باش بەت > لازىملىق دىنىي ئىلىملەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

                  ئاللاھنىڭ ھىدايەت قىلىشى قانداق بولىدۇ؟

ھىدايەت قىلماق – پايدىلىق يۆنىلىشكە باشلىماق، توغرا يولغا يېتەكلىمەك، توغرا يولنى كۆرسەتمەك، توغرا يولغا دەۋەت قىلماق دېگەن بولىدۇ. ھىدايەت تاپماق توغرا يۆنىلىشنى قوبۇل قىلماق، توغرا يولغا كىرمەك، توغرا يول تۇتماق دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ[1]. ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانىيەتنى ھىدايەت قىلىشى – ئۇنىڭغا ئەقىل ئاتا قىلىشى، كىتاب نازىل قىلىشى، ئەلچى ئەۋەتىشى ۋە ئۇنى توغرا يولدا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇلارنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

1 – ئەقىل

1) ئەقىلنىڭ ماھىيىتى

ئاللاھ تائالا ھەر مەخلۇقاتنى ئايرىم شەكىل ۋە پەرقلىق خۇسۇسىيەت بىلەن يارىتىپ، ئۇنىڭغا توغرا يولنى كۆرسەتكەن.‏ ئاللاھ تائالانىڭ بۇ يول كۆرسىتىشى ئۇ مەخۇلۇقاتنى ياراتقاندا ئۇنىڭ تەبىئىتىگە پايدا – زىياننى پەرق ئېتىش قابىلىيىتىنى سىڭدۈرۈش ئارقىلىق بولغان. شۇڭلاشقا كائىناتتىكى ھەر مەخلۇقات ئۆزىنىڭ بۇ قابىلىيىتى بىلەن ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق بىلەن زىيانلىقنى ئايرىپ، ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ[2].

جۈملىدىن ئاللاھ تائالا ھەر ئىنساننى ياراتقاندا ئۇنىڭ تەبىئىتىگە ھەق بىلەن باتىل، چىرايلىق بىلەن سەت ۋە راست بىلەن يالغاننى ئايرىش قابىلىيىتىنى سىڭدۈرۈپ ياراتقان. ئەنە شۇ قابىلىيەت ئەقىل دەپ ئاتىلىدۇ. ئەقىل ئىنسانغا ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرەت ۋە ھېكمىتىنى، نېمەت ۋە مەرھىمىتىنى تونۇتىدۇ[3]. توغرا – خاتانى ئايرىپ بېرىدۇ، چىرايلىق بىلەن سەتنى پەرق ئەتتۈرىدۇ. ياخشى – ياماننى ئېنىقلاپ بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە ئەقىل، ھىجر «حجر – توسقۇچى»، نۇھا «النهى – چەكلىگۈچى» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن[4]، ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان ئەقىل، ئەلباب «الألباب – ساغلام ئەقىل» دەپ ئاتالغان[5]. ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانغا ئەنە شۇ ئەقىلنى بېرىشى ئۇنى ھىدايەت قىلىشىنىڭ بىرىنچى تۈرىدۇر.

2) ئەقىلنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى

ئاللاھ تائالا تېڭىرقاش، بۇزۇق ئېتىقاد ۋە خاتا يولدا بولغانلار ھەققىدە ﴿أَفَلاَ تَعْقِلُونَ – ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟﴾[6]، ﴿أَفَلَا يَعْقِلُونَ – ئۇلار ئەقلىنى ئىشلەتمەمدۇ؟﴾[7]، ﴿لاَ يَعْقِلُونَ – ئۇلار ئەقلىنى ئىشلەتمەيدۇ﴾[8] دەيدۇ. بەزى مەزمۇنلارنى بايان قىلغاندىن كېيىن ۋە ئايەتلىرىنى بايان قىلغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن ﴿لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ – ئەقلىڭلارنى ئىشلەتكەيسىلەر[9] دەيدۇ. قىيامەت كۈنى گۇناھكارلارغا ﴿أَفَلَمْ تَكُونُوا تَعْقِلُونَ – ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمىدىڭلارمۇ﴾[10] دەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

پۈتۈن بۇ ئىپادىلەر كۆرسىتىدۇكى، ئەقىل – ئەگەر ئىشلىتىلسە، ئىگىسى تېڭىرقاش، خۇراپات، خاتا چۈشەنچە ۋە خاتا يول قاتارلىقلاردىن قۇتۇلىدىغان، ئەگەر ئىشلىتىلمىسە ئىگىسى ھەر تۈرلۈك ماددىي ۋە مەنىۋى مەينەتچىلىكتە قالىدىغان قابىلىيەتتۇر[11]. بۇ قابىلىيەت بېرىلمىگەنلەرگە مەسئۇلىيەت يۈكلەنمەيدۇ[12]. ئۇ قابىلىيەت يېتىلمىگەن يېتىملەرگە ماللىرى تاپشۇرۇپ بېرىلمەيدۇ[13]. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئەقىلنى يۆگىۋېلىپ ئۆز رولىنى جارى قىلىشىغا توسالغۇ بولىدىغان نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن مەنئى قىلغان[14].

2 – كىتاب

ئىنسان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان[15]. «ئىبادەت»نىڭ مەنىسى ئۇلۇغلاپ ئىتائەت قىلماق دېگەن بولىدۇ[16]. ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش – ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىگە ئەستايىدىللىق بىلەن بويسۇنۇش، چەكلىمىلىرىدىن كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن ساقلىنىش ۋە نەسىھەتلىرىگە چىن ئىخلاس بىلەن قۇلاق سېلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا «ئۇلۇغلاپ ئىتائەت قىلىش»نىڭ ئىپادىسىدۇر. ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى، چەكلىمىلىرىنى ۋە نەسىھەتلىرىنى ئاللاھنىڭ كىتابى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە بەندىلىرىنىڭ ئىچىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى تاللاپ[17]، ئۇلارغا ئىنسانىيەتكە بىلدۈرمەكچى بولغان سۆزلىرىنى پەرىشتە جىبرىئىل ئارقىلىق نازىل قىلغان[18]. ئۇ سۆزلەر سەھىپىلەر (بەتلەر)گە يېزىلىپ كىتابلار ھاسىل بولغان ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەخت – سائادەت يولى ئۇ كىتابلاردا يېزىلغان ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەن[19]. ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانغا ئەنە شۇنداق كىتابلارنى نازىل قىلىشى ئۇنى ھىدايەت قىلىشىنىڭ ئىككىنچى تۈرىدۇر.

1) ئىلگىرىكى كىتابلار

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿كَانَ ٱلنَّاسُ أُمَّةٗ وَٰحِدَةٗ فَبَعَثَ ٱللَّهُ ٱلنَّبِيِّينَ مُبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَ وَأَنزَلَ مَعَهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ بِٱلۡحَقِّ لِيَحۡكُمَ بَيۡنَ ٱلنَّاسِ فِيمَا ٱخۡتَلَفُواْ فِيهِۚ وَمَا ٱخۡتَلَفَ فِيهِ إِلَّا ٱلَّذِينَ أُوتُوهُ مِنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَتۡهُمُ ٱلۡبَيِّنَٰتُ بَغۡيَۢا بَيۡنَهُمۡۖ فَهَدَى ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لِمَا ٱخۡتَلَفُواْ فِيهِ مِنَ ٱلۡحَقِّ بِإِذۡنِهِۦۗ وَٱللَّهُ يَهۡدِي مَن يَشَآءُ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٍ ٢١٣﴾

«ئىنسانلار بىر ئۇممەت ئىدى. ئاندىن ئاللاھ خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى نەبىيلەرنى ئەۋەتتى ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ھەقنى كۆرسىتىدىغان كىتابنى، ئىنسانلار ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقارسۇن دەپ نازىل قىلدى. كىتاب بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆز ئارىسىدىكى ھەسەت يۈزىسىدىن كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى. ئاندىن ئاللاھ ئۆزىنىڭ بىلدۈرۈشى ئارقىلىق، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ھەقنى مۇئمىنلارغا كۆرسەتتى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ»[20].

بۇ ئايەت ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە كەلگەن ھەر پەيغەمبەرگە كىتاب بېرىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى 6 – سۈرە ئەنئامنىڭ 83 – ئايىتىدىن 89 – ئايىتىگىچە بولغان ئايەتلىرىمۇ تەكىتلەيدۇ.

2)‏ ئاخىرقى كىتاب

ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان كىتابلارنىڭ ئاخىرقىسى «قۇرئان»دۇر[21]. قۇرئان ئىلگىرىكى كىتابلارنى مەنسۇخ قىلغان (ئەمەلدىن قالدۇرغان)[22] ۋە قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ توغرا يول رەھبىرى بولغان[23]. قۇرئانغا چىڭ ئېسىلىش  توغرا يولدا بولغانلىقنىڭ ئالامىتى قىلىنغان[24] ۋە قۇرئاندا قۇرئاننىڭ ئىنسانغا بولغان ھىدايىتى، ئىنساننىڭ قۇرئانغا بولغان ئېھتىياجى مىساللار بىلەن بايان قىلغان.

داۋامى بار….

[1] ئەبۇلقاسىم ھۇسەين ئىبنى مۇھەممەد راغىب ئىسفاھانى، «ھدي»، مۇفرەدات ئەلفازىل قۇرئان، تەھقىقلىغۇچى: سەفۋان ئەدنان داۋۇدى (دەمەشق، دارۇلقەلەم/بېيرۇت: دارۇ شامىييە، ھ 1412/ م 1992)، 835؛ مۇھەممەد ئىبنى مۇكەررەم ئىبنى ئەلى ئەبۇلفەزل جەمالۇددىن ئىبنى مەنزۇر ئەنسارى رۇۋەيفىئى ئىفرىقى،  «ھدي»، لىسانۇل ئەرەب (بېيرۇت: دارۇ سادىر، ھ 1414/ 1993)، 15: 353؛ ئەبۇلھۇسەين ئەھمەد ئىبنى فارىس ئىبنى زەكەرىييا قۇزۋىنى، «ھدي»، مۇئجەمۇ مەقايىسىللۇغە، تەھقىقلىغۇچى: ئابدۇسسالام مۇھەممەد ھارۇن (دەمەشق: دارۇل فىكر، ھ 1399/ م 1979)، 6: 42؛ مەجدۇددىن ئەبۇ زاھىر مۇھەممەد ئىبنى يەئقۇب فىيرۇزئابادىي، «ھدي»، قامۇسۇلمۇھىت (بېيرۇت: مۇئەسسەسەتۇر رىسالە، ھ 1426/ م 2005)، 1345.

[2] قاراڭ:  20 – سۈرە تاھا، 50 – ئايەت؛ 87 – سۈرە ئەئلا، 3 – ئايەت.

[3] قاراڭ:  2 – سۈرە بەقەرە، 164 – ئايەت؛ 13 – سۈرە رەئد، 4 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 12 – ۋە 67 – ئايەتلەر؛ 30 – سۈرە رۇم، 24 – ۋە 28 – ئايەتلەر؛ 45 – سۈرە جاسىيە، 5 – ئايەت.

[4] قاراڭ: 20 – سۈرە تاھا، 54 – ۋە 128 – ئايەتلەر؛ 89 – سۈرە فەجر، 5 – ئايەت.

[5] قۇرئان كەرىمدە ئەلباب «الألباب» دېگەن كەلىمە 16 يەردە ئۆتىدۇ. قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 179 – ، 197 – ۋە 269 – ئايەتلەر؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 7 – ۋە 190 – ئايەتلەر؛ 5 – سۈرە مائىدە، 100 – ئايەت؛ 12 – سۈرە يۇسۇف، 111 – ئايەت؛ 13 – سۈرە رەئد، 19 – ئايەت؛ 14 – سۈرە ئىبراھىم، 52 – ئايەت؛ 38 – سۈرە ساد، 29 – ۋە 43 – ئايەتلەر؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 9 – ، 18 – ۋە 21 – ئايەتلەر؛ 40 – سۈرە غافىر، 54 – ئايەت؛ 65 – سۈرە تالاق، 10 – ئايەت.

[6] 2 – سۈرە بەقەرە، 44 – ئايەت؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 65 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 32 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 169 – ئايەت؛ 10 – سۈرە يۇنۇس، 16 – ئايەت؛ 11 – سۈرە ھۇد، 51 – ئايەت؛ 12 – سۈرە يۇسۇف، 109 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 10 – ۋە 67 – ئايەتلەر؛ 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 80 – ئايەت؛ 28 – سۈرە قەسەس، 60 – ئايەت؛ 37 – سۈرە ساففات، 138 – ئايەت.

[7] 36 – سۈرە ياسىن، 68 – ئايەت.

[8] 2 – سۈرە بەقەرە، 171 – ئايەت؛ 5 – سۈرە مائىدە، 58 – ۋە 103 – ئايەتلەر؛ 8 – سۈرە ئەنفال، 22 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 63 – ئايەت.

[9] 2 – سۈرە بەقەرە، 73 – ۋە 242 – ئايەتلەر؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 151 – ئايەت؛ 24 – سۈرە نۇر، 61 – ئايەت؛ 40 – سۈرە، غافىر، 67 – ئايەت؛ 57 – سۈرە ھەدىد، 17 – ئايەت.

[10] 36 – سۈرە ياسىن، 62 – ئايەت.

[11] قاراڭ: 10 – سۈرە يۇنۇس، 100 – ئايەت.

[12] چۈنكى «ئاللاھ ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ» – (2 – سۈرە بەقەرە، 286 – ئايەت). ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: 2 – سۈرە بەقەرە، 233؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 152 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 42 – ئايەت؛ 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 62 – ئايەت.

[13] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 5 – ۋە 6 – ئايەتلەر.

[14] قاراڭ:  5 – سۈرە مائىدە، 90 – ئايەت.

[15] 51 – سۈرە زارىيات، 56 – ئايەت. 

[16] راغىب ئىسفەھانى، مۇفرەداتى ئەلفازىل قۇرئان، «عبد»، 542؛ ئىبنى مەنزۇر، لىسانۇل ئەرەب، «عبد»، 3: 273؛ قاھىرە ئەرەب تىلى ئاكادېمىيىسى، ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت، «عبد»، 2: 579.

[17] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا،  163 ~ 165 – ئايەتلەر؛ 22 – سۈرە ھەج، 75 – ئايەت.

[18] 2 – سۈرە بەقەرە، 213 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام 83 ~ 89 – ئايەتلەر.

[19] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 3 – ۋە 4 – ئايەتلەر؛ 57 – سۈرە ھەدىد،  25 ~ 27 – ئايەتلەر.

[20] 2 – سۈرە بەقەرە، 213 – ئايەت. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر: 6 – سۈرە ئەنئام 83 ~ 89 – ئايەتلەر.

[21] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 185 – ئايەت؛ 18 – سۈرە كەھف، 27 – ئايەت؛ 20 – سۈرە تاھا، 2 – ئايەت؛ 27 – سۈرە نەمل، 6 – ئايەت؛ 28 – سۈرە قەسەس، 85 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 7 – ئايەت؛ 53 – سۈرە نەجم،  1 ~ 12 – ئايەتلەر؛ 76 – سۈرە ئىنسان، 23 – ئايەت.

[22] قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە 58 – ئايەت.

[23] چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلىش ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن تاللىغان بەندىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى نەبىيلەرنىڭ ئاخىرقىسى قىلغان (قاراڭ: 33 – سۈرە ئەھزاب، 40 – ئايەت)، ئۇنى قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن (قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 19 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 107 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان،  1 – ئايەت؛ 62 – سۈرە جۇمۇئە، 2 – ۋە 3 – ئايەتلەر).

[24] 43 – سۈرە زۇخرۇف، 43 – ئايەت،


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ