلىقىغا ئەزان، سول قۇلىقىغا تەكبىر ئوقۇش» ئادىتى پەيدا بولۇپ، بۇ ئادەتنىڭ تۈپەيلىدىن بالا تۇغۇلغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئەزان ئوقۇش سۈننىتى ئۇنتۇلۇپ كەتكەن. بۇ سۇننەت ئۆز جايىدا ئادا قىلىنسا ياخشى بولىدۇ. بۇ سۈننەت، بالىنى بىرى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ نامازغا ئوقۇغاندەك بىر ئەزان ئوقۇش بىلەن ئادا بولىدۇ.

يېغىپ ئېيتقاندا بالىغا ئەزان ئوقۇلىدىغان ئىش بالا تۇغۇلغان چاغدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بالىنىڭ ئىسمى، تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى قويۇلىدۇ. بۇ، «بۇ بالىنىڭ ئىسمى مۇنداق بولسۇن» دەپ بالىنىڭ ئەقىقىسىگە يىغىلغانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېلان قىلىشتىنلا ئىبارەت. ئىسىم يۆتكىگەندىمۇ ئەزان- تەكبىر ئوقۇلمايدۇ

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر