باش بەت > ئەقىدە > تەۋھىد > شېرىك  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

ئاللاھقا قانداق ئىشىنىسىز؟

بەزى ۋاقىتلاردا «لېكىن مەنمۇ ئاللاھىمغا، ئۇنىڭ بىرلىكى ۋە بارلىقىغا ئىشىنىمەن» دەيدىغان؛ لېكىن ئاللاھنىڭ ئەمر ۋە چەكلىمىلىرىگە سەل قارايدىغان، بۇنداق نەرسىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيدىغاندەك ياشايدىغان ئىنسانلارنى ئۇچىراتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن. لېكىن «مەنمۇ ئىشىنىمەن» دېگەن جۈملىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ۋە تەسەللى بېرىش پىسخىكىسى بىلەن دېيىلگەنلىكىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس. بىز بۇ يەردە جۈملىلەرنىڭ نېمە مەقسەتتە قۇرۇلغانلىقىنى ئەمەس، نەتىجىسىنىڭ ئىگىسىگە قانداق قىممەت ياراتقانلىقى ھەققىدە توختىلىمىز.

بۇ سەۋەبتىن تېمىمىزدىكى سۇئالىمىزنى يەنە بىر قىتىم تەكرارلايمىز: ئاللاھقا قانداق ئىشىنىسىز؟ ئىشەنگەنلىكىڭىزنى سۆزلەۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ئۇنىڭغا ھەقىقى مەنىدە ئىشەنچ باغلىدىڭىزمۇ؟ ئۇنىڭ، سىزگە يىقىن ئىكەنلىكىگە ئىشىنەمسىز؟ ئۇنىڭ بىلەن ئارىڭىزغا ۋاسىتە قويماستىن بىۋاستە ئالاقە قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ۋە تەلەپلىرىڭىزنى سۇنالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنەمسىز؟ ياكى ئۇنىڭغا بولغان ئېتىقادىڭىزغا بەزى خاتا نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۋالدىڭىزمۇ؟

بۇ سۇئاللارغا ئاللاھنىڭ بىرلىكىگىمۇ، بارلىقىغىمۇ ئىشىنىدىغان؛ لېكىن بۇ ئېتىقادىغا بىر قىسىم خاتالارنى ئارىلاشتۇرۋالغان، ئۇنىڭغا ھەقىقى مەنىدە ئىشەنچ باغلىمىغان، ئۇنى ئۆزلىرىدىن يىراق دەپ ئويلاپ، يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا ۋاسىتىلەر قويغان ۋە بۇ سەۋەبتىن (مۇشرىك) دەپ سۈپەتلەنگەن مەككىلىكلەر (مەككە مۇشرىكلىرى) ھەققىدە كەلگەن ئايەتلەر بىلەن جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمىز:

ئاللاھ تائالا، قۇرئان نازىل بولۇۋاتقان مەزگىلدىكى مۇشرىكلەرنىڭ ئاللاھقا بولغان ئېتىقادى ھەققىدە خەۋەر بېرىپ، مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ فَأَنَّى يُؤْفَكُونَ٦١

«ئەگەر ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، قۇياشنى ۋە ئاينى بويسۇندۇرغان كىمدۇر؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغاندۇ؟» – (29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 61 – ئايەت).

ئايەتتىن چۈشىنىشكە بولىدۇكى، مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ زېھنىدىكى بىردىنبىر ياراتقۇچى ھەر دائىم ئاللاھ ئىدى، ئۇنى ھەممىدىن ئۈستۈن بىلەتتى. ئۇلار ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىرلىكى ھەققىدە قىلچىلىك شۈبھىلەنمەيتتى. ئۇلارنىڭ «مۇشرىك» يەنى «شېرىك كەلتۈرگۈچىلەر» دەپ تەسۋىرلىنىشىنىڭ سەۋەبىمۇ بۇ ئىدى يەنى ئۇلار، ئاللاھقا ئىشەنمىگەنلىكى ياكى ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىر قىسىم ۋاسىتىلەرنى يەنى ئىنسان ۋە بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇشرىك دېيىلگەن ئىدى.

ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى خەۋەر بېرىپ، مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ قُلْ أَفَرَأَيْتُم مَّا تَدْعُونَ مِن دُونِ اللَّهِ إِنْ أَرَادَنِيَ اللَّهُ بِضُرٍّ هَلْ هُنَّ كَاشِفَاتُ ضُرِّهِ أَوْ أَرَادَنِي بِرَحْمَةٍ هَلْ هُنَّ مُمْسِكَاتُ رَحْمَتِهِ قُلْ حَسْبِيَ اللَّهُ عَلَيْهِ يَتَوَكَّلُ الْمُتَوَكِّلُونَ٣٨

«ئەگەر ئۇلاردىن «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار ئەلۋەتتە «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان نەرسىلىرىڭلار توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بېقىڭلار قېنى! ئەگەر ئاللاھ ماڭا زىيان يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۇ نەرسىلەر ئاللاھنىڭ زىيىنىنى دەپئى قىلالامدۇ؟ ياكى ئاللاھ ماڭا رەھمەت ئاتا قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇ نەرسىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى توسۇۋالالامدۇ؟». ئېيتقىنكى: «ماڭا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر. تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن».» – (39 – سۈرە زۈمەر، 38 – ئايەت).

مۇشرىكلەرنىڭ ئاللاھ ھەققىدىكى ئېتىقادىنى بايان قىلىدىغان ئايەتلەر بۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتلەرمۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھ ھەققىدىكى ئېتىقادىنى تېخىمۇ تەپسىلى بايان قىلىدۇ:

﴿وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّن نَّزَّلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَحْيَا بِهِ الْأَرْضَ مِن بَعْدِ مَوْتِهَا لَيَقُولُنَّ اللَّهُ قُلِ الْحَمْدُ لِلَّهِ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْقِلُونَ٦٣

«ئۇلاردىن «ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرگەن كىمدۇر؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئەلھەمدۇ لىللاھ!». بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدۇ» – (29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 63 – ئايەت).

﴿قُلْ مَن يَرْزُقُكُم مِّنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ أَمَّن يَمْلِكُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَمَن يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَيُخْرِجُ الْمَيِّتَ مِنَ الْحَيِّ وَمَن يُدَبِّرُ الْأَمْرَ فَسَيَقُولُونَ اللَّهُ فَقُلْ أَفَلَا تَتَّقُونَ٣١

«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىۋاتقان كىمدۇر؟ ئاڭلاش قابىلىيىتىڭلارنى ۋە كۆرۈش قابىلىيەتلىرىڭلارنى باشقۇرۇۋاتقان كىمدۇر؟ تىرىكنى ئۆلۈكتىن چىقىرىۋاتقان، ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقىرىۋاتقان كىمدۇر؟ ئىشلارنى پىلانلاۋاتقان كىمدۇر؟». ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ ھالدا تەقۋادار بولمامسىلەر؟» – (10 – سۈرە يۈنۈس، 31 – ئايەت).

بۇ يەرگىچە بېرىلگەن ئايەتلەردىن چۈشىنىشكە بولىدۇكى، مەككە مۇشرىكلىرى ئاسمان-زېمىننى ياراتقاننىڭ، قۇياش ۋە ئاينى خىزمەتكە سالغاننىڭ، يامغۇر ياغدۇرىدىغاننىڭ، رىزىق بېرىدىغاننىڭ، ھاياتلىق ۋە ئۆلۈمنى بەرگەننىڭ، كائىناتتا يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارنى باشقۇرىۋاتقاننىڭ ئاللاھ تائالا ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ياخشى بىلەتتى ۋە بۇ ھەقتە سورالغاندا قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئىقرار قىلاتتى.

ئاللاھ تائالا باشقا نۇرغۇن ئايەتلەردىمۇ رەسۇلۇللاھنى مۇشرىكلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئېتىقادىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى سوراشقا بۇيرۇش ئارقىلىق بىزگە، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى بىلىشىمىزگە ياردەم قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:

﴿قُل لِّمَنِ الْأَرْضُ وَمَن فِيهَا إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ٨٤ سَيَقُولُونَ لِلَّهِ قُلْ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ٨٥ قُلْ مَن رَّبُّ السَّمَاوَاتِ السَّبْعِ وَرَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ٨٦ سَيَقُولُونَ لِلَّهِ قُلْ أَفَلَا تَتَّقُونَ٨٧ قُلْ مَن بِيَدِهِ مَلَكُوتُ كُلِّ شَيْءٍ وَهُوَ يُجِيرُ وَلَا يُجَارُ عَلَيْهِ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ٨٨ سَيَقُولُونَ لِلَّهِ قُلْ فَأَنَّى تُسْحَرُونَ٨٩

«ئېيتقىنكى: «زېمىن ۋە زېمىندىكى مەخلۇقاتلار كىمنىڭ، بىلەمسىلەر؟ ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھنىڭ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئويلاپ باقمايسىلەر؟». ئېيتقىنكى: «يەتتە ئاسماننىڭ رەببى ۋە ئۇلۇغ ئەرشنىڭ رەببى كىم؟». ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلمايسىلەر؟». ئېيتقىنكى: «ھەر نەرسىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولىدا تۇتۇۋاتقان، خالىغىنىنى قۇتقۇزىدىغان ۋە خالىمىغىنىنى ھېچكىم قۇتقۇزالمايدىغان كىم، بىلەمسىلەر؟». ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئالدىنىسىلەر؟».» – (23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 84 ~ 89 – ئايەتلەر).

ئەمدى، بۇ يەرگىچە بەرگەن ئايەتلەرگە ئاساسەن باشقا بىر سۇئال سوراپ باقايلى: ھەممە ئىشنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان ۋە ئاللاھقا يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە دېيىلگەندەك ئىشەنگەن بۇ ئىنسانلار نېمىشقا مۇشرىك ھېسابلاندى؟ ئۇلارنى مۇشرىك قىلغان زادى نېمە؟

بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى زۈمەر سۈرىسىنىڭ ئۈچىنچى ئايىتىدە تاپالايمىز. ئاللاھ تائالا ئۇ ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

﴿أَلَا لِلَّهِ الدِّينُ الْخَالِصُ وَالَّذِينَ اتَّخَذُوا مِن دُونِهِ أَوْلِيَاءَ مَا نَعْبُدُهُمْ إِلَّا لِيُقَرِّبُونَا إِلَى اللَّهِ زُلْفَى إِنَّ اللَّهَ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ فِي مَا هُمْ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي مَنْ هُوَ كَاذِبٌ كَفَّارٌ٣

«ئاگاھ بولۇڭلاركى، خالىس دىن ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھتىن غەيرىينى ۋەلىي قىلىۋالغانلار: «بىز ئۇلارغا پەقەت بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرسۇن دەپ ئىبادەت قىلىمىز» دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشىۋاتقان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ يالغانچىنى ۋە تۇزكورنى ھىدايەت قىلمايدۇ.» – (39 – سۈرە زۈمەر، 3 – ئايەت).

بۇ ئايەت نازىل بولۇش ئىتىبارى بىلەن تۇنجى بولۇپ مەككە مۇشرىكلىرىگە خىتاب قىلىدۇ. كۆرگىنىمىزدەك، ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىۋالغان بۇتلارغا، ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىن بولۇش مەقسىتىدە ئىبادەت قىلغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كۆرۈنۈشتە ئۇلارنىڭ نىيىتى نەقەدەر مەقبۇل ۋە مەسۇم بولسىمۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ نىيەت – مەقسەتلىرىگە ئەمەس، قىلمىشلىرىغا قاراپ ھۆكۈم بەرگەندۇر. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى بولسا، ئاللاھ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىغا ۋاسىتە قويۇپ، شېرىك گۇناھى ئىشلىمەكتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن يىراق ئەمەسلىكىنى، ئۇلارغا ھەر دائىم يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندۇر. ئاللاھ تائالا كىتابىنىڭ تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىدە خۇلاسە قىلىپ «ئۆزۈڭلار بىلەن مېنىڭ ئارامغا قەتئىي ۋاسىتە قويماڭلار!» دەپ بۇيرۇغاندۇر. مۇناسىۋەتلىك بىر ئايەت مۇنداق:

﴿اتَّبِعُوا مَا أُنزِلَ إِلَيْكُم مِّن رَّبِّكُمْ وَلَا تَتَّبِعُوا مِن دُونِهِ أَوْلِيَاءَ قَلِيلًا مَّا تَذَكَّرُونَ٣

«رەببىڭلاردىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئەگىشىڭلار، رەببىڭلارنى قويۇپ ۋەلىيلەرگە ئەگەشمەڭلار. بەك ئاز ئويلىنىسىلەر» – (7 – سۈرە ئەئراف، 3 – ئايەت).

ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئىنسانلارغا قانچىلىك يېقىن ئىكەنلىكىنى تۆۋەندىكى ئايەتتە مۇنداق ئىپادىلەيدۇ:

﴿وَلَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنسَانَ وَنَعْلَمُ مَا تُوَسْوِسُ بِهِ نَفْسُهُ وَنَحْنُ أَقْرَبُ إِلَيْهِ مِنْ حَبْلِ الْوَرِيدِ١٦

«ئىنساننى ھەقىقەتەن بىز ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا جان تومۇرىدىنمۇ يېقىنمىز» – (50 – سۈرە قاف، 16 – ئايەت).

شۇڭلاشقا بىزگە جان تومۇرىمىزدىنمۇ يېقىن رەببىمىز بىلەن ئارىمىزغا باشقا بىر مەۋجۇداتنى ۋاسىتە قىلساق، ئاللاھنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويغان بولىمىز. بۇ سەۋەبتىن ھېچكىم ئاللاھنى ئۆزىدىن يىراق دەپ ئويلاپ، ئونىڭغا تېخىمۇ يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئۇ قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغان بىر ۋاستىچىغا تايىنىشى ۋە بۇ ھەقتە ياخشى نىيەت/سەمىمىيەت باھانىسىغا ئېسىلىۋالماسلىقى كېرەك.

بىز يەنە بىر قىتىم سوراپ باقايلى؛ بىر ئىنساننىڭ قىلىدىغاننىڭ ھەممىنى قىلىپ بولۇپ «لېكىن مەنمۇ ئاللاھىمغا ئىشىنىمەن!» دېيىشى ئۇنى مۇشرىك بولۇشتىن قۇتقۇزالامدۇ؟ تىلغا ئېلىپ پۈتۈن ئايەتلەردىن كىيىن بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنىڭ ئېنىق بولغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

 بىلىپ بىلمەي دىندىكى ئەڭ چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدىغان «شېرىك كەلتۈرۈش» گۇناھىنى ئىشلىگەن مۇسۇلمانلارغا، تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر خاتىرلىتىلسا «بىزگە بۇ ئايەتلەرنى ئوقۇما! چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشرىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بىز بىلەن ئالاقىسى يوق!» دەپ جاۋاب بېرىشكە پىتىنىدۇ.

 ھالبۇكى، تارىختا ھەقىقى يۈز بەرگەن ۋە قۇرئاندا ئوخشىمىغان يەتتە سۈرىدە تىلغا ئېلىنغان ئادەم – ئىبلىس قىسسەسى ھەققىدە، «ئادەممۇ، ئىبلىسمۇ ھازىر ئارىمىزدا يوق، شۇڭلاشقا ئۇلار ھەققىدىكى ئايەتلەرنىڭ بىز بىلەن ئالاقىسى يوق» دېيىش مۇمكىنمۇ؟ شۇنىڭدەك جانابى ئاللاھ، بۇ قۇرئاننى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرگەن بولسىمۇ، نۇرغۇن يەردە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بىلەن قىلغان كۈرىشى ھەققىدە توختىلىدۇ. ھازىرقى بىر مۇسۇلمان بۇنىڭغا قاراپ «بىز يەھۇدى بولمىغاندىكىن ئۇ ئايەتلەر بىزگە خىتاب قىلمايدۇ، بىز بىلەن ئالاقىسى يوق» دېسە بولامدۇ؟ ئۇنداقتا، قۇرئان نېمىشقا بۇنداق ئايەتلەرنى تىلغا ئالىدۇ؟ چۈنكى قۇرئان، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى مۇشرىكلەرنى تىلغا ئالغاندا، ئۇ كۈندىكى مەككە مۇشرىكلىرىغا: «كۆرگىنىڭلاردەك، ھازىر سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار بىلەن بۇرۇن ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق!» دەيدۇ ۋە شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ پەقەت بۇرۇن ئۆتكەن ئىنسانلار ئارىسىدىلا كۆرۈنگەن بىر گۇناھ ئەمەسلىكىنى بايان قىلغان بولىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتتۇق دەپ قويۇپ، ئۇنىڭغا قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىغان يەھۇدىلەرنى چۈشەندۈرگەن ئايەتلەر مۇسۇلمانلارغا: «سىلەر قەتئىي ئۇلارنى دورىماڭلار ياكى قەتئىي ئۇلارغا ئوخشاش بولماڭلار» دەيدۇ. شۇڭلاشقا، مەككە مۇشرىكلىرىغا خىتاب قىلغان ئايەتلەر، 21-ئەسىردە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەرقانداق يېرىدە ئوخشاش خاتالىقنى قىلغان كىشىلەرگىمۇ خىتاب قىلىۋاتقان بولىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇ خاتالىقنى قىلغان كىشىنى ئاگاھلاندۇرغان ئايەتلەر، ھازىرمۇ ئوخشاش خاتالىقنى قىلغان كىشىنى – بۇ كىشى مۇسۇلمان بولسىمۇ- ئاگاھلاندۇرماقتا. ئۇنداقتا، بۇ ئەھۋالدا بولغان كىشىلەرنىڭ «ئۇ چاغدىكى مۇشرىكلەر ئۈچۈن نازىل بولغان ئايەتلەرنى ماڭا ئوقۇپ بەرمە!» دېيىش ھوقۇقى يوقتۇر. چۈنكى ئاللاھ بۇ ئايەتلەرنى قىيامەتكىچە تەتبىقلىنىدىغان قۇرئانغا قويغاندۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿الَّذِينَ آمَنُوا وَلَمْ يَلْبِسُوا إِيمَانَهُم بِظُلْمٍ أُولَئِكَ لَهُمُ الْأَمْنُ وَهُم مُّهْتَدُونَ٨٢«ئىمان ئېيتقان ۋە ئىمانىغا زۇلۇم[1] ئارىلاشتۇرمىغانلارغا خاتىرجەملىك بار. ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچى كىشىلەردۇر» – (6 – سۈرە ئەنئام، 82 – ئايەت).

ئايەتتىكى «ئىمان ئېيتقان ۋە ئىمانىغا زۇلۇم ئارىلاشتۇرمىغانلار» ئىپادىسىنى چۈشەنمىگەن مۇسۇلمانلار، ھاياتىدا ھېچقانداق خاتالىق سادىر قىلماي ياشاشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئەندىشىگە چۈشۈپ، بۇ ئايەتنى رەسۇلۇللاھتىن سورىغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئايەتتىكى «زۇلۇم ئارىلاشتۇرمىغانلار» ئىپادىسىنىڭ ھەممە ئىنسان قىلالايدىغان ئاددى بىر گۇناھ ئەمەس؛ ئىمانغا شېرىك ئارلاشتۇرۇش مەنىسىدە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ سىز ئويلىغان زۇلۇم ئەمەستۇر. بۇ يەردىكى «زۇلۇم» لوقماننىڭ ئوغلىغا ۋەسىيەت قىلىپ «ئى ئوغۇلچىقىم! ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن، چۈنكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ناھايىتى چوڭ زۇلۇمدۇر[2]»، دېگەن سۆزىدىكى زۇلۇمنى كۆرسىتىدۇ»-(بۇخارى، «ئەنبىيا»، 44).

ھەم ئەنئام سۈرىسى 82 – ئايەتتىن، ھەمدە رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ئايەت ھەققىدە بەرگەن ئىزاھىدىن ئىمانغا، شىرىككە ئوخشاش چوڭ گۇناھنىڭ ئارلىشىپ قىلىش ئېھتىمالى باردۇر. توغرا «ھەم ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش، ھەمدە بۇ ئىمانغا شېرىك ئارىلاشتۇرۇش!…» نۇرغۇنلىغان مۇسۇلماننىڭ ئەقلىدىن ئۆتمەيدۇ، بۇ ئىككى زىت نەرسە قانداقمۇ بىر يەردە بولسۇن؟ دەيدۇ. مانا بۇ تېڭىرقاش ئۇنى خاتالاشتۇرىدۇ. چۈنكى، ھاياتىدا ئاللاھ يوقتەك ياشاش ياكى ئۇنىڭغا ھەقىقى ئىشەنمەسلىك ياكى ئۇنى ئۆزىدىن يىراق دەپ ئويلاپ، ئوتتۇرىغا ۋاسىتىلەر قويۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشقا تىرىشىش؛ لېكىن بۇ ھەقتە سورالغاندا «لېكىن مەنمۇ ئاللاھقا ئىشىنىمەن!» دېيىش ئىمانغا شېرىك ئارىلاشتۇرغانلىق بولماي نېمە؟ مەككىلىك مۇشرىكلارنىڭ، مۇشرىك بولۇشىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل مۇشۇنداق ئىش قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر. بۇ چوڭ گۇناھ پەقەت شۇ چاغدا ياشىغان مۇشرىكلارغىلا خاسمۇ؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە.

خۇلاسە شۇكى، مۇسۇلمانلار ھەر زامان ھۇشيار ۋە ئاڭلىق بولۇشى، ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىگە ئۇيغۇن ياشىشى، ئۇنىڭغا شەك – شۈبھىسىز ئىشىنىشى؛ «ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا…. ئىشىنىڭلار…» – (4 – سۈرە نىسا، 136 – ئايەت) دېگەن بۇيرۇقنى ھەرگىز ئېسىدىن چىقارماسلىقى، ئۇنى ئۆزىگە جان تۇمۇرىدىنمۇ يېقىن دەپ بىلىشى، پۈتۈن تەلەپ – ئارزۇلىرىنى بىۋاستە ئۇنىڭغا سۇنۇشى؛ «بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا، مەن ئۇلارغا ناھايىتى يېقىن. مەن ماڭا دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن…» – (2 – سۈرە بەقەرە، 186 – ئايەت) دېگەن ئايەتكە چىن قەلبىدىن تەسلىم بولغانلىقىنى ئىپادىلىشى كېرەك.

«قانداقلا بولسۇن مەن ئاللاھ ئىشىنىمەن!» دەپ، باشباشتاقلىق قىلماسلىقىمىز، ئىمانىمىزغا شىرىك گۇناھىنى ئارىلاشتۇرماسلىقىمىز، ساغلام ئىمان ۋە سالىھ ئەمەللىرىمىز بىلەن «ئۇلارنىڭ تولىسى شېرىك كەلتۈرمەستىن ئاللاھقا ئىمان ئېيتمايدۇ» – (12 – سۈرە يۈسۈف، 106 – ئايەت) دېيىلگەن مەككىلىك مۇشرىكلارغا ئوخشىمايدىغان مۇئمىنلەر ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلىشىمىز كېرەك.     

[1] بۇ ئايەتتە زۇلۇم دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە زۇلۇم «ظلم» دۇر. بۇ ئايەتنىڭ بېشىدىكى ئايەت ۋە لۇقمان سۈرىسىنىڭ 13  – ئايىتىدىكى «شېرىك ھەقىقەتەن بۈيۈك زۇلۇمدۇر» دېگەن ئىپادە دالالەت قىلىدۇكى، بۇ زۇلۇمنىڭ مەنىسى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش دېگەن بولىدۇ.

[2] 31 – سۈرە لۇقمان، 13 – ئايەت.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ