باش بەت > ئەھكام > بۈگۈنكى ئايەت  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

يېتىمنىڭ ھەققىنى يېيىش

قىز بولسۇن ئوغۇل بولسۇن ئاتىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن نارەسىدە بالىلار يېتىم دېيىلىدۇ. بۇنداق بالىلارنىڭ ئاتىسىدىن قالغان مىراس ھەققىنى بەرمەسلىك ياكى تۇلۇق بەرمەسلىك، ئۇلارغا ئائىت ياخشى نەرسىلەرنى ناچار نەرسىلەرگە ئالماشتۇرۋېلىش، ئۇلارنىڭ مېلىنى تىجارەتكە دەسمايە قىلىپ، پايدا ئايرىپ بەرمەسلىك ياكى ھەققىنى تۇلۇق بەرمەسلىك ۋەياكى زىيان تارتسا زىياننى ئۇلارغا ئىتتىرىپ قويۇش … قاتارلىقلار يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋالغانلىق بولىدۇ. يېتىمنىڭ مېلىنى يېيىش ھارامدۇر. يېتىمنىڭ مېلىنى يېيىش ئىنساننى جەھەننەمگە سۆرەيدۇ.

ئاللاھ تائالا يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋالغان كىشىلەرنى بىۋاستە جەھەننەمگە كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّ الَّذِينَ يَأْكُلُونَ أَمْوَالَ الْيَتَامَى ظُلْمًا إِنَّمَا يَأْكُلُونَ فِي بُطُونِهِمْ نَارًا وَسَيَصْلَوْنَ سَعِيرًا١٠﴾

«يېتىملەرنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالىدىغانلار قورساقلىرىغا چوقۇم ئوت يەيدۇ ۋە يېقىندا دوزاخقا كىرىپ كۆيىدۇ» – (4 – سۈرە نىسا، 10 – ئايەت).


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ