مۇسۇلمانلار
ئىسلامدا زىنانىڭ جازاسى 3 1

ئىسلامدا زىنانىڭ جازاسى 3

5 – رەجم جازاسىنىڭ نەسخ قىلىنىشى (ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا زىنا جازاسى توغرۇلۇق دەسلەپتە نازىل بولغان ئايەت نىسا سۈرىسىنىڭ 15- ۋە 16- ئايەتلىرىدۇر. بۇ ئايەتلەر زىنا جىنايىتى ئۈچۈن يېڭى بىر جازا بەلگىلەيدۇ، شۇنداقلا بۇرۇنقى رەجم جازاسىنى نەسخ قىلىدۇ. يەنى ئۇ ئايەتلەردە بەلگىلەنگەن يېڭى جازا بىلەن بۇرۇنقى ئۆلۈم (رەجم) جازاسى  ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇ ئايەتلەردە مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَاللَّاتِي يَأْتِينَ الْفَاحِشَةَ مِن نِّسَائِكُمْ فَاسْتَشْهِدُوا عَلَيْهِنَّ أَرْبَعَةً مِّنكُمْ فَإِن شَهِدُوا فَأَمْسِكُوهُنَّ فِي الْبُيُوتِ حَتَّى يَتَوَفَّاهُنَّ الْمَوْتُ أَوْ يَجْعَلَ اللَّهُ لَهُنَّ سَبِيلًا١٥ وَاللَّذَانِ يَأْتِيَانِهَا مِنكُمْ فَآذُوهُمَا فَإِن تَابَا وَأَصْلَحَا فَأَعْرِضُوا عَنْهُمَا إِنَّ اللَّهَ كَانَ تَوَّابًا رَّحِيمًا١٦﴾

«ئاياللىرىڭلاردىن پاھىشە[1] قىلغۇچىلارنىڭ جىنايىتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، سىلەردىن تۆت كىشىنىڭ ئۇلارغا قارشى گۇۋاھچى بولۇشىنى تەلەپ قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلار گۇۋاھلىق بەرسە ئۇ ئاياللارنى ئۆلۈپ كەتكىنىگە قەدەر ياكى ئاللاھ ئۇلارغا چىقىش يولى بەرگەنگە قەدەر ئۆيلەردە تۇتۇڭلار. سىلەردىن ئۇ پاھىشىنى قىلغۇچى ھەر ئىككى كىشىگە تاپا – تەنە قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلسا، ئۇلارغا تاپا – تەنە قىلىشتىن توختاڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.» – (4 – سۈرە نىسا، 15 – 16 – ئايەتلەر).

بۇ ئايەتلەردىكى يېڭى جازالار تۆۋەندىكىچە:

1) زىنا قىلغان ئاياللارغا ئۆمۈر بويى قاماققا ئېلىش ۋە تەۋبە قىلىپ تۈزەلگۈچىلىك ئازار بېرىش جازاسى بېرىلىدۇ.

2) زىنا قىلغان ئەرلەرگە تەۋبە قىلىپ تۈزەلگۈچىلىك ئازار بېرىش جازاسىلا بېرىلىدۇ.

دېمەك، ئاياللارغا ئىككى جازا، ئەرلەرگە بىر جازا بېرىلىدۇ .

بىرىنچى ئايەتنىڭ «…ياكى ئاللاھ ئۇلارغا بىر چىقىش يولى بەرگۈچىلىك…» دېگەن قىسمى، بۇ جازالارنىڭ كېيىنچە تېخىمۇ يەڭگىل بىر جازانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەت ياكى ئايەتلەرنىڭ نازىل قىلىنىشى بىلەن نەسخ قىلىنىدىغانلىقىنى (ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى) كۆرسىتىدۇ.

يەنى ئاللاھ تائالا بۇئىككى ئايەتنى نازىل قىلىش بىلەن ھەم تەۋراتتىكى زىنا جازاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەرنى نەسخ قىلىدۇ، ھەم كېيىنچە بۇ ئىككى ئايەتنىمۇ نەسخ قىلىپ زىنا جىنايىتىگە تېخىمۇ يەڭگىل بىر جازانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەت ياكى ئايەتلەر نازىل قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

دەرۋەقە بىرمۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن ئاللاھ تائالا بۇ توغرىدا نۇر سۈرىسىنىڭ ئىككىنچى ئايىتىنى نازىل قىلىپ، يۇقىرىدىكى ئىككى ئايەتنى (نىسا سۈرىسىنىڭ 15 – ۋە -16   ئايەتلىرىنى) نەسخ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇ ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

﴿الزَّانِيَةُ وَالزَّانِي فَاجْلِدُوا كُلَّ وَاحِدٍ مِّنْهُمَا مِائَةَ جَلْدَةٍ وَلَا تَأْخُذْكُم بِهِمَا رَأْفَةٌ فِي دِينِ اللَّهِ إِن كُنتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَلْيَشْهَدْ عَذَابَهُمَا طَائِفَةٌ مِّنَ الْمُؤْمِنِينَ٢﴾

«زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار. ئاللاھنىڭ دىنىنى ئىجرا قىلىشتا ئۇلارغا ئىچىڭلار ئاغرىپ قالمىسۇن، ئەگەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن بولساڭلار. مۇئمىنلاردىن بىر جامائە ھازىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئازابلىنىشىنى كۆزلىرى بىلەن كۆرسۇن» – (24 – سۈرە نۇر، 2 – ئايەت).

بۇ ئايەت، ئەر- ئايال، توي قىلغان – توي قىلمىغان دەپ ھېچ ئايرىماستىن زىنا قىلغۇچىنىڭ جازاسىنى يۈز دەررە قىلىپ بېكىتىدۇ. بۇ جازا، نىسا سۈرىسىدە ئۆتكەن ئۆمۈر بويى قاماقتا يېتىشتىن ۋە ئۆزىنى ئىسلاھ قىلغانلىقى پەرەز قىلىنغانغا قەدەر ئازار ئىشىتىشتىن يەڭگىلدۇر، شۇنداقلا «بىر چىقىش يولى» دۇر. تۆۋەندىكى رىۋايەتلەرمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ:

ئا- زەيد ئىبنى ئەسلەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا بىر كىشى ئۆزىنىڭ زىنا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى ئۇرۇش ئۈچۈن بىر قامچا تەلەپ قىلدى. ئىشلىتىلىپ كونىراپ كەتكەن بىر قامچا كەلتۈرۈلگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇنىڭدىن ئۇبدانراقىنى» دېدى. ھېچ ئىشلىتىلمىگەن يېڭى بىر قامچا كەلتۈرۈلگەن ئىدى، «بۇنىڭدىن تۆۋەنراقىنى» دېدى. بۇ قېتىم بىرئاز ئىشلىتىلگەن ۋە يۇمشىغان بىر قامچا كەلتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمر قىلدى، ئۇ كىشى قامچىلاندى. ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:

«ئى ئىنسانلار! سىلەرنىڭ، ئاللاھ بەلگىلىگەن جازالاردىن يىراق تۇرۇشۇڭلارنىڭ ۋاقتى كەلدى. كىم بۇ قەبىھ ئىشلاردىن بىرىنى قىلسا، ئاشكارا قىلمىسۇن، تەۋبە قىلىپ ئاللاھنىڭ مەغىپىرىتىگە سېغىنسۇن. چۈنكى كىم بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىپ گۇناھىنى ئېتىراپ قىلسا، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئىجرا قىلىمىز»- (مۇۋەتتا، «ھۇدۇد»، 2/12).

بۇ ھادىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ كىشىگە توي قىلىپ-قىلمىغانلىقىنى ھېچ سۈرۈشتە قىلماستىنلا يۈز قامچا ئۇرۇشقا ئەمر قىلىشى، ئاندىن ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئىجرا قىلغانلىقىنى سۆزلىشى پۈتۈن شۈبھىلەرنى يوق قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان كىتابىدا زىنا جىنايىتى ئۈچۈن «يۈز دەررە ئۇرۇش» دىن باشقا جازا يوقتۇر.

ئە- شەيبانىي مۇنداق دەيدۇ: مەن، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ئەۋفادىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رەجم قىلغانمۇ؟ دەپ سورىغان ئىدىم. ئۇ، ھەئە، دېدى. مەن، نۇر سۈرىسى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرىمۇ، كېيىنمۇ؟ دېگەن ئىدىم. ئۇ، بىلمەيمەن، دېدى[2].».

6- خۇلاسە

بىر قىسىم كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نىسا سۈرىسىنىڭ 15- ۋە 16- ئايەتلىرى نازىل بولۇشتىن بۇرۇن رەجم قىلغانلىقىنى بايان قىلىدىغان رىۋايەتلەرگە ئاساسلىنىپ، نۇر سۈرىسىنىڭ ئىككىنچى ئايىتىدە بەلگىلەنگەن جازانىڭ پەقەت توي قىلمىغان زىنا قىلغۇچىلارغا خاس ئىكەنلىكىنى، قۇرئان كەرىمدە توي قىلغان زىنا قىلغۇچىلارغا بىر جازا بەلگىلەنمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توي قىلغان زىنا قىلغۇچىلارغا رەجم جازاسى بېرىلىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ھالبۇكى، قۇرئان كەرىمدە زىنا قىلغان كىشىگە رەجم جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىرمۇ ئايەت يوق. بۇ مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى بىربىرى بىلەن باغلاپ ئانالىز قىلغان ۋاقتىمىزدا، توي قىلغان زىنا قىلغۇچىلارغىمۇ «يۈز دەررە ئۇرۇش»تىن باشقا جازا بېرىلمەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

مەسىلەن: بۇ مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى ئۈچ ئايەتكە قاراپ باقايلى:

1– ئاللاھ تائالا نۇر سۈرىسىنىڭ 8 – ئايىتىدە زىنا بىلەن قارىلانغان ئايالنىڭ ئازاپ (زىنا جازاسى)دىن قۇتۇلىشىنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ:

﴿٧ وَيَدْرَأُ عَنْهَا الْعَذَابَ أَن تَشْهَدَ أَرْبَعَ شَهَادَاتٍ بِاللَّهِ إِنَّهُ لَمِنَ الْكَاذِبِينَ٨﴾

«زىنا بىلەن قارىلانغان ئايالنىڭ تۆۋەندىكىدەك گۇۋاھلىق بېرىشى ئۇنى ئازابتىن ساقلاپ قالىدۇ: ‏تۆت قېتىم: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئېرىم ھەقىقەتەن يالغانچىلاردىندۇر» دەيدۇ‏» – (24 – سۈرە نۇر، 8- ئايەت).

بۇ ئايەتتە ئۆتكەن «ئازاب» بىلەن 2- ئايەتتە (24/2)  ئۆتكەن «ئەزابەھۇما -عَذَابَهُمَا» ئىپادىسىدىكى «ئازاب» ئوخشاش بىر ئازاب (جازا)دۇر؛ چۈنكى يۇقىرىدىكى ئايەتتە ئازاب «الْعَذَاب» ئىپادىسى، ئېنىقلقنى بىلدۈرىدىغان ئەل «ال» قۇشۇمچىسى بىلەن بىللە كەلگەن بولۇپ، سۆزلەرگە بۇ قۇشۇمچە قوشۇلۇپ كەلگەندە، شۇ سۆزنىڭ ئەينىسىنىڭ ياكى مەنىسىنىڭ باشتا ئۆتكەنلىكىنى ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ زېھنىدە بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دەرۋەقە، ئاللاھ تائالا  2 – ئايەتتە زىنا قىلغان ئەر-ئايالنىڭ ھەر بىرىنى «يۈز دەررە» دىن ئۇرۇش كېرەكلىكىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، بۇنىڭ «ئازاب» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن 8- ئايەتتىكى ئەلئەزابە «الْعَذَابَ»، 2 – ئايەتتە ئۆتكەن يۈز دەررە ئۇرۇش جازاسىدىن باشقا نەرسە بولمايدۇ. دېمەك، توي قىلىپ بولغان ئايالنىڭ جازاسىمۇ يۈز دەررە ئۇرۇشتۇر. چۈنكى ئېرى تۆھمەت قىلغان ئايال، توي قىلغان ئايال دېمەكتۇر.

2- ياتلىق قىلىنغان چۆرىلەر زىنا قىلسا، ئۇلارغا زىنا قىلغان ھۆر ئاياللارغا بېرىلىدىغان جازانىڭ يېرىمىنى بېرىشنىڭ لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئايەت:

﴿… فَإِذَا أُحْصِنَّ فَإِنْ أَتَيْنَ بِفَاحِشَةٍ فَعَلَيْهِنَّ نِصْفُ مَا عَلَى الْمُحْصَنَاتِ مِنَ الْعَذَابِ …٢٥﴾

«…. ئۇلار (چۆرىلەر) ياتلىق قىلىنغاندىن كېيىن پاھىشە قىلسا، ئۇلارغا ھۆر ئاياللارغا بېرىلىدىغان ئازابنىڭ يېرىمى بېرىلىشى كېرەك[3]…» – (4 – سۈرە نىسا، 25 – ئايەت).

توي قىلغاندىن كېيىن زىنا قىلغان ھۆر ئاياللارغا بېرىلىدىغان جازا، رەجم  بولىدىغان بولسا، ئۇ چۆرىلەرنىڭ جازاسى ئۇنىڭ يېرىمى بولمايتتى. چۈنكى رەجم (تاش ئېتىپ ئۆلتۈرۈش) نىڭ يېرىمى بولمايدۇ. 

3- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ ئاياللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت:

﴿يَا نِسَاءَ النَّبِيِّ مَن يَأْتِ مِنكُنَّ بِفَاحِشَةٍ مُّبَيِّنَةٍ يُضَاعَفْ لَهَا الْعَذَابُ ضِعْفَيْنِ وَكَانَ ذَلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرًا٣٠﴾

«ئى نەبىينىڭ ئاياللىرى! سىلەردىن كىم ئاشكارا پاھىشە قىلسا، ئۇنىڭ ئازابى ئىككى ھەسسىگە كۆپەيتىلىدۇ. بۇ ئاللاھقا بەك ئاساندۇر» – (33 – سۈرە ئەھزاب، 30 – ئايەت).

«پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن توي قىلغان ۋە ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان ئاياللار» دېگەن بولىدۇ. بۇ ئايەتكە ئاساسەن ئەگەر بۇلاردىن بىرى پاھىشە قىلسا، ئۇنىڭغا، پاھىشە قىلغان باشقا ئاياللارغا بېرىلىدىغان جازانىڭ ئىككى ھەسسىسى بېرىلىدۇ. ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى ھەسسە قىلغىلى بولمايدۇ. لېكىن يۈز دەررىنى ئىككى ھەسسە قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئايەتتە ئۆتكەن ئەلئەزابۇ «الْعَذَاَبُ»  كەلىمىسىمۇ نۇر سۈرىسىنىڭ 2- ئايىتىدىكى «يۈز دەررە» جازاسىنى كۆرسىتىدۇ.

خۇلاسە شۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زىنا جىنايىتى ئۈچۈن تەۋراتقا ئاساسەن بەرگەن رەجم جازاسى، نىسا سۈرىسىنىڭ 15- ۋە 16- ئايەتلىرىدە بايان قىلىنغان ئۆمۈر بويى قاماققا ئېلىش ۋە تەۋبە قىلىپ تۈزەلگەنگە قەدەر ئازار بېرىش جازاسى بىلەن نەسخ قىلىنىدۇ. نىسا سۈرىسىنىڭ 15- ۋە 16- ئايەتلىرىدە بەلگىلەنگەن ئۆمۈر بويى قاماققا ئېلىش ۋە تەۋبە قىلىپ تۈزەلگەنگە قەدەر ئازار بېرىش جازاسى، نۇر سۈرىسىنىڭ 2- ئايىتىدىكى «يۈز دەررە ئۇرۇش» جازاسى بىلەن نەسخ قىلىنىدۇ.

نۇر سۈرىسىنىڭ 2- ئايىتىدە زىنا جىنايىتى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن جازا، «زىنا قىلغان ئەر-ئايالدىن ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇش» تۇر. يەنى قۇرئان كەرىمدە زىنا جىنايىتىنىڭ بىرلا جازاسى بار. ئۇ بولسا، «يۈز دەررە ئۇرۇش» جازاسىدۇر.

مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر

[1]   «پاھىشە»نىڭ مەنىسى قەبىھ گۇناھ بولۇپ بۇ يەردە زىنا كۆزدە تۇتۇلىدۇ.‏

[2]  بۇخارى، «ھۇدۇد»، 21.

[3]  بۇ يەردىكى «ئازاب» ئېنىق ئىسىم (مەرىپە) بولۇپ، 24  – سۈرە نۇرنىڭ 2 – ئايىتىدە بايان قىلىنغان «ئازاب»نى كۆرسىتىدۇ.‏

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر