مۇسۇلمانلار
ئىسلامدا زىنانىڭ جازاسى 2 1

ئىسلامدا زىنانىڭ جازاسى 2

2- تەۋراتتا زىنا جازاسى:

«باشقىسىنىڭ خوتۇنى بىلەن زىنا قىلغان كىشى، قوشنىسىنىڭ خوتۇنى بىلەن زىنا قىلغان كىشى ۋە ئۇ خوتۇنلار چوقۇم ئۆلتۈرۈلىدۇ. دادىسىنىڭ خوتۇنى بىلەن بىللە ياتقان كىشى، دادىسىنىڭ ئەۋرىتىنى ئاچقان بولىدۇ. ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئىككىلىسى ئۆلۈمگە لايىقتۇر. بىر كىشى كېلىنى بىلەن بىللە ياتسا، ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ قىلمىشى ھەقىقەتەن رەزىللىكتۇر. ئىككىلىسى ئۆلۈمگە لايىقتۇر.  بىر ئەر كىشى باشقا بىر ئەر كىشى بىلەن، ئايال كىشى بىلەن بىللە ياتقاندەك بىللە ياتسا، ئىككىلىسى قەبىھ ئىش قىلغان بولىدۇ. ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئىككىلىسى ئۆلۈمگە لايىقتۇر»- (لاۋىين (لاۋىيلىقلار) 20- باب).

«ياتلىق قىلىنغان بىر قىزنى ئېرى قىز ئەمەسكەن دېسە ۋە بۇ سۆزنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلانسا، يۇرت خەلقى ئۇ قىزنى دادىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تاش ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ.  بىر كىشى باشقا بىر كىشى بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشكەن بىر قىزنى شەھەردە ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتسا، ئىككىلىسىنى ئۇ شەھەرنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا ئېلىپ چىقىپ تاش ئېتىپ ئۆلتۈرۈڭلار»- (تەسنىيە 22- باب).

3- ئىنجىلدا زىنا جازاسى:

«ئىيسا زەيتۇن تېغىغا چىقىپ كەتتى. ئەتىسى سەھەردە، ئۇ يەنە مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كەلدى. پۈتۈن جامائەت ئۇنىڭ يېنىغا كېلىۋالغان ئىدى. ئۇ ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى. شۇ چاغدا بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان بىر ئايالنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلار ئايالنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ھەزرىتى ئىيسادىن:

– ئۇستاز! بۇ ئايال زىنا ئۈستىدە تۇتۇۋېلىندى. مۇسا پەيغەمبەر تەۋرات قانۇنىدا زىنا قىلغان ئاياللارنى تاش ئېتىپ ئۆلتۈرۈشنى بۇيرۇغان. سىزچە قانداق قىلىش كېرەك؟- دەپ سوراشتى.

ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى غەرىزى ھەزرىتى ئىيسانى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، ئۇنى گۇناھكار دەپ ئەيىپلەشكە باھانە ئىزدەش ئىدى. بىراق ھەزرىتى ئىيسا ئېڭىشىپ، قولى بىلەن يەرگە بىر نېمىلەرنى يازغىلى تۇردى. ئۇلار شۇ سوئالنى سوراۋەردى. شۇڭا ھەزرىتى ئىيسا رۇسلىنىپ ئۇلارغا: – ئاراڭلاردا كىم گۇناھسىز بولسا، بۇ ئايالغا بىرىنچى تاشنى شۇ ئاتسۇن- دېدى. ئاندىن يەنە ئېڭىشىپ، يەرگە يېزىشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن كېيىن باشقىلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتى. ئاخىرىدا، ھەزرىتى ئىيسا ئالدىدا ئۆرە تۇرغان ھېلىقى ئايال بىلەن يالغۇز قالدى. ھەزرىتى ئىيسا رۇسلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا: – خانىم! سىزنى شىكايەت قىلغانلار قېنى؟ سىزنى جازالايدىغان ئادەم چىقمىدىمۇ؟- دېدى. – چىقمىدى، ھەزرەتلىرى- دېدى ئايال. ھەزرىتى ئىيسا: – مەنمۇ سزنى جازالىمايمەن. قايتىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن گۇناھ قىلماڭ!- دېدى»- (يۇھاننا 8- باب).

ئىيسا ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزى بىلەن تەۋراتتىكى رەجم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرمىغان. لېكىن گۇناھكار ئىنسانلارنىڭ خەۋىرى ۋە شاھىتلىقىغا ئاساسلىنىپ بۇنداق ئېغىر بىر جازانى ئىجرا قىلمىغان. چۈنكى ئۇنىڭ تەۋرات توغرىسىدا تۆۋەندىكى سۆزلىرى بايان قىلىنىدۇ:

«مېنى تەۋرات قانۇنىنى ياكى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازغانلىرىنى بىكار قىلغىلى كەلدى دەپ قالماڭلار. مەن بىكار قىلغىلى ئەمەس، بەلكى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى كەلدىم»- (مەتتا 5 – باب).

4- پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەتبىقاتى:

ئا- بەرائىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن يۈزى كۆمۈر بىلەن قارايتىلغان ۋە دەررە ئۇرۇلغان بىر يەھۇدىي ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى چاقىرىپ: «كىتابىڭلاردا زىنا قىلغۇچىغا بەلگىلەنگەن جازا مۇشۇنداقمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «ھەئە» دېدى.

ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئالىملىرىدىن بىرىنى چاقىردى ۋە: «تەۋراتنى مۇساغا نازىل قىلغان ئاللاھ ھەققى سوراۋاتىمەن، كىتابىڭلاردا زىنا قىلغۇچىغا بەلگىلەنگەن جازا مۇشۇنداقمۇ؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالىم مۇنداق دېدى:

«ياق، ئەگەر مەندىن بۇنداق سورىمىغان بولساڭ، ساڭا ئېيتىپ بەرمەيتتىم. كىتابىمىزدا زىنا قىلغۇچىغا بەلگىلەنگەن جازا رەجمدۇر. لېكىن زىنا شەرەپلىك كىشىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن شەرەپلىك بىرىنى بۇ گۇناھ بىلەن تۇتۇۋالساق قويۇۋېتىدىغان، ئاجىزنى تۇتۇۋالساق بەلگىلەنگەن جازانى ئىجرا قىلىدىغان بولدۇق. ئاندىن ئۆزئارىمىزدا: ‹كېلىڭلار، شۇنداق بىر جازا ئۈستىدە بىرلىشەيلىكى، ئۇنى شەرەپلىككىمۇ، ئاجىزغىمۇ ئوخشاشلا ئىجرا قىلايلى› دېيىشىپ، رەجم جازاسىنىڭ ئورنىغا يۈزىنى كۆمۈر بىلەن قارايتىپ، دەررە ئۇرۇش جازاسىنى بېكىتتۇق».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ گەپنى ئاڭلاپ: «ئى ئاللاھ! ئۇلار ئۆلتۈرگەن ئەمرىڭنى تۇنجى تىرىلدۈرگەن كىشى مەن بولاي» دېدى ۋە رەجم جازاسىنى ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇدى، زىنا قىلغۇچى رەجم قىلىندى. ئاندىن ئاللاھ تائالا تۆۋەندىكى ئايەتنى نازىل قىلدى:

﴿يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ لَا يَحْزُنكَ الَّذِينَ يُسَارِعُونَ فِي الْكُفْرِ مِنَ الَّذِينَ قَالُوا آمَنَّا بِأَفْوَاهِهِمْ وَلَمْ تُؤْمِن قُلُوبُهُمْ وَمِنَ الَّذِينَ هَادُوا سَمَّاعُونَ لِلْكَذِبِ سَمَّاعُونَ لِقَوْمٍ آخَرِينَ لَمْ يَأْتُوكَ يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ مِن بَعْدِ مَوَاضِعِهِ يَقُولُونَ إِنْ أُوتِيتُمْ هَذَا فَخُذُوهُ وَإِن لَّمْ تُؤْتَوْهُ فَاحْذَرُوا وَمَن يُرِدِ اللَّهُ فِتْنَتَهُ فَلَن تَمْلِكَ لَهُ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا أُولَئِكَ الَّذِينَ لَمْ يُرِدِ اللَّهُ أَن يُطَهِّرَ قُلُوبَهُمْ لَهُمْ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ٤١﴾

«ئى ئەلچى! كۇفرىلىقتا بەسلىشىدىغانلار سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. ئۇلار قەلبلىرى ئىمان ئېيتمىغان تۇرۇپ، ئېغىزلىرى بىلەن «ئىمان ئېيتتۇق» دېگەنلەر ۋە يەھۇدىيلاردۇر. ئۇلار يالغانغا قۇلاق سالغۇچىلاردۇر، ساڭا كەلمىگەن باشقا بىر قەۋمگە قۇلاق سالغۇچىلاردۇر. ئۇلار كەلىمىلەرنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلايدۇ، «ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلسە، ئۇنى تۇتۇڭلار. ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلمىسە ساقلىنىڭلار» دەيدۇ. ئاللاھ بىر كىشىنى ئېزىپ كېتىشىنى ئىرادە قىلسا، سەن ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھقا قارشى ھېچ نەرسە قىلالمايسەن. ئەنە شۇلار ئاللاھ قەلبلىرىنى پاكلاشنى ئىرادە قىلمىغان كىشىلەردۇر. ئۇلارغا دۇنيادا رەسۋاچىلىق، ئاخىرەتتە چوڭ ئازاب بار» – (5 – سۈرە مائىدە، 41 – ئايەت).

ئۇلار ئۆزئارا: «مۇھەممەدنىڭ يېنىغا بېرىڭلار. ئەگەر ئۇ سىلەرنى، يۈزىنى كۆمۈر بىلەن قارايتىپ، دەررە ئۇرۇشقا بۇيرۇسا قوبۇل قىلىڭلار؛ ئەگەر رەجم قىلىشقا بۇيرۇسا قوبۇل قىلماڭلار» دېيىشەتتى.

شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا تۆۋەندىكى ئايەتلەرنى نازىل قىلدى:

«ئاللاھنىڭ نازىل قىلغىنى بىلەن ھۆكۈم قىلمىغانلار كاپىرلاردۇر»،

«ئاللاھنىڭ نازىل قىلغىنى بىلەن ھۆكۈم قىلمىغانلار زالىملاردۇر»،

«ئاللاھنىڭ نازىل قىلغىنى بىلەن ھۆكۈم قىلمىغانلار پاسىقلاردۇر[1]».

ئە- يەھۇدىيلاردىن بىر ئەر بىلەن بىر ئايال زىنا قىلغان ئىدى. ئۇلار ئۆزئارا مۇنداق دېيىشتى:

«شۇ پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا بارايلى. چۈنكى ئۇ يەڭگىللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەردۇر. ئەگەر ئۇ بىزگە رەجمدىن باشقا بىر پەتىۋا بەرسە قوبۇل قىلىمىز ۋە ئۇنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا دەلىل قىلىپ: ‹بۇ، پەيغەمبەرلىرىڭدىن بىر پەيغەمبەرنىڭ پەتىۋاسىدۇر›دەيمىز».

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتتە ساھابىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراتتى. ئۇلار كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئى ئەبۇلقاسىم! زىنا قىلغان ئەر-ئايال ھەققىدە قانداق ھۆكۈم چىقىرىسەن؟» دېدى.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، ئۇلارنىڭ بەيتى مىدراسىغا (تەۋرات ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۆيىگە) كەلگەنگە قەدەر ئۇلارغا ھېچ نەرسە دېمىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ: «تەۋراتنى مۇساغا نازىل قىلغان ئاللاھ ھەققى بىلەن سورايمەنكى، توي قىلغانلار زىنا قىلسا، ئۇلارغا تەۋراتتا قانداق جازا بار؟» دېدى. ئۇلار: «يۈزى كۆمۈر بىلەن قارايتىلىدۇ، ئىككىسى ئارقىسى ئارقىسىغا قىلىنىپ، بىر ئىشەككە مىندۈرۈلۈپ، سازايى قىلىنىپ، دەررە ئۇرۇلىدۇ» دېيىشتى. لېكىن ئۇلاردىن ياش بىر كىشى ھېچ نەرسە دېمىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ سۈكۈت قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ: «تەۋراتنى مۇساغا نازىل قىلغان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەنكى، توي قىلغانلار زىنا قىلسا، ئۇلارغا تەۋراتتا قانداق جازا بار؟» دېگەن سوئالىنى قايتا سورىدى. ئۇ ياش كىشى: «ۋاي ئاللاھ، سەن بىزدىن ئاللاھنىڭ نامىنى تىلىڭغا ئېلىپ تۇرۇپ سورىغانلىقىڭ ئۈچۈن ئېيتىپ بېرىمەن: تەۋراتتا رەجم جازاسى بار» دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئەرزان ھېسابلىشىڭلارنىڭ دەسلىپى قانداق بولغان؟» دەپ سورىدى. ياش كىشى مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:

«پادىشاھلىرىمىزدىن بىرىنىڭ تۇغقىنى زىنا قىلغان ئىدى، پادىشاھ ئۇنىڭدىن رەجمنى كېچىكتۈردى. كېيىن خەلقتىن بىرى زىنا قىلغان ئىدى، پادىشاھ ئۇنى رەجم قىلماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قەۋمى ئارىغا كىرىپ: ‹سەن تۇغقىنىڭنى ئېلىپ كىلىپ رەجم قىلمىغۇچە، بىزنىڭ تۇغقىنىمىز رەجم قىلىنمايدۇ› دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز ئارىلىردا زىنا قىلغۇچىغا بۇ جازانى بېرىشكە كېلىشتى».

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ گەپنى ئاڭلاپ: «مەن، چوقۇم تەۋراتتىكى ھۆكۈم بويىچە ھۆكۈم قىلىمەن» دېدى. ئارقىدىنلا ئەمر قىلدى، ئۇ ئىككى كىشى رەجم قىلىندى.

بۇ ھەدىسنىڭ راۋىلىرىدىن زۆھرىي؛ «شۈبھىسىزكى، بىز تەۋراتنى نازىل قىلدۇق. ئۇنىڭدا ھىدايەت ۋە نۇر بار. ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنغان نەبىيلەر يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىدۇ…» – (5 – سۈرە مائىدە، 44 – ئايەت). دېگەن ئايەت ھەققىدە:

بىزگە بۇ ئايەتنىڭ يەھۇدىلار ھەققىدە نازىل بولغانلىقى يېتىپ كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئۇ نەبىيلەرنىڭ بىرىدۇر[2]»، دەيدۇ.

ب- ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: يەھۇدىيلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا زىنا قىلغان يەھۇدىي ئەر – ئايالنى ئېلىپ كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «كىتابىڭلاردا قانداق ھۆكۈم بار؟» دېدى. ئۇلار: «ئالىملىرىمىز يۈزىنى كۆمۈر بىلەن قارايتىپ ئۇلاغقا تەتۇر مىندۈرۈشنى پەيدا قىلدى» دېدى.

ئابدۇللاھ ئىبنى سالام (مۇسۇلمان بولغان بىر يەھۇدىي ئالىم) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «يا رەسۇلەللاھ! ئۇلاردىن تەۋراتنى تەلەپ قىلسىلا» دېدى. شۇنىڭ بىلەن تەۋرات كەلتۈرۈلدى.

ئۇلارنىڭ بىرى تەۋراتنى ئېچىپ، رەجم ئايىتىنىڭ ئۈستىدە قولىنى قويۇپ تۇرۇپ، ئۈستىنى ۋە ئاستىنى ئوقۇغىلى تۇردى. ئابدۇللاھ ئىبنى سالام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا: «قولۇڭنى كۆتۈر!» دېدى. ئۇ كىشى قولىنى كۆتۈرگەن ئىدى، رەجم ئايىتى ئۇنىڭ قولى قويۇلغان يەردە كۆرۈندى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زىنا قىلغان ئۇ ئەر- ئايال توغرۇلۇق ئەمر قىلدى، ئىككىسى رەجم قىلىندى[3]».

خۇلاسە

يۇقىرىدىكى ھەدىسلەردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، رەجم جازاسىنىڭ تەۋراتتىكى ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن زىنا قىلغۇچىلارغا ئۇ جازانى بەرگەنلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ .تۆۋەندىكى ئايەت بىلەن ھەدىسمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ:

ئا- ئايەت:

﴿وَكَيْفَ يُحَكِّمُونَكَ وَعِندَهُمُ التَّوْرَاةُ فِيهَا حُكْمُ اللَّهِ ثُمَّ يَتَوَلَّوْنَ مِن بَعْدِ ذَلِكَ وَمَا أُولَئِكَ بِالْمُؤْمِنِينَ٤٣﴾

«ئى مۇھەممەد! ئۇلار سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا قانداقمۇ تەكلىپ قىلسۇن؟ ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ يېنىدا تەۋرات بار، تەۋراتتا ئاللاھنىڭ ھۆكمى بار! ئاندىن ئۇلار سەن ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن ھۆكمىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ. ئەنە شۇلار ھەرگىزمۇ مۇئمىن ئەمەس[4]» – (5 – سۈرە مائىدە، 43 – ئايەت).

بۇ ئايەت تەۋراتتىكى، زىنا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق – ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. چۈنكى يەھۇدىيلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلغان مەسىلە زىنا مەسىلىسىدۇر. بۇ ئايەت، ئۇلارنىڭ يېنىدىكى تەۋراتتا بۇ مەسىلە توغرۇلۇق بولغان ھۆكۈمنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئىكەنلىكىنى، ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلىشىنىڭ ئەجەبلىنەرلىك بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

ئەسلىدە يەھۇدىيلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىشى، ئۇنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ قوبۇل قىلغانلىقتىن ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزلىرىنىڭ كىتابىدىكى ھۆكۈمدىن قېچىش ئۈچۈن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئەۋەتكەن ئادەملىرىگە: «… ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلسە قوبۇل قىلىڭلار؛ ئەگەر ئۇ ھۆكۈم بېرىلمىسە قوبۇل قىلماڭلار…»- (مائىدە 5/41) دېگەن ئىدى.

ئە- ھەدىس:

 ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە زەيد ئىبنى خالىد (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما) مۇنداق دەيدۇ:

بىر بەدەۋى (سەھرالىق) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئاللاھ ھەققى، ئارىمىزدا ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ھۆكۈم قىلىشىڭنى سورايمەن» دېدى. ئارقىدىنلا ئۇنىڭ رەقىبى – بۇ ئۇنىڭدىن ئاڭلىقراق ئىدى-: «شۇنداق، ئارىمىزدا ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ھۆكۈم قىلغىن ۋە ماڭا گەپ قىلىشىم ئۈچۈن رۇخسەت قىلغىن» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قېنى سۆزلەڭ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئوغلۇم بۇنىڭ يېنىدا ئىشلەيتتى، ئىشلەش ئەسناسىدا بۇنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلدى. بۇ ئارىدا ئوغلۇمغا رەجم جازاسى بېرىش لازىملىقى ماڭا خەۋەر قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئوغلۇمنىڭ گۇناھى ئۈچۈن يۈز قوي ۋە بىر خىزمەتچى فىدىيە بەردىم. ئاندىن ئىلىم ئەھلىدىن بۇ مەسىلىنى سورىدىم. ئۇلار ماڭا:  ‹ئوغلۇڭغا يۈز دەررە ئۇرۇش ۋە بىر يىل سۈرگۈن قىلىش جازاسى بېرىش كېرەك. بۇ كىشىنىڭ ئايالىغا بولسا، رەجم جازاسى بېرىش كېرەك› دەپ جاۋاب بېرىشتى».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ:

«جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدا چوقۇم ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ھۆكۈم قىلىمەن: يۈز قوي بىلەن خىزمەتچى ساڭا قايتۇرۇلىدۇ. ئوغلۇڭغا يۈز دەررە ئۇرۇش ۋە بىر يىل سۈرگۈن قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ» دېدى ۋە ئۇنەيس ئىسىملىك بىر كىشىگە :«ئى ئۇنەيس! بۇ كىشىنىڭ ئايالىنىڭ يېنىغا بېرىپ سورىغىن، ئەگەر ئىقرار قىلسا ئۇنىڭغا رەجم جازاسىنى ئىجرا قىلغىن» دەپ، ئۇ كىشىنى رەجم جازاسىنى ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇنەيس ئۇ ئايالنىڭ يېنىغا باردى، ئايال گۇناھىنى ئىقرار قىلدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمرى بويىچە رەجم قىلىندى[5]».

بۇ ھەدىستىكى «ئاللاھنىڭ كىتابى» تەۋراتتۇر، چۈنكى:

بىرىنچىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان كىتاب قۇرئان كەرىمدە زىناغا، بىر يىل سۈرگۈن قىلىش ۋە رەجم جازاسى بېرىلمەيدۇ.  شۇڭلاشقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدا چوقۇم ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ھۆكۈم قىلىمەن» دېگەن سۆزىدىكى «ئاللاھنىڭ كىتابى» تەۋراتنى كۆرسىتىدۇ.

ئىككىنچىدىن بۇ ھەدىستە بايان قىلىنغان ئەھۋاللار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە مائىدە سۈرىسىنىڭ 41 – ئايىتىدىن 44- ئايىتىگىچە بولغان ئايەتلەرنىڭ نازىل قىلىنىشى بىلەن، تەۋراتتا بايان قىلىنغان رەجم جازاسىنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئىكەنلىكى ئېنىق بىلىنگەندىن كېيىن بولغان.

كۈنىمىزدىكى تەۋراتتا دەررە ئۇرۇش جازاسى يوق.  بۇ ھۆكۈم شۇ چاغدىكى مەدىنە يەھۇدىيلىرىنىڭ قولىدىكى تەۋرات نۇسخىلىرىدا بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭ بىر يىغىندا ياكى بىر بايرام كۈنى خۇتبىسىدە: «توي قىلمىغان كىشى زىنا قىلسا دەررە ئۇرۇمىز. توي قىلغان كىشى زىنا قىلسا رەجم قىلىمىز» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ[6]». 

داۋامى بار ….

[1]  مۇسلىم، «ھۇدۇد»، 28؛ ئەبۇ داۋۇد، «ھۇدۇد»، 26.

[2]  ئەبۇ داۋۇد، «ھۇدۇد»، 26.

[3]  بۇخارى، «ھۇدۇد»، 25.

[4] تەبەرى، جەسساس ۋە قۇرتۇبى قاتارلىق مەشھۇر مۇفەسسىرلەر بۇ ئايەتنىڭ، يەھۇدىيلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى زىنا توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلغان چاغدا نازىل بولغانلىقىنى زىكىر قىلىدۇ.

[5]  بۇخارى، «ھۇدۇد»، 30، «ۋەكالەت»، 13، «شەھادات»، 6، «سۇلھى»، 5، «شۇرۇت»، 9، «ئەيمان»، 3، «ئەھكام»، 39، «ئەخبارۇلئاھاد»، 1، «ئىئتىسام»، 2؛ مۇسلىم، «ھۇدۇد»، 25؛ مۇۋەتتا، «ھۇدۇد»،6؛ تىرمىزى، «ھۇدۇد»، 8؛ ئەبۇ داۋۇد، «ھۇدۇد»، 25؛ نەسەئى، «قۇزات»، 21؛ ئىبنى ماجە، «ھۇدۇد»، 7.

[6] بۇ رىۋايەتنى تەبەرى، بەغەۋى، ئالۇسى، رازى، بەيزاۋى، نەسەفى، زەمەخشەرى ۋە ئەبۇسسۇئۇد قاتارلىق مۇپەسسىرلەر قەسەس سۈرۈسىنىڭ 81- ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە زىكىر قىلىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر