مۇسۇلمانلار
قىز دوستۇم بىلەن بىر ئۆيدە تۇرسام بولامدۇ؟ 1

قىز دوستۇم بىلەن بىر ئۆيدە تۇرسام بولامدۇ؟

قىز دوستۇم بىلەن بىر ئۆيدە تۇرسام بولامدۇ؟

جاۋاب:

بولمايدۇ. چۈنكى قىز – ئوغۇل نىكاھلانمىغۇچە بىر بىرىگە يات ھېسابلىنىدۇ، بىر بىرىگە نامەھرەم بولىدۇ. ھېچقانداق سەۋەپ، نامەھرەم بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇشقا باھانە بولالمايدۇ. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە ۋە ھەدىس – شەرىپلەردە كەسكىن چەكلىمە بار. قۇرئان كەرىمنىڭ ئىسرا سۈرىسىنىڭ 32- ئايىتىدە: «زىناغا يېقىنلاشماڭلار! چۈنكى ئۇ، قەبىھ ئىشتۇر ۋە يامان يولدۇر» دېيىلگەن.

ھەدىس- شەرىپتە بولسا:«ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشى، ئۆزى ھالال بولمايدىغان ۋە يېنىدا مەھرىمى بولمىغان بىر ئايال بىلەن بىر جايدا يالغۇز قالمىسۇن. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، شەيتان ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۈچىنچىسى بولىدۇ.» دېيىلىدۇ. – (بۇ ھەدىس بۇخارى، مۇسلىم ۋە تىرمىزى قاتارلىق ھەدىس كىتاپلىرىدا زىكرى قىلىنىدۇ.)

بىر ئەرنىڭ بىر ناماھرەم ئايال بىلەن، بىر ئايالنىڭ بىر نامەھرەم ئەر بىلەن بىر جايدا يالغۇز قېلىشى زىناغا يېقىنلاشقانلىق، شۇنداقلا يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدسىلەرنى ئاياغ – ئاستى قىلغانلىق بولىدۇ.

يۇقارقى ئايەتتىكى «زىناغا يېقىنلاشماڭلار!» دېگەن ئىپادە، ماي ئىسكىلاتلىرىغا چاپلانغان «ئوت بىلەن يېقىنلاشماڭلار!» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشقا ئوخشايدۇ. سىزنىڭ سوئالىڭىز «ماي ئىسكىلاتىغا ئوت قويمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئوت بىلەن يېقىنلاشسام بولامدۇ؟» دېگەن سوئال بىلەن ئوخشاشتۇر. ماي ئىسكىلاتىغا ئوت بىلەن يېقىنلاشقان كىشىنىڭ ئىسكىلاتقا ئوت قويماسلىقى قولىدىن كەلمىگەندەك، ئىككى پەرقلىق جىنس يالغۇز بىر جايدا تۇرسا، مەيدانغا كېلىدىغان ئاقىۋەتكە ئىگە بولالمايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزى ياراتقان ئىنساننى ئۆزى ئۇبدان بىلىدىغان ياراتقۇچى، ئىش يامان يەرگە بېرىپ قېلىشتىن بۇرۇن ئىشنىڭ ئالدىنى ئالغان ۋە باشتىلا دىققەت قىلىشنى پەرز قىلغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر